akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1870|ئىنكاس: 83

2013-يىللىق ئىمتىھاندا ئەلىيۇلئەلا بولغانلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-12-30 23:30:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   missi2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-31 01:11  

2013-يىلى ئاخىرلىشىدىغانغا ئاز قالغاندا ‹‹پۇتبول مۇنبىرى 2013-يىللىق ئىمتىھان››ى ئېلىنىپ نەتىجىلەرمۇ چىقىپ بولدى، 4كېچە -كۈندۈزلۈك مارافۇنچە ئىمتىھانغا مۇنبىرىمىزدىكى 13مىڭدىن ئارتۇق پۇتبول مەستانىسىدىن 11نەپەر باتۇر ئەزىمەت ھەم قىيىن ھەم قورقۇنىچلىق سوئاللار ئۆتكىلىگە باتۇرلارچە جەڭ ئېلان قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ مۇنبىرىمىزگە بولغان چەكسىز ساداقىتى ھەم پۇتبولغا بولغان يۈكسەك مەستانىلىقىنى يانار تاغ لاۋاسى كەبى ئىتىلىپ چىقىپ نامايان قىلدى.سەبرى22،تۇمشۇق قاتارلىقلار مەھمۇدىيەنىڭ مېداللىرىنى ئوغرىلاش مەقسىتىدە مەيدانغا كىرگەن بولۇپ جاۋاپ يازمايلا قىچىپ كەتكەن.
بۇ جەرياندا ئىمتىھان مەيدانىدا مەھمۇدىيە باش نازارەتچى بولۇپ كۆكرىكىدىكى مېداللىرىنى چاۋشىيەننىڭ قېرى گېنىرالىدەك كۆز-كۆز قىلىپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى سەۋەبسىزلا قورقۇتۇپ ئۇياقتىن بۇياققا غادايغىنىچە مەيدانلارنى ئارىلاپ بەزىدە بولسا قايسى مەيدانلاردا ساھىبجامال ئىمتىھان بەرگۈچىلەر باركىن دىگەندەك مارىلاپ يۈردى،قارىسا ساپلا ئەركەكلەر كېلىپ ئىمتىھان بېرىۋاتقان.. شۇنىڭ بىلەن بىر ئىشخانىغا كىرىپ بىر بۇلۇڭدا ئۇيقىغا كېتىپ قاپتۇ. مۇشۇ ۋاقىتتا ئىمتىھان بەرگۈچىلەردىن ئوسكار بىلەن ۋىرۇس قاتارلىقلارغا سوئاللار قىيىن كېلىپ يازىدىغان نەرسە تاپالماي ياش ۋاقتىدا ئېرىشەلمىگەن قىز ساۋاقداشلىرىغا سالام خەت يېزىپ ئويناپ ئولتۇرغاندا كومىسسىيە ئەلبارىس كېلىپ ئۇلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ ئەستايىدىل جاۋاب يېزىپ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىپ پۇرسەت بەرگەن، ئەمما بۇ ئىككىسى يەنىلا مىراسنىڭ سوئال قەغىزىگە ئوغۇرلۇقچە ئەكىرۋالغان تىلىسكوپ ئارقىلىق نەزەر تاشلاپ مىڭ تەسلىكتە 4نومۇرلۇق توغرا خاتاسىغا ھۆكۈم قىلىش سوئالىنىڭ قىممەتلىك جاۋابىغا ئېرىشىۋالغان. بۇنى كومىسسىيە ئەلبارىس مىكرۇسكوپ ئارقىلىق بايقاپ قىلىپ ئىككىسىنىڭ قەغىزىنى مۇسادىرە قىلىپ ئۆزلىرىنى مەھمۇدىيەنىڭ يىنىغا يوللاپ بەرگەن ،مەھمۇدىيە بولسا چۈشىدىمۇ ‹‹چىلسى، چىلسى ،ئىسلاھات،ئىسلاھات...›› دەپ جۆيلۈپ ياتقان،ئوسكار بىلەن ۋىرۇس بولسا ‹‹سەن قېرى چىلسى دەپ جۆيلىۋەر،بىزگە مادرىد كېرەك›› دىيىشىپ ئىمتىھان مەيدانىدىن خۇشاللىق ياشلىرىنى سۈرتكىنىچە قېچىپ چىققان.
1233272291_13742416.jpg
يەنە بىر مەيداندا بىرنابۇ،پەرزىن قاتارلىق دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇخلان،كوز قاتارلىق تەنەپپۇستا ياخشى ئوقۇغۇچىلار بىللە ئىمتىھان بەرگەن،بۇ مەيداندا كومىسسىيە بولغان مىسسى2 مەكتەپ پۇتبول مەيدانىدىكى قىزلار پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاراپ قالغان پۇرسەتتە  دەرس ۋاقتىدا ئۇخلان بولىدىغان،تەنەپپۇستا سەكرەپ پاخلان بولغان ئۇخلان يوتىسىغا يېزىۋالغان جاۋابلارنى كۆچۈرۋالغان، 4-سوئالنىڭ قىيىنلىقىدىن جاۋاب بېرىش تەس كېلىپ تەرىتى قىستاپ كەتكەن بىرنابۇ سىرتقا چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتە ئوقۇغۇچى كوز ئۇنىڭ يازغان جاۋابىنى ھەرپمۇ ھەرب كۆچۈرۈپ چىققان بولغاچقا كۆزى ئاغرىپ كېتىپ ئۇخلاپ قالغان مەھمۇدىيەنىڭ ئىشخانىسىدىن ئۇنىڭ كۆزەينىكىنى ئوغلاپ كەتكەن ،سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇ بۇ ئىمتىھان بولمىسا مېنىڭ كۆزۈم ئاغرىمايتتى دەپ شۇنداق قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلدى .
balotilli16.jpg

