akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1261|ئىنكاس: 43

====گېرمان تەلۋىسى -كىلوپ===( ئوغلانى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئوغلانى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-7 00:50  


  ئۆتكەن 3  يىل  جەريانىدا ،  گېرمانىيەنىڭ قاينام  تاشقىنلىققا  چۆمگەن پۇتبول سەيناسىدا بىر  سېرىق  ساقال ئادەم  دائىملا باشقىلارنىڭ دىققتىنى تارتىپ ، ھەركىتى بىلەنلا  ئەمەس  ئەمەلىي نەتىجىسى بىلەنمۇ نامى  تەرەپ-تەرەپكە  تاراپ كەتتى...بۇ  كىشى پۇتبولخۇمارلار ھەممە  بىلىدىغان سېرىق  ھەرە  ئەسەبى قوماندانى  ، سېرىق  ساقال كىلوپ  ئىدى.    ئۇ  بىر  ئەسكى  تەنزىگە ئوخشاپ  قالغان كوماندىنى ھازىرقى ھالەتكە ئەپكەلدى، ئۇدا ئىككى  يىل  رەقىپىلىرىنىڭ گەدىنىدىن دەسسەپ  تۇرۇپ  گېرمانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيۇنى بولدى، بارا-بارا قۇشۇنىنىڭ ھەيۋىسىنى زورايتىپ ، گېرمانىيەدىن  چىقىپ ،  ياۋرۇپادىكى زاردارلاغا خىرىس قىلىشقا  باشلىدى.خان مادىرىد كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ، ياۋرۇپا ئۇزغانلىق ھەل  قىلغۇچ مۇسابىقىگە  كىرىپ بايرىن  بىلەن  تىغمۇ-تىغ ئېلىشىشى  دۇنيا ئەھلىنى تاڭ  قالدۇردى...5 يىل  ئالدىدا  دورتموند قانداق  ھالەتتە  ئىدى؟ ئەيھەنناس...4 يىل  ئىچىدە   بۇنداق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش ئەپكىلەلەيدىغان مەشقاۋۇل كىمنىڭ ئىسىدە  باردۇر؟ ئىشقىلىپ  مەن ئەسلىيەلمىدىم.

..
  

  كىلوپنىڭ مەشقاۋۇللۇق سەپىرى-  توپچىلىق ھاياتى تولىمۇ ئادەتتىكىچە  بولغان كىلوپ ،  چىكىنگەندىن كىيىن مەشقاۋۇللۇق يولىنى  تاللىدى  ۋە  تىزلا  مېينىز  كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى  بولدى،  بۇرۇنقى سەبداشلىرى ئۇنىڭ قول  ئاستىدىكى  توپچىلارغا ئايلاندى، تۇنجى يىلى ئۇ  كوماندىنى  پەقەت  بىر نۇمۇر يۇقىرى ئۆرلىتەلىدى،  ئىككىنچى يىلىمۇ شۇنداق  بولدى،ئۇچىنچى يىلىدىن  باشلاپ ئامەت قۇشى ئاستا ئۇنىڭ ئەتراپىدا  ئايلىنىشقا  باشلىدى.شۇ  يىلى  مېينىز كوماندىسى ئوڭۇشلۇق گېرمانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىگە  كۆتۈرۈلدى. قىززىق  يىرى شۇ  چاغدا كىلوپنىڭ مەشقاۋۇللۇق گۇۋاھنامىسى  تېخى  چقمىغان ئىدى.....
  دەرىجە ئۆرلەپ  تۇنجى  يىلى مېينىز  كوماندىسى ياۋرۇپا ئىتتىپاق لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئويناش شەرىپىگە ئىرىشتى ئاخىردا شۇ  يىللىق چېمپىيۇن سېرۋىلىيە كوماندىسى  تەرىپىدىن مەغلۇپ  قىلىندى. شۇنىڭدىن  باشلاپ  سېرىق  ساقالنىڭ نامى تېلۋۇزۇر  ۋە ئاخبارات ساھەسىدە  تاراشقا  باشلىدى.2005 -يىللىق قىتئەلەر  لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ، گېرمانىيە دۆلەتلىك تېلۋىزىيە ئىستانىسىسى ئۇنى مۇسابىقە چۈشەندۈرگۈچىسى  قىلىپ  تەكلىپ  قىلدى، ئۇنىڭ  يۇمۇرىستىك، ئاددى  لىكىن  تولىمۇ  چۈشىنىشلىك چۈشەندۇرۇش ئۇسۇلى گېرمانلارنى بەكمۇ  جەلىپ  قىلغان ئىدى. پۇتبول ئاتىسى  بىكىنبور مۇ ئۇنى  تەرىپلەپ« پەقەت كىلوپ مۇسابىقە چۈشەندۇرىدىكەن ، مەن كۆرمەي  قويمايمەن..»  دىگەن ئىدى.
  2006-07 مۇسابىقە پەسلىدە  مېينىز  كوماندىسى  دەرىجە  چۈشۈپ  كەتتى، كىيىنكى پەسىلدە  پەقەت  ئىككى  نۇمۇر پەرىق بىلەن دەرىجە ئۆرلەشتىن مەھرۇم  قالدى، كىلوپمۇ مەشقاۋۇللۇقتىن ئىستىپا  بىرىپ تىلۋىزىيە مۇسابىقە چۈشەندۇرگۈچىلىكىنى قىلىۋەردى. ئەمما  كۆڭلىدە  ئۇ  يەنىلا  مەشقاۋۇللۇق قىلىشنى ئويلاپ يۈردى. 2008-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسىدىن  كىيىن ، ھامبورگ كوماندىسى ئۇنى چاقىرتتى، ئەمما  يۈز  تۇرانە ئىمتىھاندا كىلوپ  كاستۇم كىيمىگەنلىكتىن   نەزەردىن ساقىت  قىلىندى. ئەمما  لىكىن ھامبورگ كۇلۇبى كاتتىلىرى ھازىر ساقاللىرىنى يۇلۇپ مىڭ پۇشايمان  قىلىشىپ بىر-بىرگە  تاپا  قىلىشىپ يۈرىشىدۇ..ئاقىبەتتە   دورتموند كۇلۇبى بۇ تالانت ئىگىسىنى  تۇنۇپ  قالدى  ۋە  2008-يىلى  يازدا ئۇنى كۇلۇپقا  ئەپكىلىۋالدى،  مانا  شۇنىڭدىن  باشلاپ  دورتموند كۇلۇبىنىڭ باھارى  قايتىدىن  يىتىپ  كەلدى...
  


دورتموند  ئەمدى  كىلىپلا  ، سېرىق  ھەرە  مەستانىلىرىگە  چوڭ سوۋغىدىن  بىرنى  سوۋغا  قىلدى، گېرمانيە دەرىجىدىن  تاشقىرى  لوڭقىسىدا 2-1 بىلەن  بايرىن مىيونخېننى  مەغلۇپ  قىلىپ چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى  ئالدى. مانا  بۇ  سېرىق ساقالنىڭ  مەشقاۋۇللۇق  تارىخىدىكى  تۇنجى لوڭقىسى ئىدى. كىلوپنىڭ قوماندانلىقىدا دورتموند  كوماندىسىنىڭ بىرلەشمىدىكى  ئورنى  توختىماي  يۇقىرى  كۆتىرلىشكە  باشلىدى ۋە  ئاخىرى 2011-يىلى گېرمانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيۇنى  بولدى. شۇ  يىلى  دورتموند ئۇدا  8  مەيدان ساھىپخان  مەيدان غەلبە  قىلىش  رىكورتىنى ياراتتى. 3  ئايلانما  بۇرۇن  چېمپىيۇن  بولدى.  كىيىنكى يىلى تېخىمۇ مۇقىم ئىپادىسى  بىلەن بايرىننى قوش  بوغۇزلاپ، 8 نۇمۇر كەينىدىكى ھالەتتىمۇ يەنىلا  چېمپىيۇنلىقنى قولغا  كەلتۇردى.گېرمانيە لوڭقىسىدا  5-2  بىلەن  بايرىننى  مەغلۇپ  قىلىپ دورتموند  تارىخىدىكى تۇنجى قوش  چېمپىيۇنلۇقنى  ئالدى.
   ياۋرۇپا  سەھنىسىدە- دەسلەپكى ۋاقىتلاردا  گەرچە بىرلەشمىدە  ئىپادىسى  ياخشى  بۇلۇپ  كەلگەن  بولسىمۇ ئەمما  دۆلەت سىرتدىكى چوڭ  مۇسابىقىلەردە  ئىپادىسى تولىمۇ ئادەتتىكىچە  بولغان ،  ئەمما كىيىن تەجىربىلەرنى   توپلاپ بارا-بارا   بۇ   مۇسابىقىلەرگىمۇ ئۇستا  بوپ  كەتتى،  بۇلۇپمۇ  ئالدىنقى پەسىلدە  ھالاكەت گۇرۇپپىسىدىن  چىقىپ ، كانچىلار ، مالاگا  ئاخىردا  ھەيران  قالارلىق ھالدا  خان  مادىرىدنى  شاللاپ  ھەل  قىلغۇچقا  بۆسۈپ  كىرىپ  كەتتى.شۇڭا  نۇرغۇن  كىشىلەر  كىلوپنى ، مورىنيونىڭ  خان  مادىرىدتىن  ئايرىلىشقا  سەۋەپچى  بولدى  دەپ  قارىشىدۇ.


