- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7893
- نادىر
- 19
- يازما
- 7893
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-5 22:25
كېيىنكى ھەپتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى خان مادرىد كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا سېلتا كوماندىسىنى كۈتىۋالىدۇ .بۇ مۇسابىقە ئىسپانىيەدىكى ھەرقايسى تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان مۇسابىقە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .يەنى سېلتا كوماندىسىنىڭ تېرىنىرى ئېنرىك ئەڭ قىزىق نۇقتا ! « ماركا گېزىتى » دە كۆرسىتىلىشچە .بۇ ئادەم خان مادرىدنىڭ ئەشەددى خائىنى ئىكەن .ئىسپانىيە دۆلەت دىربىي تارىخىدا ئىككى چوڭ خائىن بار .بىرىنچىسى پورتۇگالىيەلىك فىگو ،يەنە بىرسى دەل مۇشۇ ئېنرىك .ئىسپانىيە توپ مەستانىلىرى بۇ ئىككى چوڭ خائىننى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ .
لۇئىس ئىنرېك پۇتبولچىلىق ھاياتىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا گىيون رىقابەت كوماندىسدا توپ تەپكەن .1991-يىلى يازدا ئېنرىك خان مادرىدقا يۆتكەلگەن .تاكى 1996-يىلغىچە مۇشۇ كوماندىدا توپ تەپكەن .راۋرۇس ئويناپ مادرىد مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالغان .1995-يىلدىكى ئىسپانىيە دىربىيدە 5 : 0 بارسېلونانى قىرغىن قىلغان مۇسابىقىدە ئىنرېك بىر توپ ئۇرغان .1996-يىلى ئويلىمىغان يەردىن بۇ توپچى بارسېلوناغا قاراپ ئاتلانغان .بۇ يەردىمۇ ئوخشاشلا كوماندىنىڭ كوزۇر توپچىسى قاتارىدا مەيدانغا چىققان .ھەتتا ئۇزۇن ئۆتمەي بارسېلونانىڭ يولباشچىسىغا ئايلانغان .8 يىل جەرياندا 300 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 109 توپ ئۇرۇشتەك ياخشى نەتىجىنى ياراتقان .بارسېلونانى باشلاپ جەمئىي 9 قېتىم بېرنابو مەيدانىدا مۇسابىقە ئوينىغان .
مادرىدلىقلارمۇ بۇ ئىشنى قوبۇل قىلالماي ئىنرېكنى تازا تىللىغان .ئىنرېكمۇ چىداپ تۇرالماي بىر قېتىم مۇسابىقىدىن كېيىن مادرىد رەئسىگە زەربە بېرىپ مۇنداق دېگەن .مېنىڭ توپ ئۇرغىنىمنى كۆردىڭمۇ ؟ بېرىپ تازا يىغلىۋال ....قانداقلا بولمىسۇن بۇ توپچى ھەر ئىككىلا كوماندىدا قالتىس ئوينىغان .ئەمما مادرىد مەستانىلىرى قەتئى كەچۈرمەيدىغان توپچى ...مانا ئەمدى تېرېنىرلىق سالاھىيىتىدە مادرىدتقا قوشۇن باشلاپ جەڭ قىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ ....
توپ تەپكۈچى |
|