akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 798|ئىنكاس: 20

‹‹ ئوت ›› ئىچىدىكى ئىنگىلاند بىرلەشمىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-12-31 01:04:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەھمۇدىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-31 01:25  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم

قايسى كۈنى تانكىچاق مۇشۇن ماۋزۇدىكى تېمىدىن بىرنى يازغان ئىدى . بۈگۈن مەن يازماقچى بولغان ماۋۇ تېمامغا شۈشەن ئىسىم تاپالماي   دوراپلا ئەكەلدىم ماۋزۇنى . ئەگەر تانكىچاق ئەپەندىم تېما ئىسمى ھوقۇقىمغا دەخلى-تەرۈز يەتتى دەپ قارىسا تېما ماۋزۇسى دەرھال ئۆزگەرتىلىدۇ   لىكىن بىر شەرىت ئاۋال ماۋۇ تېمىغا ئىسىم تېپىپ بەرسۇن يىشو كاللامنى شۇنداق ئىشلىتىپمۇ مۇۋاپىق بىر ئىسىم تاپالمىدىم

مانا شۇنداق قىلىپ بۈگۈن سەھەردە ئىنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ يېرىم پەسللىك مۇسابىقىسىمۇ ئاخىرلاشتى . ئارسىنال كوماندىسى 42 نومۇر بىلەن يېرىم پەسللىك چىمپىيون بولدى . تۆۋەندە مەن سىلەرگە ئىنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ يېرىم پەسىللىك خۇلاسسى بىلەن چىمپىيونلۇق توغرىسىدىكى كۆز قارىشىمنى ئېلىپ كەلدىم .

ئالدى بىلەن ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ نومۇر تاختىسىنى كۆرۈپ باقايلى .
ئەسكەرتىش :نومۇر تاختىسىغا ئۆزۈم ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونلۇقى ۋە ياۋروپا ئۇزغۇنلار بىرلەشمىسى ۋە ئىتتىپاق بىرلەشمىسى قاتارلىقلارغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن دەپ قارىغان ئالدىنقى 7 كوماندىنىلا يازدىم . يەنى ھازىرغا قەدەر ئىنگىلاند بىرلەشمىسى نومۇر تاختىسىدىكى ئالدىنقى 7 كوماندا شۇ .

تەرتىپ كوماندا مەيدان نومۇر ئۇتۇقتەڭ ئۇتتۇرۇقئۇرغان توپ يىگەن توپساپ توپ
1. ئارسىنال 19 42 13 3 3 37 18 19
2. شەھەرلىكلەر 19 41 13 2 4 54 21 33
3. چېلسى 19 40 12 4 3 35 19 16
4. ئېۋېرتون 1937 10 7 2 31 18 13
5. لىۋېرپۇل 19 36 11 3 5 44 23 21
6. مانچىستېر 19 3410 4 5 32 22 10
7. توتتېنھام 19 34 10 4 5 22 27 -2

يۇقارقىسى ھازىرغا قەدەر ئىنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ نومۇر تاختىسىدىكى ئالدىنقى 7 ئورۇندىكى كوماندىلار . نومۇر پەرقىدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى ، ئەگەردە مۇشۇ كوماندىلار ئىچىدە قايسى بىر كوماندا بىر-ئىككى مەيدان شۇنداقلا دىققەت قىلمايدىكەن ئۇلارنىڭ رەت-تەرتىپىدە ئالەم-شۇمۇل ئۆزگىرىش يۈز بىرىدۇ . بۇنىڭ مىسالى دەل لىۋېرپۇل . كەينى-كەينىدىن ئوينالغان ئىككى مەيدان كۈچلۈكلە ئۇچۇرشىدا لىۋېرپۇل ئۇدا ئىككى مەيدان ئۇتتۇرۇپ قويغاچقا ئەسلىدىكى رەت-تەرتىپتە بىرىنجىلىك ئورنىدىن بىراقلا 4 دەرىجە كەينىگە چۈشۈپ كىتىپ ، رەت-تەرتىپتە 5-ئورۇنغا بېرىپ قالدى . ئەمدىلىكتە لىۋېرپۇلنىڭ 5-لىك ئورنىغا مانچىستېر ، توتتېنھام ۋە نىيۇكاستىل قاتارلىق كوماندىلار خىرىس قىلماقتا ، شۇڭا لىۋېرپۇل كاللىسىنى سىلكىۋەتمىسە بولمايدۇ . مانا بۇ دەل << ئوت >> ئىچىدىكى ئىنگىلاند بىرلەشمىسى .

تۆۋەندە چىمپىيونلۇققا قارتا بولغان كۆز قاراش
ھازىرچە ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدە چىمپىيوننى پەرەز قىلىش ھەقىقەتەن بالدۇرلۇق قىلىدۇ ھەم بىرنەرسە دىگىلى بولمايدۇ . شۇنداقتىمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئويلىغانلىرىنى دەپ باققاننىڭ زىيىنى يوق .

ئالدى بىلەن يېرىم پەسللىك مۇسابىقىدىكى ئىنگىلاند ئەنئەنىۋىي كۈچلۈلىرى + بۇ يىل يازدا 100 مىلىيۇن خەجلىگەن توتتېنھام + قارا تۇلپار دەپ قارىلىۋاتقان ئېۋېرتون قاتارلىق كوماندىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىلەرنى ئەسلەپ باقايلى .

ئارسىنال : تۇنجى مەيداندا ئويلىمىغان يەردىن ئاستۇن ۋىلاغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن باشقا ئىپادىسى ياخشى بولۇپ كەلدى .
ئارسىنالنىڭ كۈچلۈكلەر بىلەن بولغان مۇسابىقىسى نەتىجىسى : ( ئالدىدا يېزىلغان كوماندا ساھىپخان )

ئارسىنال 1-0 توتتېنھام ( 3-ئايلانما )
ئارسىنال 2-0 لىۋېرپۇل ( 10-ئايلانما )
مانچىستېر 1-0 ئارسىنال ( 11-ئايلانما )
ئارسىنال 1-1 ئېۋېرتون ( 15-ئايلانما )
شەھەرلىكلەر 6-3 ئارسىنال ( 16-ئايلانما )
ئارسىنال 0-0 چېلسى ( 17-ئايلانما )

ئارسىنال كۈچلۈكلەر ئۇچىرشىدا 2 مەيدان ئۇتۇپ ، 2 مەيدان تەڭلىشىپ ۋە 2 مەيدان ئۇتتۇرغان . نەتىجسىنى يامان ئەمەس دىيىشكە بولىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆز مەيدانىدا ئىنگىلاند زومىگەرلىرىگە ئۇتتۇرۇپ باقمىدى .

شەھەرلىكلەر :

شەھەرلىكلەر 4-1 مانچىستېر ( 5-ئايلانما )
شەھرلىكلەر 3-1 ئېۋېرتون ( 7-ئايلانما )
چېلسى 2-1 شەھەرلىكلەر ( 9-ئايلانما )
شەھەرلىكلەر 6-0 توتتېنھام ( 12-ئايلانما )
شەھەرلكلەر 6-3 ئارسىنال ( 16-ئايلانما )
شەھەرلىكلەر 2-1 لىۋېرپۇل ( 18-ئايلانما )
شەھەرلىكلەر يەنە 2-3 بىلەن كادىف شەھرى ، 2-3 ئاستۇن ۋىلا ۋە 0-1 ساندىلان قاتارلىق كوماندىلارغا ئۇتتۇرۇپ قويغان .

شەھەرلىكلەر مىھمان مەيدندا چېلسى ئۇتتۇرۇپ قويغىنىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ، قانغان ئىنگىلاند كۈچلۈكلىرى بىلەن ئاساسەن ئۆز مەيدانىدا ئويناپ قاتتىق قىرغىن قىلىپ كەلدى . شەھەرلىكلەرنىڭ يېرىم پەسىلدىكى ئىنگىلاند كۈچلۈكلىرى بىلەن بولغان مۇسابىقىدىكى نەتىجىسى بولسا 4 مەيدان ئۇتۇق ۋە 1 مەيدان ئۇتتۇرۇق . بۇ ھەقىقەتەن بىر قالتىس نەتىجە ھىساپلىنىدۇ .

چېلسى :

مانچىستېر 0 -0 چېلسى ( 2-ئايلانما )
ئېۋېرتون 1-0 چېلسى ( 4-ئايلانما )
چېلسى 1-1 توتتېنھام ( 6-ئايلانما )
چېلسى 2-1 شەھەرلىكلەر ( 9-ئايلانما )
ئارسىنال 0-0 چېلسى ( 17-ئايلانما )
چېلسى 2-1 لىۋېرپۇل ( 19-ئايلانما )
چېىلسى يەنە 0-2 نىيۇكاستىل ۋە سىتوك شەھرى قاتارلىق كوماندىلارغا ئۇتتۇرۇپ قويغان .

يېرىم پەسىللىك مۇسابىقىدە چېلسى ئىنگىلاند ئەنئەنىۋى كۈچلۈكلىرىگە ئۇتتۇرۇپ باقمىدى . چېلسىنىڭ كۈچلۈكلەر بىلەن بولغان نەتىجىسى 2 ئۇتۇق ، 3 تەڭلىشىش ۋە 1 ئۇتتۇرۇق .

لىۋېرپۇل :

لىۋېرپۇل 1-0 مانچىستېر ( 3-ئايلانما )
ئارسىنال 2-0 لىۋېرپۇل ( 10-ئايلانما )
ئېۋېرتون 3-3 لىۋېرپۇل ( 12-ئايلانما )
توتتېنھام 0-5 لىۋېرپۇل ( 16-ئايلانما )
شەھەرلىكلەر 2-1 لىۋېرپۇل ( 18-ئايلانما )
چېلسى 2-1 لىۋېرپۇل ( 19ئايلانما )
لىۋېرپۇل يەنە جەنۇبىي ئاپتىنون ۋە  ھول شەھرى قاتارلىق كوماندىلارغىمۇ ئۇتتۇرۇپ قويغان .

يېرىم پەسىللىك مۇسابىقىدە لىۋېرپۇل ئىنگىلاند كۈچلۈكلىرى بىلەن تۇتۇشقاندىكى نەتىجىسى 2 مەيدان ئۇتۇق ، 1 مەيدان تەڭلىشىش ۋە 3 مەيدان ئۇتتۇرۇق . نەتىجىسى بىر قەدەر تۆۋەن ئورۇندا ،لىكىن بىر پايدىلىق تەرىپى ئىنگىلاند كۈچلۈكلىرى بىلەن ئاساسەن مىھمان مەيداندا ئويناپ بولدى . كىيىنكى يېرىم پەسىلدە كۈچلۈكلەرنى ئۆيىگە سولىۋېلىپ جايلىيالىسا چىمپىيونلۇقتا ئۈمۈد بار .

مانچىستېر :
مانچىستېر 0-0 چېلسى ( 2-ئايلانما )
لىۋېرپۇل 1-0 مانچىستېر ( 3-ئايلانما )
شەھەرلىكلەر 4-1 مانچىستېر ( 5-ئايلانما )
مانچىستېر 1-0 ئارسىنال ( 11-ئايلانما )
توتتېنھام 2-2 مانچىستېر ( 13-ئايلانما )
مانچىستېر 0-1 ئېۋېرتون ( 14-ئايلانما )
مانچىستېر يەنە  غەربىي بېرموۋىچ ۋە نىيۇكاستىل كوماندىللىرىغىمۇ ئۇتتۇرۇپ قويغان .

گۇرگېسىن تەختتىن چۈشۈپ مويېس تەخىتكە چىققاندىن بۇيان مانچىستېرنىڭ ئىپادىسى مەستانىللىرىنىڭ كۈتكۈن يېرىدىن چىقالمىدى . يېرىم پەسىللىك مۇسابىقىنىڭ كۈچلۈكلەر بىلەن بولغان بولغان مۇسابىقىسىدە ئارسىنالدىن باشقا كوماندىلارنى يېڭىپ باقمىدى .


ئەمدى چىمپىيون كوماندىنى پەرەز قىلىپ باقاي

1. شەھەرلىكلەر

يۇقارقى سان-سىفىرلارغا قارىغاندا ھازىرغا قەدەر ئوينالغان 19 مەيدان مۇسابىقىدە چىمپىيونلۇققا ئەڭ يېقىنلاشقان كوماندا دەل مانچىستېر شەھرى . بۇ پەسىلنىڭ يېرىمىدا شەھەرلىكلەرنىڭ ساھىپخان مەيدان ئوت كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بولدى ، ھەم ئىنگىلاند ئەنئەنىۋى كۈچلۈكلىرى بىلەن ئوينىغاندا نەتىجىسى ئىنتايىن ياخشى بولدى . ئاگۈيرونىڭ يارلىنىشىمۇ شەھەرلىكلەرگە جىق ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كىلەلمىدى . كوماندىغا يېڭى قېتىلغان نېگېرىدو ۋە ناۋاس قاتارلىقلارنىڭ ئىپادىسىمۇ ئالاھىدە ياخشى . يەنە بۇلارنىڭ ئورۇندۇق كۈچىمۇ پۈتۈن ئىنگىلاند بويىچە ئەڭ كۈچلۈك .

