akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 987|ئىنكاس: 13

2013 ياۋروپادىكى چىمپىيۇن بولغان كوماندىلار ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-12-31 17:01:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سېرىق ھەرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-31 17:09  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...



1.jpg



2013 - يىلى ئاياغلىشىقا بىر كۈن قالدى ، 2013 - يىلى ياۋروپا تەۋەسىدىكى ھەرقايسى كوماندىلار چىمپىيۇنلۇققا ئىرىشتى ، بۇنىڭ ئىچىدە گىرمانىيەگە تەۋە كوماندىلارنىڭ نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بىر يىل بولۇپ قالدى ، شۇنداقلا گىرمانىيە كوماندىللىرى بۇ يىل 5 چوڭ تۈرلىك مۇسابىقىدە چىمپپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈردى ، تۆۋەندىكىسى 2013 - يىللىق ياۋروپا تەۋەسىدىكى چىمپىيۇن كوماندىلار :


ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى : بەيرىن . گىرمانىيە زەردارى بەيرىن كوماندىسى ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى گورۇپ مۇسابىقسىدە بىرىنجى بولۇپ گورۇپتىن چىقتى ، سەككىز كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقسىدە ئىنگىلاند كۈچلۈك ئارسىنال كوماندىسىنى شاللاپ سەككىز كۈچلۈككە كىرىدى ، توت كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىدە ئىتالىيە چىمپىيۇنى يۇۋىنتىسنى شاللاپ توت كۈچلۈككە كىرىدى ، ھەل قىلغۇچلۇق مۇسابىقىگە كىرىش مۇسابىقىسىدە ئىسپانىيە زەردارى بارسىلونا كوماندىسىنى يۇقىرى پەرىق بىلەن شاللاپ ھەل قىلغۇچلۇق مۇسابىقىگە كىرىپ بىر بىرلەشمىدىكى دورتمۇند كوماندىسى بىلەن ھەل قىلغۇچلۇق ئويناپ گىرمانىيە زەردارى بەيرىن كوماندىسى ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقسىدە چىمپىيۇن بولدى ...


ياۋروپا ئىتىپاق لوڭقىسى : چىلسى . ئىنگىلاند زەردارى چىلسى كوماندىسى ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ گورۇپ مۇسابىقىسىدە ئۈچىنجىلىككە ئىرىشىپ ياۋروپا ئىتىپاق لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئويناش سالاھىتىگە ئىرىشتى ، چىلسى كوماندىسى بىرقىسىم كۈچلۈك كوماندىلارنى مەغلۇب قىلىپ ھەل قىلغۇچلۇق مۇسابىقىگە كىرىدى ، ياۋروپا ئىتىپاق لوڭقسىى ھەل قىلغۇچلۇق مۇسابىقىدە پورتۇگالىيە زەردارى بىنفىكا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ چىلسى كوماندىسى غەلبە قىلدى ، بۇنىڭ بىلەن چىلسى كوماندىسى ياۋروپا ئىتىپاق لوڭقىسى چىمپىيۇنى بولدى ...


ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى : بەيرىن . ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقسى چىمپىيۇنى بەيرىن كوماندىسى بىلەن ياۋروپا ئىتىپاق لوڭقىسى چىمپىيۇنى چىلسى كوماندىسى ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى مۇسابىقىسنى تالشىش مۇسابىقىسى ئوينىدى ، نەتىجىدە ھەر ئىككىلى تەرەپ 120 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە تەڭلىشىپ قىلىپ نوقتا توپ جىڭىگە قەدەم قويدى ، بەيرىن كوماندىسىنىڭ ۋارتاسى نويىرنىڭ ياخشى ئىپادىسى بىلەن بەيرىن كوماندىسى غەلبە قىلىپ ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىلىرى لوڭقىسى چىمپىيۇنى بولدى ...


ئاياللار ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى : ۋولسۇنبۇرگ . گىرمانىيە ئاياللار پۇتبول كۇلۇبى بولغان ۋولسۇنبۇرگ كوماندىسى ئاياللار ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى ، گورۇپ مۇسابىقسىدىن چىققاندىن كىيىن ئارسىنال قاتارلىق كۈچلۈك كوماندىلارنى مەغلۇب قىلىپ ھەل قىلغۇچلۇق مۇسابىقىگە كىرىدى ، ئاياللار ۋولسۇنبۇرگ كوماندىسى ھەل قىلغۇچلۇق مۇسابىقىدە فىرانسىيە كۈچلۈك بولغان لىيون ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنى مەغلۇب قىلىپ ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى چىمپىيۇنى بولدى ، ۋولسۇنبۇرگ ئاياللار پۇتبول كوماندىسى بەيرىن كوماندىسىغا ئوخشاش 3 شاھ چىمپىيۇن كوماندا بولدى ...


U21 ياشلىقلار ياۋروپا لوڭقىسى : ئىسپانىيە . ئىسپانىيە U21 ياشلىقلار كوماندىسى ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقسىدە ئىپادىسى كۆرنەرلىك ياخشى بولۇپ ھەل قىلغۇچلۇق مۇسابىقىگە كىردى ، ھەل قىلغۇچلۇق مۇسابىقىدە ئىسپانىيە U21 ياشلىقلار كوماندىسى ئىتالىيە U21 ياشلىقلار كوماندىسىنى 4 - 2 نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلىپ U21 ياشلىقلار ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇن بولدى ...


