ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 255 |
جۇغلانمىسى: 2346 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
مۇنبەرداشلارغا مەلۇملۇق ، مۇنبەردە ھەر دائىم خوتەن بىرلەشمىسىگە ئائىت خەۋەر - ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز ، بېكىتىمىز نامىدىنمۇ خوتەن بىرلەشمىسىگە كوماندا قاتنىشىپ يامان ئەمەس نەتىجىلەرگە ئېرىشتى . خوتەن بىرلەشمىسى نەچچە يىللاردىن بۇيان كىچىكلىكتىن بارا - بارا چوڭىيىپ ، ئۆز خاسلىقى ساقلاپ مېڭىۋاتقان ، مەيدان شارائىتىنىڭ ناچار بولۇشىغا قارىماي ، نەچچە يىللاردىن بۇيان توختاپ قالماي مېڭىۋاتقان شىنجاڭ ئىچىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىلەرنىڭ بىرى . ئەلۋەتتە ئۇيغۇرچە پۇتبول تور بېكىتى بولغان ئىكەنمىز ، ئالدى بىلەن شىنجاڭنىڭ پۇتبول ئىشلىرىنى قوللىشىمىز شۇنداقلا ئالغا بېسىشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كىلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز .
ئويلىشىش ئارقىلىق ۋە تورداشلارنىڭ پىكىرىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق مۇنبەردە « شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى » سەھىپىسى ئىچىگە « خوتەن بىرلەشمىسى » نامىدا مەخسۇس خوتەن بىرلەشمىسىگە ئائىت - خەۋەر ئۇچۇرلار يوللىنىدىغان مەخسۇس سەھىپە قۇرۇلدى .
كەلگۈسى پىلاندا يەنە شەرت - شارائىت پىشىپ يىتىلگەندە يۇقارقى بىرلەشمە ئۈچۈن Putbol.Cn بېكەت نامى ئاستىدا مەخسۇس ئورگان بېكىتى ياسىلىدۇ . شۇ يەردىن تېخىمۇ كۆپ خەۋەر - ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايمىز .
ئەگەر رايونىمىزدا يەنە مۇشۇنداق ئىزچىل داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان بىرلەشمە بولسا ، بىز ھەر ۋاقىت ئۇلارنى تەشۋىق قىلىشقا ۋە ئازغىنە ھەسسىمىزنى قوشۇشقا تەييارمىز ! |
|