2-چېلسى

مورىنخو چېلسىدا ئۇزۇن مەزگىللىك پىلان تۈزۈپ قويدى ، لىكىن ئۇنىڭ پىلانىدا بۇ يىل چوقۇم ئىنگىلاند چىمپىيونى بولۇش دەيدىغان پىلان يوق . شۇنداقتىمۇ ھازىرقى چېلسى ئىنگىلاندتا چىپىيونلۇققا خىرىس قىلالايدۇ ، ئەمما 3 چوڭ ھۇجۇمچىسىنىڭ كۈچ بەرمەسلىكى تۈپەيلى بۇمۇ سەل تەسكە توختاپ قېلىشى مۇمكىن .

3-مانچىستېر

ئاساسلىق ئەزالارنىڭ بارا-بارا ساقىيىشى ۋە مويېسنىڭ تاكتىكىسىنىڭ كوماندىغا بارا-بارا سىڭىشى شۇنداقلار كىينكى يېرىم پەسىللىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرلىشىنىڭ مانچىستېرغا پايدىلىق بولىشى مانچىستېرنىڭ ئىپادىسىنى بارا-بارا ياخشىلىتىۋاتىدۇ . كىيىنكى يېرىم پەسىلدە مانچىستېر ھەرقاندا چىمپىيونلۇق ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقان كوماندىلارنىڭ ئۆتمەك تەس بولغان بىر ئۆتكىلىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن . كىيىنكى يېرىم پەسىلدە مانچىستېرمۇ چىمپىيونلۇققا خرىس قىلغان ئۇزغۇنلار لوڭقىسىنىڭ بىلىتىنى قولغا كەلتۈرشى مۇمكىن .

4-ئارسىنال

گەرچە ئارسىنال يېرىم پەسىللىك بىرلەشمىنىڭ چىمپىيونى بولغان بولسىمۇ ، كىيىنكى يېرىم پەسىل ئۇلار ئۈچۈن ئىنتايىن جاپالىق بولىشى مۇمكىن . زىچ مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرلىشى ۋە مۇھىم ئاساسلىق ئەزالىرىنىڭ يىتەرلىك ئارام ئالالماسلىقى رامسىي ۋە ئۆزىل قاتارلىقلارنىڭ يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . بۇ نۇقتا كىيىنكى يېرىم پەسىلدە تېخىمۇ گەۋدىلىنىشى مۇمكىن . ئارسىنال كىينكى يېرىم پەسىلدە بىر-ئىككى مەيدان شۇنداقلا پۇتلۇشۇپ كەتسە ئىشى چاتاق ، شۇڭا ئۇلار داۋملىق ئالدىدا چېپىپ ماڭىمەن دەيدىكەن ئالدى بىلەن ئۆزى چوقۇم ئۇچىرىغان رەقىبىنى يېڭىپ مېڭىشى ۋە كەينىدىكى شەھەرلىكلەر ۋە چېلسىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن پۇتلۇنۇپ كىتىشىنى تىلەپ تۇرىشى كىرەك . بۇ خىل روھى كەيپىيات ۋە بۇ خىل مۇسابىقە رىتىمىدە ئارسىنال ئۇزۇنغا چاپالماسلىقى ، ئايىغىدا يەنىلا بۇرۇنقى ئادىتى بويىچە 4-لىكىنى تالىشىش سەنىمىگە دەسسىشى مۇمكىن .

5-لىۋېرپۇل

گەرچە لىۋېرپۇل ئارسىنال ، شەھەرلىكلەر ، چېلسى ۋە مانچىستېر قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئۇزغۇنلار لوڭقىسى ۋە توتتېنھامغا ئوخشاش ئىتتىپاق لوڭقىسى ئويناشتىن خالىي بولسىمۇ ، نومۇر تاخىتسىدىكى بىرىنجىلىكنى مۇشۇ تارقۇزۇپ قويغىنىچە ئىككىنجى قېتىم بىرىنجىلىك ئورنىغا قەدەم باسالماسلىقى مۇمكىن . لىۋېرپۇلنىڭ ئورۇندۇق كۈچى يۇقارقى 4 كوماندا ئىچىدە ئەڭ ئاجىز ئورۇندا تۇرىدۇ . كىيىنكى يېرىم پەسىلدە بۇلارنىڭ ئىشىمۇ تەسكە توختىشى مۇمكىن .

ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدە ئاجىز كوماندا يوق ، لىكىن يۇقارقى 5 ئىنگىلاند زومىگەرلىرى ئاتىلىشتا بۇلاردىن ئاجىز ئاتىلىدىغان كوماندىلار بىلەن تۇتۇشقاندا ئۇلارغا نومۇر بىرىپ قويىشتىن ساقلىنىپ ، زومىگەرلەر بىلەن زومىگەرلەر ئۇچىراشقاندا ئۆز كۈچىنى ئەمەلىي نامايەن قىلسا مەنچە مۇشۇ 5 كوماندىنىڭ ھەرقاندىغىنىڭ چىمپىيون بولۇش ئىھتىمالى بار .


مەنبە :  ئۆزەم

ئىنگىلاند بىرلەشمىسىنى كۆرۈش تەجىربىللىرىمگە بىرلەشتۈرۈپ تۇرۇپ يېزىپ چىقتىم ، ئەلۋەتتە سەۋىيەم مۇنبەردىكى ئىنگىلاند بىرلەشمىسىنى ئۇزۇن مەزگىل كۆرۈپ كىلىۋاتقان ئىنگىلاند نوچىللىرىغا يەتمەيدۇ . شۇڭا تېمىنى ئوقىغان ئىنگىلاند نوچىللىرىنىڭ تەلىم بىرىشىنى ۋە ئاتىدارچىلىق قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 6مۇنبەر پۇلى +185 تۆھپە +10 يىغىش سەۋەبى
مادرد0908 + 50 قالتىس!
dilhux + 10 قوللاش!
تۇمشۇق + 50 قالتىس!
ooo + 20 قالتىس!
WiRoS + 15 قالتىس!
سەۋدا + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-31 01:10:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېنىم  ئاۋۇ  1 مېليارد  دىگەن  خەلىق  پۇلىمۇ ياكى   ياپۇنىيە  يىنىمۇ


تۇتېنھام  خەجلىگەن  پۇلنى كۆزدە تۇتقان بولسىڭىز  خەجلىگەن  پۇلى  100  مېليۇن  ئەتراپىدا  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-31 01:20:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2013-12-31 01:10
ئېنىم  ئاۋۇ  1 مېليارد  دىگەن  خەلىق  پۇلىمۇ ياكى   ياپۇنى ...

ئىشقىلىپ بېلنى نەچچە پۇلغا ساتتى ؟ دەل شۇ پۇلنى خەجلىدى .
توغرا 1 مىلىيارد بولسا بەك كۆپ بوپ كىتىپتۇ ، 100 مىلىيونچىكەن راست .

خاپا بولماي ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز بوپتىكەن قېرىكا . مەن ئۆزگەرتەي دىسەم يەنە تەستىق كۈتىدىغان ئىش چىقىدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-31 01:20:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-31 01:29:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2013-12-31 01:10
ئېنىم  ئاۋۇ  1 مېليارد  دىگەن  خەلىق  پۇلىمۇ ياكى   ياپۇنى ...

بۇ بۇرادىرىمىز خەلىق پۇلى خەشلەيدىغان ئوخشايدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-31 01:30:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس ئەتراپلىق تەھلىل قىپسىز، ئېسىل تېما بوپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-31 01:47:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىلىسىنى مەن ئۇتتۇرۇپلا يۈردى دەپ ئاچچىقىم كىلىپ يۈرسەم نەتىجىسى خېلى يامان ئەمەسكەنغۇ؟
مورىنھونى بەك نەس باستى دەپ قاپتىكەنمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-31 01:59:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىقابەت بەك كەسكىنلىشىپ كەتتى . قايسى كوماندىنىڭ چېمپىون بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلماق بەك تەس...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-31 02:41:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


بۇ يىل رىقابەت بەكلا كەسكىن   ماۋۇ كوماندا چىمپىيۇن بۇلدۇ دەپ كىسىپلا ئېيتقىلى بولمايدۇ .

8 يىللىق لوڭقىسىز كۇنلەرگە خاتىمە بېردىغان كۇنلەرگىمۇ ئازلا قالدى ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-31 09:55:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوزىل  نەچچە مەيدان مۇسابىقىگە قاتبىشالمىسا  ،  ئارىسنالنىڭ  نەتىجىسى قانداق بۇلۇپ كىتە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-31 10:46:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىكلى كۈن بۇرۇن بىرلەشمىنىڭ چوققىسىدا ئىدۇق ئەمدى يەنە ئى ئېۋىرتوننىڭ كەينىدە قاپتىمىز !!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-31 11:12:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكلىۋىم  :  گۇرگېسىن ئەمەس فوگېسىن
  مانچىستىر توغرىلىق  قىلىنغان مۇلاھىزە جەھەتتە ئىككىمىز ئاساسەن ئوخشاشلىق قاراشتا ئىكەنمىز  مويىسنىڭ تاكتىكىسى مۇشۇنداق ئۈنۈم بېرىپ ماڭسا چىمپىيونلۇق بىردىنمۇ يىراق ئەمەس
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 20:55

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش