- تىزىملاتقان
- 2012-10-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1385
- نادىر
- 2
- يازما
- 1385
|
ئەڭ يېڭى خەۋەر : بۇ يىلقى ئەرگۇڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا ، ئىككى كوماندا ئايرىم ھالدا جۇڭگو ئا ۋە ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ !
بايا توپ ئارىلاۋىتىپ شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى ئائىت مۇھىم بىر خەۋەر كۆرۈپ قالدىم ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىقى مىنۇتلىرى جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى خۇبېي خۇاكەيئىر (湖北华凯尔) كۇلۇبىنىڭ ساھىبخان مەيدانىنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېلىش خەۋىرى چىققان ئىدى . بۈگۈنكى يېڭى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا بۇ ئىش ئەمەلىيلەشكەن ، ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىگە قاتنىشىدىغان كوماندىنىڭ ئىسمى «شىنجاڭ بوغدا» دەپ ئۆزگەرتىلىپ ، ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىگە قاتنىشىش ئىقتىدارى بولغان بىر ئىككى نەپەر شىنجاڭلىق پۇتبولچىنى قوشىۋالىدۇ .
بۇندىن سىرت ، ئۆتكەن يىلقى دۆلەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تۆتىنچى بولغان كوماندىنى ئاساس قىلغان كوماندا ب دەرىجىلىك بىرلەشمىگە قاتنىشىدۇ . ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى بۇ كوماندىنىڭ بۇ يىلقى ب دەرىجىلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىش رەسمىيەت ئىشلىرىغا تۇتۇش قىلىشقا باشلىدى ، كۆپلىگەن شىنجاڭدىكى كارخانىلار ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلىشىش ئىشى توغرىسىدا بىرلىككە كىلىپ بولدى . ب دەرىجىلىك بىرلەشمىدىكى بۇ كوماندا دۆلەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسىنى ئاساس قىلىپ ، دۆلەت ئىچىدىكى كەسپىي كۇلۇبلاردا توپ تېپىدىغان بىر نەچچە توپچىلارنى قوشىۋلىدۇ . ھەمدە بۇ كوماندا ئا دەرىجىدىكى كوماندىنىڭ ئىككىنچى سەپ كوماندىسى بولۇپ ، كوماندىدىكى ئىقتىدارى يىتەرلىك ئىككى توپچى ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە كوماندىسىغا ئۆرلەپ توپ تېپىدۇ .
ھازىر ، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى خۇاكەيئىر كۇلۇبى بىلەن بىرلىككلە كىلىپ بولدى ، كۇلۇبنىڭ ساھىبخان مەيدانى شىنجاڭدا بولىدۇ . «بىز كۈنلەردىنىڭ بىرىدە شىنجاڭ پۇتبولىنىڭ شىنجاڭ ۋاسكىتبولى بىلەن ئوخشاش سەۋىيەدە بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىمىز .» خۇاكەيئىر كۇلۇبىنىڭ باش دىرېكتورى لىجيەنجوڭ (李建忠) مۇخپىرغا شۇنداق دېدى . ھازىر ئىككى تەرەپ ھەمكارلىشىشنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىۋاتىدۇ ، تەسپىلىي ھەمكارلىشىش شەكلى شىنجاڭ گۇاڭخۈي ۋاسكىتبول كۇلۇبى بىلەن شىنجاڭ ۋاسكىتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ھەمكارلىشىش ئۆرنەك قىلىنىدۇ .
شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن ، خۇاكەيئىرنىڭ ئاساسلىق نىشانى يەنىلا كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىگە ئۆرلەش :«تۇنجى يىلى نىشانىمىز ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىدە توپ دەسسەپ تۇرۇش ، ھەمدە 2-3 نەپەر دەرىجىدىن تاشقىرى ۋە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىلەردە توپ تېپىۋاتقان شىنجاڭلىق توپچىلارنى سېتىۋىلىش ، بۇندىن سىرت ، دۆلەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ئىككى نەپەر ئىلغار نوتىلارنىڭ كوماندىغان قوشۇش . بىز يەنە شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر توپچىلارنى تەربىيلەشنى كۈچۈيتىمىز ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات پىلانىمىز قاتارىدا بار .»
خۇاكەيئىرنى ھەممىدىن بەك جەلپ قىلغىنى ، شىنجاڭدىكى غايەت زور پۇتبول بازىرى :«بىز نەچچە قىتىم كېلىپ كۆزىتىش ئىلىپ باردۇق ، شىنجاڭدا پۇتبول ھەۋەسكارلىرى ناھايىتى كۆپ ، بىراق ئىزچىل كەسپىي پۇتبول كۇلۇبى بولمىغاچقا ، ئا دەرىجىدىكى بىر كۇلۇبنىڭ بولۇشى ، شىنجاڭدىكى كەڭ پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى . ھەر مىللەت قول تۇتۇشۇپ ، بىرلىكتە تىرىشىپ ، شىنجاڭ پۇتبولىنى شىنجاڭ ۋاسكىتبولىغان ئوخشاش دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق كەسپىي كۇلۇب قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز .»
ھازىر خۇاكەيئىر كۇلۇبى جىددى ھالدا توپچى كىرگۈزۈش ئىشىغا تۇتۇش قىلىۋاتىدۇ ، ۋىسېنتې نى تۇتۇپ قالغان ئاساستا ، كۇلۇب ئوتتۇرا ئالدى مەيدانغا ئىككى نەپەر يۇقىرى سەۋىيەلىك چەتئەللىك توپچى كىرگۈزۈپ ، يېڭى پەسىلدە تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلىمەكچى . ئىگېللىنىشىچە ، خۇاكەيئىر شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن ئىسىم ئۆزگەرتىدىكەن ، ھازىرچە تېخى ئىنىق بىكىتىلمىگەن بولسىمۇ ، «شىنجاڭ» سۆزى بولىدىغانلىقى ئىنىق ئىكەن ، ھەمدە «خۇاكەيئىر» ئىسمىمۇ ئۆزگىرەيدىكەن ، «شىنجاڭ بوغدا» نامزاتلارنىڭ بىرى ئىكەن .
مەنبە : بەيدۇ تېمىخانا(百度贴吧) شىنجاڭ پۇتبولى ، شىنجاڭ پۇتبولى سىنا مىكرو بلوگى
يۇقىرىقى ئىككى مەنبە ئىزچىل شىنجاڭ پۇتبولى توغرىسىدا ئەڭ يېڭى ، ئەڭ ئىشەنچلىك مەلۇمات بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن ، ئىككى كۈنگىچە يەنە باشقا خەۋەرلەرمۇ ئېلان قىلىنىدىكەن . ئەگەر بۇ خەۋەر راست بولۇپ قالسا ، بۇ يىل شىنجاڭدىكى مەستانىلەر ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ خۇشاللىق بولىدۇ دەپ ئويلايمەن ، شۇڭا كۆرۈپلا مۇنبەرگە ئىلىپ كەلدىم . |
|