شۇنداق قىلىپ بۇ قېتىملىق يىللىق ئىمتىھاندا بىر تۈركۈم ئەلىيۇلئەلالار بارلىققا كېلىپ مۇنبىرىمىزگە غايەت زور شان -شەرەپلەر بەخىش ئەتتى،بۇندىن كېيىن يەنە بىر تۈركۈم  ياخشىلار ھەم ئۇلارغا ئاتاپ يېزىلغان ناخشىلار بارلىققا كەلگۈسى.

ئەلىيۇلئەلا:   پەرزىن
ئالغان نومۇرى:  94
ئەلا:        مىراس
ئالغان نومۇرى:  86

ياخشى :     بىرنابۇ
ئالغان نومۇرى:  84

ئوتتۇرھال:   كوز
ئالغان نومۇرى:  72

ياشىسۇن 60دىگۈچىلەر:
خەنزۇچە ئامېرىكا   ئالغان نومۇرى 67
ۋىرۇس             ئالغان نومۇرى  65
باش كومىسسار  ئالغان نومۇرى     63


يارلىۋىدە ئېسىلىپ قالغانلار
ئوسكار     ئالغان نومۇرى   56
پاكزات     ئالغان نومۇرى   50
ئېتىقاد     ئالغان نومۇرى   48
ئۇخلان     ئالغان نومۇرى   42


يۇقىرىدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە بېرىلىدىغان مۇكاپات:

ئەلىيۇلئەلا بولغۇچىغا  مۇنبەر پاخال پۇلىدىن  10000ياۋرو يەنى ئونمىڭ  ۋە بىر تال ھىكمەتلىك سۆز

ئەلا بولغۇچىغا         مۇنبەر پاخال پۇلىدىن 5000ياۋرو  ۋە  بىر تال ھىكمەتلىك سۆز

قالغان قېرىنداشلارغا 200ياۋرودىن 1000ياۋروغىچە مۇنبەر پاخال پۇلى بىرىلىدۇ

قاتناشمىغانلار 2014-يىللىق ئىمتىھانغا مەجبۇرى قاتناشتۇرۇلۇپ ئىمتىھان سوئالى بىلەن پۇشمان خاتىرىسىنى تەڭ تاپشۇرۇشقا مەھمۇدىيە تەرىپىدىن  تار كوچىدا ئامالسىز قالدۇرىلىدۇ.

خوش قېرىنداشلار!! ئانچە -مۇنچە قىزىقچىلىق قىلىپ يوللاپ قويدۇم،ھەممىڭلارنىڭ 2014-يىلى خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتۈشىگە تىلەكداشمەن.





باھالاش

قاتناشقانلار سانى 4مۇنبەر پۇلى +200 يىغىش سەۋەبى
سەۋدا + 50 قالتىس!
تۇمشۇق + 50
بىرازىلىيە + 50 قالتىس!
turk222 + 50 ئاپىرىن!!!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-31 01:22:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى  ھىكمەتلىك  سۆز  بولغۇيتى  مەن شۇنىڭغا  قىزقىپ  قالدىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-31 01:24:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن پۇل ئالماي لىكىن رەھمەت ئېيتىمەن

جاۋابىنى دەۋەتمەپسىلە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-31 01:26:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاھا ... ئىمتىھان سۇئالىنى يوللاشقا بولسا يوللاپ قويغان بولسىڭىز، قانداق سۇئاللاركىن بىزمۇ كۈرۈپ باقساق.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-31 02:01:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يار لېۋىدە ئېسىلىپ قالغانلار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-31 02:45:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

      61 ئىسراپچىلىق  60 شەرەپ 59 نۇمۇس  دىگەن قاراشتا چىڭ تۇرغان ئىدىم . ئەمما  شۇنچە يازغان بولساممۇ يەنىلا 60دىن ئېشىپ كىتىپتۇ   


               
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-31 02:46:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئى ھىكمەتلىك سۆزلەرنى ساتاملا ياكى بىزگىمۇ دەپ بېرەملا بېكاغا ؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-31 05:36:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپلا شۇنداق ئۇياتچان ياخشى بالىتىىم...يېڭى سىياسەتنىڭ قارا  بۇلىتىغا ئۇچراپ،قارا تىزىملىككە كىرىپ قاپتىمەن دىسە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-31 06:00:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بەك كەپتۇ  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-31 09:54:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ  راسىت  كەپتۇ  جۇمۇ…   كومپيوتېردا  چىققان  بولسام  بىر كىشىلىك كۆڭلۈم  بار  ئىدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-31 10:16:51 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قىزىقارلىق  يېزىپسىلە  جۇمۇ  ،  شۇڭا مۇشۇ مۇنبەرگە كىرسەم بەك خوشال بۇلۇپ كىتىمەن ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-31 10:37:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كڭلەركى قېتىم يارلىۋىدە قېپقالماسمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 01:11

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش