- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7863
- نادىر
- 19
- يازما
- 7863
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-29 14:13
بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى ، بۇ يىل 40 ياشقا كىرگەن گوللاندىيەلىك داڭلىق ئوتتۇرا مەيدان توپچى « ياۋايى چوشقا » دەيۋىس يېشىل چىملىقتىن رەسمىي چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان .دەيۋىس ئېنگىلاند بەشىنچى دەرىجىلىك بىرلەشمىسدە توپ تېپىۋاتقان بولۇپ ،ئالدىنقى ھەپتىنىڭ 6-كۈنى ئېلىپ بېرىلغان بىر مەيدان مۇسابىقىدە ، ھازىرمۇ چۇس مىجەزى ئۆزگەرمىگەن بۇ توپچى ئىككى سېرىق كارتا بىلەن مەيداندىن چۈشۈپ كەتكەن .بۇ دەيۋىسنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقىسى بولۇپ قالغان .ئەمدى دەيۋىس تېرىنىرلىق يۇلىغا قەدەم تاشلايدىكەن .
دەيۋىسنىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتى 1991-يىلى گوللاندىيە بىرلەشمىسىدىكى ئاياكېس كوماندىسىدن باشلانغان .كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا دەيۋىس مۇشۇ كوماندىدا تەرەقى قىلىپ يېتىشىپ چىققان .مەيداندىكى چەبدەس ھەركەتلىرى ،شۇنداقلا ئەجەلىك پاس چىقىرىش ئالاھىدىلىگى بىلەن تېزلا نامى چىقىشقا باشلىغان .1992-يىلى ياۋرۇپا پۇتبول بىرلەشمىسى لوڭقىسىغا ، 1995-يىلى ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى شەرىپىگە ئېرىشكەن .1996-يىلى دەيۋىس ئىتالىيەنىڭ ac مىلان كوماندىسىغا يوتكىلىپ كەلگەن .لېكىن بۇ يەردىكى كۇنلىرى ئاياكېس كوماندىسىدىكىدەك ئۇڭۇشلۇق بۇلۇپ كەتمىگەن .باش تېرىنىرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمەي، ئاخىردا يۇۋىنتۇس كوماندىسغا يوتكىلىپ كەلگەن .دەيۋىس يۇۋىنتۇسقا كەلگەندىن كېيىن ،ئۇزىنىڭ رەسمى ئالتۇن دەۋرىنى كۇتىۋالغان .كوپ قېتىم بىرلەشمە چىمپىيۇنى ۋە ئىتالىيە لوڭقىسى چىمپىيۇنى بولغان .دەيۋىسنىڭ يۇۋىنتۇستىكى كۇنلىرى ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك ئوتتى دىيىشكە بۇلىدۇ .
لېكىن بۇمۇ ئۇزۇنغا بارمىغان .2001-يىل 5-ئايدا پۇتبولچىلارنى ئومۇميۇزلۇك سۇيدۇك تەكشۇرگەندە دەيۋىسنىڭ سۇيدۇك ئەۋرىشكىسى مۇسبەت چىققان .شۇنداقلا دەيۋىس روھلاندۇرغۇچ دورا ئىستىمال قىلغان دەپ ھۇكۇم قىلىنغان .بۇ پۇتۇن دۇنيا مىقياسىدا روھلاندۇرغۇچ دورا ئىستىمال قىلغانلارغا قاتتىق زەربە بېرىۋاتقان مەزگىل بۇلۇپ ،ئاخىردا ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى دەيۋىسغا يەر شارى خاراكتىرلىك مەڭگۇ مۇسابىقىدن چەكلەش جازاسى بەرگەن .بۇ ھەقىقەتەن ئېغىر جازا بۇلۇپ ،دەيۋىس سوتتا ئۇزىنى ئاقلىغان .يەنى دەيۋىس كوز ئوپراتسىيەسى قىلدۇرۇش مەزگىلدە دورا ئىچكەن،بۇ دورىنىڭ تەركىۋىدە روھلاندۇرغۇچ دورا بىرىكمىسى قۇشۇلغان،شۇنىڭ بىلەن تەلەيلىك دەيۋىس ئۇزىنى ئاقلاپ چىققان .ھەمدە قايتىدىن يېشىل چىملىققا قايتىپ كەلگەن .يۇۋىنتۇس توپ مەستانىلىرمۇ بۇ قاۋۇل ئەزىمەتنى قىزغىن قارشى ئالغان .
