ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 4041 |
تۆھپىسى: سەر |
|
تېما ئىگىسىگە يەنە تەكلىپىم:
1. گەرچە مۇنبەرگە بولغان قىزغىنلىقىڭىز، تېما يوللاشتىكى تىرىشچانلىقىڭىز نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما يوللىغان تېمىلىرىڭىزنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىڭ. بولۇپمۇ ئىملا مەسىلىسىدە.
2. بۇ تېمىڭىزنىڭ ئالدىدا (بايا يوللىغان) يوللىغان تېمىڭىزنى مەن ئەسكەرتىش بېرىپ قويۇپ، تەستىقلاشتىن ساقىت قىلغان، سەۋەبى يەنە شۇ ئىملا مەسىلىسى ئىدى، كەينىدىنلا بۇ تېمىنى يېزىپسىز، بۇ تېمىڭىزدىمۇ ئىملا مەسىلىسى يوق ئەمەس، شۇنداقتىمۇ سىزنىڭ قىممەتلىك ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، ئەجىر سىڭدۈرۈپ يازغان ئەمگىكىڭىزنى يەنە مەنسىتمەسلىككە ھەققىم يوق، قىزغىنلىڭىزغا سوغۇق سۇ سېپىپ قويغۇم يوق، شۇڭا تېمىڭىزنى تەستىقلاپ قويدۇم. شۇنداقتىمۇ ئەجىر قىلغانكەنسىز، ئەڭ ياخشى ھالەتتە قىلىشقا تىرىشىڭ.
3. باشقۇرغۇچىلارنىڭ باشقىلارنىڭ تېمىسىنى تەھرىرلەشتىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلىرى بار، شۇڭا تېما يالغۇز بىر ئادەمنىڭلا قولىدىن چىقسۇن، ئالدىراقسانلىق بىلەن تېما يوللاپ، خاتالىقلىرىنى بايقىغاندا باشقۇرغۇچىلارغا تاينىۋېلىش خاھىشىدىن يىراقراق تۇرارسىز.
مۇنبىرىمىزنى بىر مەكتەپكە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. يېڭى ئەزالارنى مەكتەپكە يېڭىلا قەدەم قويغان تۆۋەن يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسىغا، كونا ئەزالارنى يۇقىرى يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسىغا ئوخشاتساق بولىدۇ. شۇڭا مۇنبىرىمىزدىكى ھەر قانداق بىر ئەزامۇ مۇقەررەر يېڭى ئەزا دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن. مەنمۇ يېڭى ئەزا بولغاندا نۇرغۇن تەرەپلەردە يېتەرسىز ئىدىم، كونا ئەزالارنىڭ قوللاپ تۇرىشى، بىلمىگەننى ئۆگىتىپ تۇرىشى ئاستىدا مانا ھازىر بەلگىلىك پۇتبول بىلىمىگە ۋە بىر قانچە يىللىق مۇنبەر ئويناش تەجىربىسىگە ئىگە بىر ئەزاغا ئايلاندىم. يېڭى ئەزالارنى يېتەكلەش ماڭا ئوخشاش كونا ئەزانىڭ، شۇنداقلا بىر ئادەتتىكى مۇنبەر باشقۇرغۇچىسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇليىتى دەپ قارىغاچقا سىزگە يۇقارقى گەپلەرنى قىلۋاتىمەن، ئامال بار مەقسىتىمنى توغرا چۈشەنگەن بولسىڭىز! |
|