U19 ياشلىقلار ياۋروپا لوڭىقىسى : سىربىيە (塞尔维亚) . سىربىيە ياشلار كوماندىسى ھەل قىلغۇچلۇق مۇسابىقىدە فىرانسىيە ياشلار كوماندىسىنى مەغلۇب قىلىپ بۇ تۈردە چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈردى ...


U17 ياشلىقلار ياۋروپا لوڭقىسى : روسىيە . روسىيە ياشلار كوماندىسى ھەل قىلغۇچلۇق مۇسابىقىدە ئىتالىيە ياشلار كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ نوقتا توپ جىڭىدە غەلبە قىلىپ بۇ تۈردە ئۈچىنجى قىتىم چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈردى ...


ئاياللار ياۋروپا لوڭقىسى : گىرمانىيە . گىرمانىيە ئاياللار پۇتبول كوماندىسى گورۇپ مۇسابىقسىدىن ئوڭۇشلۇق چىقىپ كەتكەندىن كىيىن شاللاش مۇسابىقىللىرىدە ئىپادىسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ ھەل قىلغۇچلۇق مۇسابىقىگە كىردى ، ئاياللار ياۋروپا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچلۇق مۇسابىقىدە گىرمانىيە ئاياللار كوماندىسى نورۋىگىيە ئاياللار كوماندىسىنى مەغلۇب قىلىپ ئالتىنجى قىتىم ئاياللار ياۋروپا لوڭقىسى چىمپىيۇنى بولدى ...


U19 ياشلىق ئاياللار ياۋروپا لوڭقىسى چىمپىيۇنى فىرانسىيە .  U17 ياشلىق ئاياللار ياۋروپا لوڭقىسى چىمپىيۇنى پولشا ( 2012 - 2013 ) . U17 ياشلىق ئاياللار ياۋروپا لوڭقىسى چىمپىيۇنى گىرمانىيە ( 2013 - 2014 ) .



پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-31 17:05:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   baxlan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-31 17:06  

بۇيېل بايرىن يىلى بوپ قالغاندەك پوتبول دۇنياسىغا لوڭقىلارنىڭ ھەممىسىنى مونوپول قىلۋالدى كېلەر يىلى گىرمانىيە دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيونى بوپ قالدىغاندەك تۇيغۇ بار مەندە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-31 17:07:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىرمانىيە  بىلەن بىرازىليە  مۇشۇ   ئېككى دۆلەتتىن بىرسى ئالدۇ دۇنيا لوڭقۇسنى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-31 17:15:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سېرىق ھەرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-31 17:18  

بۇ يىل يەنى 2013 - يىل گىرمانىيەدىكى ھەرقايسى كوماندىللىرىنىڭ مول ھوسۇلغا تولغان بىر يىل بولۇپ قالدى ، بەيرىن كوماندىسى بەش شاھ بولدى ، دورتمۇند كوماندىسى بىرلەشمىدە ئىككىنجىلىكنى ، ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىدا ئىككىنجىلىكنى ۋە گىرمانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى ، گىرمانىيە بىرلەشمىسىدىن 4 كوماندا ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق 16 كۈچلۈك مۇسابىقىسىگە قەدەم باشتى ، گىرمانىيە ئاياللار دۆلەت پۇتبول كوماندىسى ياۋروپا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى ، يەنە شۇ گىرمانىيە ئاياللار ۋولسۇنبۇرگ كوماندىسى ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى ، ئىشقىلىپ بۇ يىل گىرمانىيە پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن ياخشى بىر يىل بولدى ، بۇندىن كىيىنكى يىللاردىمۇ مۇشۇنداق بولشىنى ئۈمۈد قىلىمىز ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-31 17:15:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋولفىسبۇرۇگ دىگەن كۇلۇب بۇرۇن خىلى كۈچلۈك ئىدى گېرمانىيە ئا بىرلەشمىسىدە
ھازىر سىيرلىرى يامانكەندە
wolfusburg.jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-31 17:16:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
9مۇرادىل يوللىغان ۋاقتى  2013-12-31 17:07
گىرمانىيە  بىلەن بىرازىليە  مۇشۇ   ئېككى دۆلەتتىن بىرسى ...

دىدەكلەر    ئېسپانىيە  ياكى  گوللاندىيەنىڭ  ئېمتاھامىدىن  ئۆتشى  كىرەك   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-31 17:17:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
missi2 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-31 17:15
ۋولفىسبۇرۇگ دىگەن كۇلۇب بۇرۇن خىلى كۈچلۈك ئىدى گېرمان ...

قاتىل ئىنكاس
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-31 19:05:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىلمۇ بەيرېن  چىنپىيۇن بۇلۇپ  قالامدۇ بۇ  ئەلپازى بىلەن  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-31 19:47:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-31 20:31:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گېرمانىيە ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندا . 2014 چېمپىيون بۇلۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى . لىكىن پورتۇگالىيە پۇتلاپلا قويمىسا...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-31 21:43:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىرمانىيە بىر ئالسا بولىتى  دۇنيا لوڭقىسىنى ...   . ھەش-پەش دىگچە 2013-يىلىمۇ  تۇگەپ 2014-يىلغا قەدەم قۇيۇپتىمىز ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-31 21:51:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر  بىر  نىمە  دىمەك  يەنىلا  تەس  جۇمۇ،،،،يەنىلا  ئاشۇ  «سىھرلىك  بېلىق»«قويلىرنى » ئىشقا   سالسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-11 06:31

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش