ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2015 |
تۆھپىسى: سەر |
|
مورنيو چېلسىغا قايىتىپ كەلگەندىن كېيىن ماتا ئاساسلىق ئورۇندىن ئايرىلىپ قالدى. ئىنگلاد بىرلەشمىسنىڭ چېلسى جەنۇبى ئامپتوننى 3:0 يەڭگەن مۇسابىقىدە، مورىنيو ماتانى مەيداندىن چۈشۈرىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن چېلسى 3 توپ ئۇرۇپ رەقىبىنى يەڭدى. بۇ مورنيونىڭ ماتادىن ۋاز كىچىش ئويىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. ئالدىنقى پەسىلدىكى چېلسىنىڭ ئەڭ ياخشى پۇتبولچسىنىڭ كۈنى تەسلەشتى.
مورنيو ئۆزىنىڭ ماتانى قىشلىق بازاردا ساتقۇسى يوقلىقىنى ئېيتقان. لېكىن ماتانىڭ راسلا كەتكۈسى بولسا بۇنى كۇلۇپمۇ تۇسۇپ قالالمايدۇ. ھازىر ماتا چېلسىدا ئاساسلىق ئەزا بولۇپ ئوينىيالمايۋاتىدۇ، بۇ ئەلۋەتتە ئۇنىڭ دۆلەت كوماندىسىغا كىرىپ دۇنيا لوڭقىسى ئوينىشىشىغا تەسىر يەتكۈزدۇ. شۇڭا ھازىر بەزى تارتقۇلار ماتانى قىشلىق بازاردىلا چېلسىدىن ئايرىلىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلماقتا. تارتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ماتانىڭ دادىسى ھازىر مادرىت، بارسېلونا، ئىنتىر، نابلۇس قاتارلىق كۇلۇبلار بىلەن ماتانىڭ يۆتكىلش ئىشى ئۈستدە سۆھبەتلشۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچدە نابلۇسقا تېرېنىرلىق قىلۋاتقان بىنتىزنىڭ ماتانى بەكلا قۇشۋالغۇسى بار.
مادرىت ۋە بارسېلونانىڭ قىشلىق بازاردا ئوتتۇرا مەيدان كىرگۈزۈش ئېھتىماللىقى تۆۋەن. قېنى ماتا يۆتكىلەمدۇ ياكى يۆتكەلمەمدۇ بۇنى بازار تاقالغاندا ئاندىن بىلگىلى بولىدۇ. |
|