- تىزىملاتقان
- 2013-11-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 37
- نادىر
- 0
- يازما
- 37
|
بارسېلونا پۇتبول چولپىنى خاۋى مادرىد توپچىسى كىرىستىيانو رونالدو بىلەن بايرىن توپچىسى رىبېرىنىڭ ئالتۇن توپنى ئېلىشقا سالاھىتى توشىدىغانلىقىنى ئىتراپ قىلغان . خاۋى : " رونالدو ۋە رىبېرى ھەر ئىككىسىنىڭ ئالتۇن توپنى ئېلىشقا سالاھىتى توشىدۇ ، بىراق ھازىرقى ئەڭ ياخشى توپچى مېسسى ، بىراق قانداق بولۇشتىن قەتئىي نەزەر ، مەن يەنىلا بېلەت تاشلىمايمەن . "
ئالدىنقى پەسىللىك چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ، بايرىن مىيونخىن 7 - 0 نەتىجە بىلەن بارسېلونانى شاللىۋەتكەن ، خاۋى يەنە بىر قېتىم بايرىن بىلەن تۇتۇشۇپ ئۆچ ئېلىشنى ئۈمىد قىلغان . خاۋى : " ئەگەر ئىككى كوماندا يەنە بىر قېتىم ئۇچراشسا ، چوقۇم ئالدىنقى يىلىدىكىگە قارىغاندا كەسكىن بولىدۇ . مەن ئۇلارنىڭ چېمپىيون بولالايدىغان كوماندا ئىكەنلىكىنى بىلىمەن . "
كىلەر يىلى دۇنيا لوڭقىسىدا ئىسپانىيە يەنە بىر قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنى كۆتۈرۈشكە تىرىشىدۇ ، بىراق خاۋىنىڭ قارىشىچە ساھىبخان بىرازىلىيە ئۇلارنىڭ چېمپىيون بولۇش يولىدىكى ئەڭ چوڭ ئاۋارىچىلىق ئىكەن ، خاۋى : " بىز دۇنيا لوڭقىسىنى كۈتىۋاتىمىز ، بىز ئىنتايىن قىيىن بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز ، بولۇپمۇ ساھىبخان بىرازىلىيەگە يولۇققاندا ، ئۇلار بىزنىڭ ئەڭ چوڭ رەقىبىمىز ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر لوڭقىسىدا كۆردۇق ، بىراق بىز يەنە بىر قېتىم چېمپىيون بولۇشقا تىرىشىمىز . "
|
-
|