  كىلوپنىڭ  ئاجايىپ تاكتىكىسى-  بەش  يىلغا  يېقىن ۋاقىت  ئىچىدە  42  مىليۇن  ياۋرو  يۆتكىلىش ساپ  پايدىسى  ياراتتى. كوماندا  مەشىق تېخنىكىلار ياپۇنىيەدىن 10 يىل  ئالدىدا.
  34  يېشىدىلا  مەشقاۋۇل  بولغان  بۇ  سېرىق  ساقال،  يەنىلا  توپچىلار  بىلە  ئاكا-ئۇكىدەك  قرىنداشلارچە مۇناسىۋەتكە  تولىمۇ  ئەھمىيەت  بىرىدۇ. ئۇ  توپچىلاردىن ئۆزىنى « ئەپەندىم»  ياكى «  مەشقاۋۇل »دەپ  ئاتىماستىن بىۋاستە  ئىسمىنى  توۋلاشنى  تەلەپ  قىلغان. ئۇنىڭ  بۇ  تەرىپىنى توپچىلار  بەكمۇ  ياقتۇرىدۇ  ۋە  ئۇنىڭ  توپچىلار  بىلەن  بىر گەۋدە  بوپ  كىتىشىدىمۇ  مۇھىم  رول ئوينايدۇ. ھەر  قېتىم كوماندا  ئارام ۋاقىتىدا  ئۇ  كوماندىدىكىلەرنى  باشلاپ  سىرتلارغا ساياھەتكە  بارىدۇ  ،  بۇ  چاغدا  ئۇ  پەقەتلا مەشقاۋۇلغا  ئوخشىماي  قالاتتى...ئەكسىچە كوماندا  باشلىقى  بەكرەك  مەشقاۋۇلغا  ئوخشاپ  قالاتتى..
   كىلوپ  ھەربىر  توپچىغا  ئوخشاشلا  ئىنتايىن  سەمىمى  مۇئامىلە  قىلىدۇ. بۇ نۇرغۇن دورتمود  توپچىلىرىنىڭ باشقا  كوماندىغا  بېرىپ  كۈنەلمەي ،يەنىلا دورتموند نى   سېغىنىشىنىڭ  بىر  سەۋەبى  بولسا  كىرەك. بايرىن بازىسىدا يىتىلگەن ۋە  ھەرۋاقىت بايرىن پايلاپ  تۇرىۋاتقان  خۇمىلىسنى ،  كىلوپ  ئىشەنىچ بىلەن كوماندىنىڭ ئارقا  سەپ يادروسى قىلىپ يىتىشتۇردى . بايرىنغا  توپ ئورغان  دەقىقىدە  خۇمىلىس  شىردەك ھۆركىرىگنىچە سېرىق ساقالنى  مەھكەم  قۇچاقلىدى  ۋە  ئەنلىيەن مەيدانىدىكىلەرگە  ئۆزىنىڭ  قېنىنىڭ  ئاللىقاچان  سېرىق  بوپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ  قويدى.

  يەنە  نۇرى  شاھىن ، دورتموندقا  قايتىپ  كەلگەن  شۇ  مىنۇتتا  ئۇنىڭ كۆز  ياشلىرى ئىختىيارسىز ئېقىپ  چۈشتى..ئۇ  ھەقىقەتەن پۇشايمان  قىلغان ئىدى.ئەينى  چاغدا  كاگاۋا  مانچىستىرغا ماڭىدىغان  ۋاقتىدا  كىلوپ بىلەن كاگاۋا بېشىنى  بېشىغا  يېقىشىپ  20  مىنۇت  يىغلاشقان  ئىدى...


   كىلوپنىڭ  ياش  نوتىلارنى  بايقاش  ئىقتىدارى  ھەقىقەتەن  كىشىنى  قايىل  قىلىدۇ. كاگاۋا،  شاھىندىن  كىيىنكى  رويىس  ، لەيۋاندوۋىسكىي،  گۈندوغان  قاتارلىق  ياش  چولپانلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن  يىتىىشىپ  چىقىشى ،  دورتموند كۇلۇبىنىڭ  يولىنى  داۋام  قىلىشىغا  زور  ياردىمى  بولدى. كىلوپنىڭ  تۆھپىسى  پەقەت  ياش  چولپانلارنى  قېزىپ  چىقىشلا  بولماستىن  يەنە   مەشىق-تاكتىكا جەھەتتىكى  ئۆزىگە  خاس  بولغان  يېڭى ئۇسلۇپلار  ئىدى، ئۇنىڭ  قولىدا  گوندۇغان ، لەيۋاندوۋىسكىي  ۋە  گوتىزلار  تولىمۇ  تىز  ئېلگىرلىدى. ھازىر  دورتموند  مەشىق بازىسىدا باشقا  كۇلۇپلاردا  بولمىغان  نۇرغۇن  يۇقىرى  تېخنىلىكىق مەشىق ئۈسكىنىلىرى  بار.



  ئۆزگىچە خارەكتىرىدىكى مەشقاۋۇل-  مورىنو ئۆزىنى «  ئالاھىدە بىرى»  دەپ  ئاتىغان  ۋە  مەيداندىكى ھەركەتلىرى  بىلەن ئەسەبى ئىنسان  دەپ ئاتالغان  ئىدى.  يېقىندا كىلوپ « يېڭى ئەسەبىي ئادەم  »  دەپ  قارىلىپ  كەلمەكتە. كىلوپ  ئۆزىنىڭ  مەيداندىكى « بەدەن  تىل ھەركىتى »  بىلەن  تېخىمۇ  داڭلىق. قارشى  تەرەپ  مەشقاۋۇل ،  توپچىلىرى  ۋە  ھۆكۈمدارلار  بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇنىڭ دەھشەتلىك  چىراي  ئىپادىسىدىن ھەممە  چۆچۈيدۇ. كوماندىسى  توپ   ئۇرغاندا  ۋەھشىلەرچە  تەبرىكلەش  ھەركىتى  ئىشلەپ  ھازىرغىچە  نەچچە كۆز  ئەينىكىنى  سۇندۇرۇپ  بولغان،  بىر  قېتىم  پۇتى  يارلانغان.

    بۇ  سېرىق  ساقالغا  كۆز  تىكىپ  تۇرغان زەردار  كوماندىلار  ئاز  ئەمەس  ئەلۋەتتە. ئەمما كىلوپ   دورتموند  بىلەن  بولغان  توختامغا ئاخىرغىچە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى  بىلدۈرگەن.ئۇ كوماندىسىغا تۇللۇق  ئىشىنىدۇ،  شۇڭا  ھازىرچە  ئۇنىڭ  باشقا  زەردارلارغا  بېرىپ مەشقاۋۇللۇق قىلىش  ئېھتىماللىقى كىچىك.كىلوپنىڭ ئارسىنال  تېرىنىرى ۋېنگىرغا  ئوخشاپ  كىتىدىغان  تەرەپلىرىمۇ  بار. ئۇمۇ  ئوخشاشلا  ئاز پۇل  بىلەن  چوڭ ئۈنۈم ھاسىل  قىلالايدىغان  ئاز  ساندىكى  مەشقاۋۇللارنىڭ  بىرى. دورتموند  نەچچە  يىللار ئىلگىرى ۋەيران  بۇلۇشنى  جاكارلاشقا ئاز  قالغان ئىدى،  شۇڭا  كىلوپ  دورتموندنى قولغا  ئالغان  چېغىدا قولىدا  ھىچقانچىلىك دەسمايە  يوق  ئىدى.ئەمما  نەتىجىدە   كىلوپ شۇ  ھالەتتە  نۇرغۇن ياراملىق  توپچىلارنى  يىتىشتۇرۇپ  چىقتى. كوماندا  ئىنتايىن تۆۋەن  باھادا سېتىۋالغان توپچىلار  ھازىر يۇقىرى سەۋىيەدىكى داڭدار  توپچىلارغا  ئايلاندى.



