- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7891
- نادىر
- 19
- يازما
- 7891
|
2013-يىللىق « ئالتون توپ » تارقىتىش مۇراسىمىغىمۇ ئازلا قالدى .1-ئاينىڭ 13-كۈنى مۇكاپات تارقىتىلىدۇ . رونالدو ، مېسسى ، رىبىرى قاتارلىقلار ئالدىنقى ئۈچ نامزات .مېسسىدە ئۈمىد يوق .رىبىرى بىلەن رونالدو بۇ ئىككى توپچىدىن زادى قايسىسى بۇ شەرەپكە نائىل بۇلىدۇ ؟ بۇ ھازىر ئاشىكارلىنىپ قالدى . يەنى « فىرانسىيە پۇتبول ژورنىلى » نىڭ ئىچكى خەۋىرىگە قارىغاندا ،بۇ مۇكاپاتنى رونالدونىڭ ئېلىشى مۇقىملىشىپ بوپتۇ .بىراق رىبىرى مۇخبىرلارنىڭ بېلەت تاشلىشىدا بىرىنچى ئورۇندا ئىكەن .رونالدو بولسا ھەرقايسى تېرىنىرلار ۋە كاپىتانلارنىڭ بېلەت تاشلىشىدا بىرىنچى ئىكەن .مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ، مۇبادا « ئالتون توپ » مۇكاپاتى بىلەن « دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى » بىرلەشتۈرۈلمىگەن بولسا رىبىرى « ئالتون توپ » قا ئېرىشىدىكەن .رونالدو دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بۇلىدىكەن .مۇخبىرلار رىبىرىغا ئەڭ كۆپ بىلەت تاشلىغان .
2010-يىلى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ بۇ ئىككى مۇكاپاتنى بىرلەشتۈرۈپ « ئالتون توپ » مۇكاپاتى قىلىپ بەلگىلىگەن .رونالدو بۇ قېتىم بىلەت سانى جەھەتتە دەسلەپتە كېيىن قېلىپ ئارقىدىن ئېشىپ چۈشكەن .راست شۇنداقمۇ ياكى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بېسىمغا بەرداشلىق بىرەلمەي باشقىچە ئىش قىلدىمۇ ؟ بۇنىسى ئېنىق ئەمەس . يىغىنچاقلىغاندا رىبىرىنىڭ ئۇرغان توپ سانى ئاز .ئەمما قۇلىدا جەمىي بەش لوڭقا ۋە كوماندىنىڭ شەرىپى بار .بۇ جەرياندا تۆككەن قان -تەرى ئاز ئەمەس .بايرىننىڭ بۇ يىل مول-ھۇسۇل ئېلىشىدىكى ئەڭ چوڭ تۆھپىكارى .رونالدودا بولسا بۇ يىل كىرگۈزگەن 69 توپ ۋە پورتۇگالىيەنى دۇنيا لوڭقىسغا ئېلىپ كىرىشتەك تۆھپىسى بار ........ھەي رىبىرى .......ئەپسۇس ...خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى راسىتنلا قارا قول ئىشلەتكەنمىدۇ ؟
توپ تەپكۈچى |
|