ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 5458 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سېرىق ھەرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-30 18:17
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...
پولشالىق داڭلىق ھۇجۇمچى لەيۋەندوۋىسكى گىرمانىيە دورتمۇند كوماندىسىدا تۇنۇلدى ، بوپمۇ 2012-2013-يىللىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقسىدە ياۋروپادىكى كۈچلۈك مادىرىد كوماندىسىغا 4 توپ ئۇرۇپ بىراقلا تىخىمۇ نامى چىقىپ كەتتى ...
بۇنىڭ بىلەن بىرقىسىم زەردار كوماندىلار لەيۋەندوۋىسكىنى كوماندىسىغا يۆتكەش ئۈچۈن ھەركەتكە كەلدى ، دورتمۇند كوماندىسى بۇ توپچىنىڭ كىتىدىغانلىقىنى بىلىپ ھەر تەرەپلەردىن ھۇجۇمچى ئىزدەش ئۈچۈن كىرىشىپ كەتتى ...
ئەڭ يىڭى خەۋەرلەردە دىيىلىشىچە لەيۋەندوۋىسكى كىيىنكى يىڭى ئائىلىسىنى بىكىتكەن بولۇپ ئۇ گىرمانىيە زەردارى بايرىن كوماندىسى ئىكەن ، لەيۋەندوۋىسكى بايرىن كوماندىسى بىلەن بىرلىككە كەلگەن بولۇپ 1 - ئاينىڭ 2 - كۈنى توت يىلدىن بەش يىلغىچە توختام تۈزىدىكەن ، لەيۋەندوۋىسكىنىڭ مۇئاشى 11 مىلىيۇن ياۋرو بولىشى مۇمكىن ئىكەن ، بەزى تاراتقۇلار بۇ خەۋەرنىڭ راسلىقىنى دەلىلىگەن ...
لەيۋەندوۋىسكىغا ئىسپانىيەنىڭ مادىرىد كوماندىسى يىقىنلاشقان بولۇپ لىكىن لەيۋەندوۋىسكى بايرىن كوماندىسىنى تاللىغان ، ناۋادا لەيۋەندوۋىسكى بايرىنگە يۆتكەلسە 2014 - يىلى يازدا رەسمى بايرىن كوماندىسىغا قىتىلىدۇ ...
ئەڭ يىڭى خەۋەردە دىيىلىشىچە دورتمۇند كوماندىسى رەئىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ گوندىگاننىڭ كوماندىدىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى ، مادىرىد بىلەن تىخى توختام ئىمزالىمىغانلىقىنى ، بۇنىڭ ئاخبىرات ۋاستىللىرى تاپقان ئويدۇرما خەۋەر ئىككەنلىكىنى بىلدۈردى ، ئۇ يەنە گوندىگان بىلەن توختام ئۇزاتىدىغانلىقىنى ، بايرىن كوماندىسىغا داۋاملىق جەڭ ئىلان قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى ...
|
|