   دورتموندلىقلار  مانا  مۇشۇنداق  بىر  ئالاھىدە  مەشقاۋۇلغا  ئىگە  بولغىنىدىن تولىمۇ  پەخىرلىنىدۇ. بارلىق دورتموند  مەستانىلىرى قالپىقىنى قولتۇقىغا  قىستۇرۇشۇپ ئۇنىڭغا  ھۆرمىتىنى  بىلدۇرىشىدۇ. پۇتبول  ساھەسىدىكى باشقا  كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا باشمالتىقىنى چىقىرىشماي ئامالى  يوق  ئەلۋەتتە.
  


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 4مۇنبەر پۇلى +240 تۆھپە +10 شۆھرەت +10 تەجرىبە +10 يىغىش سەۋەبى
بايرېن + 50 + 10 + 10 + 10 قالتىس!
ankar528 + 100 قالتىس!
سەبرى22 + 40 قالتىس!
سەۋدا + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-7 00:36:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەبرى22 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-7 00:50  

مەن كىلىوپنى بەك ياقتۇرىمەن،سەۋەبىنى سورىغىڭىز كەلدى ھەقىچان،،،كوماندىنى چىمپىيون قىلغانلىقى ئۈچۈنمۇ ؟ياق....ئەسەبى بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ ؟ بۇنىڭغىمۇ ياق.
ئەمسە نىمىشقا ؟ چۈنكى مۇنداق،،،،،بىر ئادەتتىكى كۇلۇپنى ،بىر توپ نامى چىقمىغان ياشلارنى ،بىر تالاي  يەلكىسىنى بېسىپ تۇرغان قىيىنچىلىقلارنى بىر بىرلەپ يەڭدى.
كوماندىسىدا چولپان يوقتى زارلانمىدى،كۈزەتتى بىر توپ ياشلارنى بايقىدى ،ئۇلارغا پۇرسەت ھەم قىممەت ياراتتى،دادا ئوغلىغا كۆڭۇل بۆلگەندەك بەزىدە ۋاقىراپ بەزىدە ساۋاپ يۇرۇپ بىر بىرلەپ نىمە قىلىشنى ئۆگەتتى،چىن نىيەتتىن زىرىكمەي تىرىكمەي ئۆگەتتى،چۈنكى ئۆغۇل ئاتا تەربىيىسىدىن نىمىلەرنى بىلمەيدۇ ،قانداق يول تېپىشنى ئۆگەنمەيدۇ دەيسىز....
كۆماندىسى ئادەتتىكى كۇلۇپتى. قانداق قىلغاندا مۇنەۋۋەر كۇلۇپ قىلىپ قۇرۇش يولىدا توختىماي ئىزدىنىپ ئاخىرداقۇدىرەتلىك ھەر قانداق كۇۇلۇپ ئىسمىنى ئاڭلىسا تىتىرگىگىدەك كۇلۇپ قىلىپ چىقتى.
ياشلارغا ياخشى پۇرسەت بەردى،،،ئاخىردا پۈتۈن دۇنياغا چولپانلار ئارقىلىقلا جاھان سوراشتىن ئەستايىدىل پەرۋىش قىلىپ مۇستەھكەم ئۇلى ئارقىلىق غەلبە قىلغىلى بۇلدىغاندەك قىممەتىك ھەم ئاچچىق تاتلىق ساۋاقنى بىلدۈردى.....شۇڭا ياشلار ئۇنىڭ گىپىنى تولىمۇ ئاڭلايدۇ خۇددى بىر ئائىلدىكى ئاكا ئۇكىلاردەك ..شۇڭا سىز ئۇلارنىڭ شۇنچىلىك ئىتىپاقلىقىغا ئۇيۇشچانلىقىغا ھەمىشە ھەيران ۋە ھەۋەس قىلىپ قالىسىز ،،مانا بۇ پۇتبولدىكى ئەڭ ئىسىل روھ ..چۈنكى پۇتبول ئەنە ئاشۇنداق ئىتىپاقلىق ۋە ئۇيۇشچانلىق روھى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-7 00:38:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇزىكا  قىستۇرغىلى  بولمايدىغان  قانداق...................ئىش  بۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-7 00:43:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-7 00:43:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىلوپقا مەنمۇ بەك  قايىل
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-7 00:43:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلقۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-7 03:02  

ئادەتتىكى پۇتبولچىدىن قابىل  تېرىنېرغا ئايلانغۇچە ،مېينىز كوماندىسىكى تىرىشىچانلىقدىن دورتىمورىتتىكى ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنىڭ ساھىبى بۇلىشىغىچە بولغان ئەگىر توقاي جەريانلار ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەتنى يەنە بىربالداق كۆتۈردى..ئىشىنىمەنكى ئۇ دۇنيادىكى ھەرقانداق  بىر تېرىنېرنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى،ئۇ قابىل قوماندانلىق ئىقتىدارىغا ئىگە بۇلۇپلا قالماستىن يەنە،باشقىلاردىن پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان تەربىيلەش ئىقتىدارىغا ئىگە..ئۇنىڭ مەيداندىكى  ئەسەبىيلىككە تولغان ھەربىر ھەركەتلىرى بۇ يەردە ئۆزىگە خاس  ئۇسلۇپ ياراتتى،ئۆزىنىڭ تەۋرەنمەس تىز پۈكمەس خاراكتىرى ئارقىلىق دورتىمورت كوماندىسىنىڭ تەۋرەنمەس روھىنى پۈتۈن دۇنياغا  بىلدۈرۈپ قويدى...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-7 00:45:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسىملەرنىڭ تېخىمۇ نوچىلىرىنى تاللىغان بولساڭلار بۇ تېما تېخىمۇ ئېسىل چىقاركەن.
بۇ سېرىق ساقاللىق قېرى ھەرىگە مەنمۇ خېلى قايىل.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-7 00:48:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-7 00:54:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامېرىكا يوللىغان ۋاقتى  2014-1-7 00:43
قايسى موزىكىنى قىستۇراي دىگەن  كىلوپنىڭ خاراكتىىرىگە  ...

نازىركومنى  قىستۇراي  دىگەن............
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-7 00:54:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىلۇپنىڭ تېرنىرلىق سەنئىتىگە مەنمۇ  قايىل . قايىللىقىم  سەبرى دىگەندەك ئادەتتىكى كۇلۇبنى توغرا يولغا باشلىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس ( ئەمەليەتتە دورتمۇد ئادەتتىكى كۇلۇب ئەمەس ، گىرمان بىرلەشمىسىدە ئەزەلدىن كۈچلۈك سانالغان ئەينى يىللىرى  چىخلىق كوللىر بوي ئىگىزلىكى 2 مىتىر كىلىدىغۇ دەيمەن  .... قاتارلىق توپچىلىرى بىلەن ياۋروپانىمۇ سورىغان ).   كىلۇپتا بىرخىل ئەركەكلىك بار ، نوچىلىق بار ، تېرنىر دىگەندە مۇشۇنداق خۇي- پەيىل بولمىسىمۇ  20-30 ئادەمگە باش بولالمايدۇ  .

   يەنە بىر گەپ  باياتىن بىر تىمىدىمۇ  تەنزە دىگەن بۇ سۆزنى كۆردۈم  ، بۇ خەنچىدىكى 摊子  دىگەن گەپ مەنىسى يايما ( كوچىلاردىكى كىچىك سودا قىلىدىغانلارنىڭ  ماللىرى قويۇلدىغان ئۈستەل ياكى ئورۇن ) ، شۇڭا  ئامال بار مۇشۇ سۆزنى ئىشلەتمىسەك .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-7 00:55:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-7 00:57:26 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەشقاۋۇل  بولسا  مۇشۇنىڭ   بېلەن ۋىنگىردەك،مورىنھودەك  بولسا  ،   ھەممىگە     ئوخشاش  مۇئامىلىسى    。    كىلوپنىڭ    كوماندا   ئەزالىرى   توپ ئۇرسا   ،توپ  ئۇرغۇچىدىنمۇ   بەكىرەك   ھاياجانلىنىپ كىتىشى   بەك   كۇلكۇلىك  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 11:51

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش