- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7857
- نادىر
- 19
- يازما
- 7857
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-28 21:44
12-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىسپانىيە « كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى » ياۋروپا بەش چوڭ بىرلەشمىسىدىكى توپ ئۇرۇش ئۈنۈمى ئەڭ يۇقۇرى 10 نەپەر پۇتبولچىنى ئېلان قىلدى .بارسېلونا ھۇجۇمچىسى پىدىرو 1-ئۇرۇنغا ئۆتكەن بولۇپ ،مادرىد ماھارەت كوماندىسىدىكى دىگو -كوستا ۋە لېۋېرپولدىكى سۇيارېز ئالدىنقى 10 ھۇجۇمچىنىڭ ئىچىگە كىرگەن .كىرىستىئانو رونالدونىڭ مۇسابىقە جەريانىدا ئىسراپ قىلىۋەتكەن توپى ئىنتايىن كۆپ بولغان .بۇنى تىزىشتىكى ئاساسلىق تەلەپ ،ھۇجۇمچىلار چۇقۇم بىرلەشمە مۇسابىقىدە 10 دىن ئارتۇق توپ ئۇرغان بولۇشى كېرەك .ئاندىن ئۇلارنىڭ قاپقىغا توپ تەپكەن قېتىم سانى ئارقىلىق توپ ئۇرۇش ئۈنۈمىنى ھېساپلاپ چىقىلىدۇ .
مېسسى بۇ پەسىل يارىلىنشنىڭ دەردىنى تارتقان ،شۇنداقلا ئۇرغان توپ سانىمۇ 10 غا يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇ تىزىملىككە كىرەلمىگەن .پىدىرو بىرلەشمىدە قاپقىغا جەمىي 27 قېتىم توپ تېپىپ بۇنىڭ ئىچىدە 10 توپ كىرگەن .ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن قاپقىغا تەپكەن توپى ئۈچ قېتىمغا يەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا بۇ نەتىجىنى ياراتقان .كوستا بولسا 57 قېتىم قاپقىغا تېپىپ 19 توپ ئۇرغان .بايرىن ھۇجۇمچىسى مەنزۇجىچنىڭمۇ يامان ئەمەس بولۇپ ، كىرودىيەلىك بۇ توپچى 35 قېتىم تېپىپ 10 توپ كىرگۈزگەن .لېۋېرپول ھۇجۇمچىسى سۇيارېز 77 قېتىمدا 19 توپ كىرگۈزگەن .پارىژ سانت ژىرماندىكى كاۋانى ،ئىنتېر مىلاندىكى پالاسىئو قاتارلىق توپچىلارمۇ بۇ تىزىملىككە كىرگەن .
تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىكى شۇكى : خان مادرىد مەرگىنى كىرىستىئانو رونالدو جەمىي 123 قېتىم قاپقىغا تېپىپ پەقەت 18 توپ كىرگۈزگەن .پۇتىغا چۈشكەن توپنى ئاساسى جەھەتتىن قاپقىغا قارىتىپ تەپكەن . 16-ئۇرۇنغا تىزىلغان . يەنە بىر خەۋەرگە قارىغاندا ،رونالدونىڭ ئىختىيارى توپنى ئىسراپ قىلىۋەتكەن سانىمۇ ئىنتايىن كۆپكەن .يۇقۇرى سەۋىيەلىك كىرگەن توپ سانىمۇ بارغانسېرى ئازلاشقا باشلىغان .
توپ تەپكۈچى
|
|