ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 5411 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سېرىق ھەرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-6 12:59
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...
2014 - يىلى 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى سەھەر سائەت 1:45 مىنۇت ئۆتكەندە ئىتالىيە بىرلەشمىسى 18 - ئايلانما مۇسابىقىسى ئوينالدى ، نەتىجىلەر تۆۋەندىكىچە :
يۇۋىنتىس 3 - 0 رىم
بىرلەشمىنىڭ ئالدىدا كىتىپ بارغان يۇۋىنتىس كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا بۇ پەسىل ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولىۋاتقان رىم كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، ئالدىنقى مەيدان باشلىنىپ 17 مىنۇت بولغاندا يۇۋىنتىس توپچىسى بىدار بىر توپ ئۇرۇپ ئۈستىنلىككە ئۆتتى ، كىيىنكى مەيدان باشلىپ مۇسابىقە تىخىمۇ جىددى كەيپىياتتا كەسكىن ئىلىپ بىرىلدى ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 49 مىنۇت بولغاندا يۇۋىنتىس يەنە بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 2 - 0 قىلدى ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 75،76 مىنۇت بولغاندا رىم كوماندىسىنىڭ ئىككى ئەزاسى قىزىل كارتا بىلەن جازالاندى ، 77 مىنۇت بولغاندا يۇۋىنتىس كوماندىسى بىر نوقتا توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 3 - 0 قىلىپ ئۆزمەيدانىدا غەلبە قىلدى ، بۇنىڭ بىلەن رىم كوماندىسىنىڭ ئۇتتۇرماسلىق قەدىمى ئاياغلاشتى ، يۇۋىنتىس كوماندىسى بىرىنجىلىك ئورنىنى مۇقۇملاپ ئىككىنجى ئورۇندىكى رەقىبىنى 8 نۇمۇر كەينىدە قالدۇردى ...
فىلورىنسا 1 - 0 لىۋىرنو
بىرلەشمىدە ئىپادىسى ياخشى بولىۋاتقان فىلورىنسا كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا لىۋىرنو كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ، مۇسابىقە باشلىنىپ ئالدىنقى مەيدان 0 - 0 ئاياغلاشتى ، كىيىنكى مەيدان 66 مىنۇت بولغاندا فىلورىنسا كوماندىسى توپچىسى رودىلىگىس بىر توپ ئۇرۇپ 1 - 0 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىپ 3 نۇمۇرنى قولغا كەلتۈردى ...
چىۋو 0 - 0 كالىيارى
بۈگۈن كەچ ئىتالىيە بىرلەشمىسى 18 ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ داۋامى ئوينىلىدۇ ، ئوينىلىدىغان مۇسابىقىلەر تۆۋەندىكىچە :
ناپولى - سامپودورىيە بۈگۈن كەچ سائەت 17:30 دە ( شىنجاڭ ۋاقتى ) .
پارما - تۇرىن بۈگۈن كەچ سائەت 20:00 دە ( شىنجاڭ ۋاقتى ) .
مىلان - ئاتلانتا بۈگۈن كەچ سائەت 20:00 دە ( شىنجاڭ ۋاقتى ) .
لازىئو - ئىنتىر بۈگۈن كەچ سائەت 23:30 دە ( شىنجاڭ ۋاقتى ) .
|
|