ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2015 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bangbax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-6 16:52

ئاخشام بارسېلونا ئېلچىنى 4:0 ئۇتۇپ، 2014-يىلنى ئوڭۇشلۇق باشلىۋالدى.مۇسابىقىدىن كېيىن كوماندىنىڭ تېخنىكا نازارەتچىسى سۇبلىتا تارتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:توپچىلار بۇ مەيدان مۇسابىقىنى ناھايىتى ياخشى ئوينىدى. كىينكى ھەپتە كاردىلون مەيدانىدا ئوينىلىدىغان مۇسابىقە مۇھىم بۇلۇپلا قالماستىن، بۇ مەيدان مۇسابىقىمۇ بىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. ئۇ يەنە سانچىس بىلەن پىدرونى ئالاھىدە ماختىدى.
ئۇ مېسسى ئۈستىدە توختىلىپ:مېسسى ھازىر ئاساسەن ئەسلىگەن كىلىپ بولدى. ھازىر ئەسلىگە كىلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا تۇرۋاتىدۇ. قاچان مەيدانغا چىقالايدىغانلىقىنى كۇلۇپ دوختۇرى ۋە باش تېرنىر بىكتىدۇ.
ئاندىن مارتىنو مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مېسسىنىڭ مادرىت رىقابەت بىلەن بولغان مۇسابىقىگە چىقالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:مەن مېسسىنى مادرىت رىقابەت بولغان مۇسابىقىگە چىقالايدۇ دەپ قارىمايمەن. مېسسىنىڭ ھازىرىقى ھالىتى يامان ئەمەس، مەشىقتىكى ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى. لېكىن بىز ئۇ تولۇق ئەسلىگە كەلمىگىچە تەۋەككۈل قىلىپ ئۇنى مەيدانغا چىقارمايمىز..
ئەگەر مېسسى مەيدانغا چىقالمىسا، بەلكىم ئۇنىڭ ئورنىنى فابىرگاس ئوينايدۇ. مارتىنو:بىزنىڭ نۇرغۇن ئەقىللىق توپچىلىرمىز بار. فابرىگاس يالغان 9 .نومۇرلۇق ئورۇننى قانداق ئويناشنى بىلدىغان توپچى.بىراق ھازىر مادرىت رىقابەت بىلەن بولغان مۇسابىقىنى تىلغا ئېلىشقا بالدۇرلۇق قىلىدۇ.ھەپتە ئوتتۇرىدا بىزنىڭ يەنە گىتافى بىلەن ئوينايدىغان شاھلىق لوڭقىسى مۇسابىقىمز بار.
ھەممەيلەن بىلىمىز ھازىر بارسىلونا بۇ پەسىل ئاخرىلاشقاندىن كېيىن تېرىنىر ئالماشتۇردۇ دەيدىغان گەپ-سۆز جىقىيىپ قالدى. بۇ توغرىلىق سورالغان سۇئالغا مارتىنو بۇ ئىشنى بىلمەيدىغانلىقىنى، بۇ ئىشنى ئۆزىنىڭ بەلگىليەلمەدىغانلىقىنى ئېيتتى. |
|