2004-يىلدىكى يازلىق يوتكىلىش بازىرىدا ، شۇ چاغدىكى يۇۋىنتۇس كوماندىسنىڭ باش تېرىنىرى لىپى دەيۋىسنى ئىسپانىيە بارىسلونا كوماندىسغا ئىجارىگە بېرىۋەتكەن .تېخى يېرىم پەسىل بولماي تۇرۇپلا دەيۋىس كوماندىنىڭ غوللۇق ئەزاىسغا ئايلانغان .بارىسلونا كۇلۇبى گەرچە دەيۋىسنى سېتىۋالماقچى بولغان بولسىمۇ ،لېكىن دەيۋىس يەنىلا ئىتالىيە بىرلەشمىسىدكى ئېنتىر مىلاننى تاللىغان .لېكىن بۇ كوماندىكى ئىپادىسى تېخىمۇ ناچار بولغان .ئېنتىردىكى كۇنىلىرى ئاساسى جەھەتتىن ئۇرۇندۇق بېقىپ ئۇتۇپ كەتكەن .2005-يىلى ئېنتىر مىلان دەيۋىسنى ئېنگىلاند توتىنھام كوماندىسغا سېتىۋەتكەن .توتىنھام كوماندىسدا بىر يېرىم پەسىل مۇسابىقە ئوينىغاندىن كېيىن ،33 ياشقا كىرگەن دەيۋىس پۇتبولچىلىق ھاياتىنى تۇنجى قېتىم باسقان گوللاندىيە ئاياكېس كوماندىسغا قايتىشنى قارار قىلغان .2007-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۇنى ئاياكېس كوماندىسى دەيۋىس بىلەن رەسمى توختام ئىمزالىغان .كېيىن يەنە بىر نەچچە كوماندىدا توپ ئويناپ ئاخىردا ھازىرقى كوماندىسدا توختاپ قالغان .
دەيۋىس 1994-يىلى دولەت كوماندىسغا تاللانغان،دولەت كوماندىسغا ۋاكالىتەن رەسمى چوڭ مۇسابىقىغا قاتناشقان ۋاقتى بولسا 1996-يىلدىكى ياۋرۇپا پۇتبول مۇسابىقىسى بۇلۇپ ،شۇ چاغدىكى گوللاندىيە دولەت كوماندىسنىڭ باش تېرىنىرى نامى چوڭ بولغان ھىدنىك ئىدى .2000-يىلدىكى ياۋرۇپا پۇتبول مۇسابىقىسدە گوللاندىيە دولەت كوماندىسى يېرىم ھەل قىلغۇچقا كىرگەن .لېكىن كۇچلۇك ئىتالىيە كوماندىسى تەرىپىدىن نوقتا توپ جېڭىدە ئېچىنىشلىق شاللىنىپ كەتكەن .2004-يىلىمۇ گۇرۇپ مۇسابىقىسدە كۇچلۇك رەقىبلىرنى بىر-بىرلەپ مەغلۇپ قىلىپ يېرىم ھەل قىلغۇچقا كىرگەن بولسىمۇ لېكىن يەنىلا پورتۇگالىيە كوماندىسى تەرىپىدىن شاللىنىپ كەتكەن .2005-يىلى گوللاندىيە دولەت كوماندىسى دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسى ئويناش جەريانىدا دەيۋىس تىزىملىكتىن چۇشۇپ قالغان .ئاخىردا دەيۋىسمۇ دولەت كوماندىسىن رەسمى چېكىنىپ چىققان .خەير-خۇش « ياۋايى چوشقا » توپ مەستانىلىرى سېنى مەڭگۇ ئەسلەيدۇ ...........
توپ تەپكۈچى
|
|