- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7891
- نادىر
- 19
- يازما
- 7891
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-3 23:19
1-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى « ESPN » تور بېكىتىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا ،ئىتالىيەنىڭ ناپولى كوماندىسىدىكى ھىگۇايىنغا بىرىنچى قېتىم باھا قۇيۇپ رەت قىلىشقا ئۇچىرغان چېلسى كۇلۇبىنىڭ خوجايىنى ئابلاموۋىچ ۋاز كەچمەي يەنە يېڭىدىن باھا قۇيۇپ بۇ ئارگېنتىنالىق قاتىل ھۇجۇمچىنى قەتئى يۆتكەش قارارىغا كەلگەن .كوماندىنىڭ ھۇجۇم جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ،چېلسى كۇلۇبى ھەتتا كۇلۇپ تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى باھا رېكورتىنى يارىتىشىقىمۇ رازى بولغان .يېقىندا چېلىسى كۇلۇبى ھىگۇايىنغا 50 مىليون ياۋرو باھا قويغان .لېكىن بۇ باھا ناپولى تەرەپنى قوزغىتالمىغان .خەۋەردە كۆرسىتىلىشچە ،بۇ قېتىم ئابلاموۋىچ بۇنىڭدىنمۇ يۇقۇرى باھا قۇيۇشقا تەييارلىنىۋېتىپتۇ . يەنى ھىگۇايىننىڭ باھاسى 60 مىليون ياۋرو بۇلىدىكەن .ئىككى تەرەپ مۇشۇ بىر نەچچە كۈننىڭ ئىچىدە سۆھبەتنى باشلايدىكەن .تاراتقۇلارنىڭ سۆزىگە قارىغاندا ،ھىگۇايىننى يۆتكەش تېرىنىر مۇرىنھونىڭ كۆرسەتمىسى ئىكەن .ھىگۇايىن خان مادرىدتا توپ تېپىپ دۇنياغا تۇنۇلغان .خان مادرىدتقا ۋاكالىتەن ئوينىغان 190 مەيدان مۇسابىقىدە جەمئىي 108 توپ كىرگۈزگەن .ئۆتكەن يىلى يازدا خان مادرىد ھىگۇايىننى ھازىرقى كوماندىسى ناپولىغا 40 مىليونغا سېتىۋەتكەن .ھىگۇايىن ئىتالىيەگە كەلگەندىن كېيىن ئوخشاشلا يۇقىرى توپ ئۇرۇش ئۈنۈمىنى ساقلاپ 21 مەيداندا 13 توپ ئۇرۇپ 6 پاس چىقارغان .
توپ تەپكۈچى |
|