akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 972|ئىنكاس: 30

بايرىن كوماندىسىنىڭ بۇ يىللىق شان-شەرىپى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-12-27 01:23:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلقۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-27 03:33  



2012-يىلى 8 -ئايدىن باشلاپ بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسى ئاز دىگەندىمۇ 100 نەچچە مەيدان مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان بولۇپ ھازىرغىچە بايرىن تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى بىلەن نۇرغۇنلىغان شان -شەرەپلەرگە ئىرىشتى ئونىڭدىن سىرت 5- ئايدىلا 20 نەچچە تۈرلۈك رېكورتلارنى ياراتتى ھەم يېڭلاپ ماڭدى ،موشۇ يىقىندىمۇ بىرلەشمىدە ھانبىروگ كوماندىسىنىڭ 36 مەيدان يېڭىلمەسلىك رېكورتىنى بوزۇپ تاشلاپ ھازىرقى قەدەر 41 مەيدانغا يېڭلاپ كەلدى ئونىڭدىن سىرت ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىمۇ بارسېلۇنانىڭ رېكورتىنى بوزۇپ تاشلاپ ئودا 10 مەيدان غەلبە قىلدى، يەنە 5 لوڭقىنى قولغا كەلتۈرۈش جەريانىدا كۈچلۈك رەقىبلەر بولغان ئارسېنال ، يوۋۇنتۇس، بارسېلونا ، چېلسى قاتارلىق كوماندىلارنى مەغلۇب قىلىپ گېرمان تانكىلىرىنىڭ روھىنى نامايەندە قىلدى.



بىز تۆۋەندە  بايرىن كوماندىسىنىڭ شان شەرەپلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.


1.گېرمانىيە بىرلەشمە چېمپىيونلۇق لوڭقىسى

2013-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسى بۇ يىللىق تونجى لوڭقىنى ئېگىز كۆتۈردى،گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 28-ئايلانما مۇسابىقىسىدە بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسى 1-0 فىرانكىفورت كوماندىسى ئۈستىدىن غەلبە قىلىپ مۇددەتتىن 6-ئايلانما بورۇن بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى، بۇ ئۇلارنىڭ 1963\1964 -پەسىلدىكى كېلون كوماندىسىنى مۇددەتتىن  4-ئايلانما بورۇن  بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىنى قولغا  كەلتۈرۈش رېكورتىنى بوزۇپ تاشلىدى.


126715-d66a3e59d37061cc9e7db592ee5ffdd7.jpg








2.  ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇق لوڭقىسى

2013-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى لوندون ۋىنبولى مەيدانىدا ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغوچ مۇسابىقىسىدە بىر مەيدان گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئىچكى ئورۇشى پارتىلدى.بۇ مەيدان گېرمان دىربىسىدە ھەر ئىككى كوماندا ھەيۋىسىنى كۆرسۈتۈپ بىر-بىرسىگە قاتتىق ھۇجۇملارنى قىلدى،پۈتۈن مەيدان مۇسابىقە 88-مىنۇتقىچە ھەر ئىككى كوماندا بىردىن توپ ئورۇپ ۋاقتىنچە 1-1 نەتىجىدە ئىدى، لېكىن شو بىر مىنۇتتىن كېيىن بايرىن كوماندىسىدىن روبىن بىر توپ ئورۇپ سېرىق ھەرىلەرنى بوغۇزلاپ 12-يىلدىن كېيىن يەنى 2001-يىلدىن بويان يەنە بىر ئوزغۇنلۇق لوڭقىسىنى ئېگىز كۆتۈردى، بۇ ئولارنىڭ  ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى 5 -قېتىم كۆتۈرگىنى ئىدى.


136517-ada98c0bc5604c170cb491c0e1785140.jpg








3.گېرمان بىرلەشمە تارىخىدىكى 3 شاھلىقنى قولغا كەلتۈرۈش.

2013-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسى بىرلىن ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانىدا 3-2 نومۇر بىلەن سىتوگارت كوماندىسىنى ئوتۇپ گېرمان لوڭقىسىنى ئېگىز كۆتۈردى ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە گېرمانىيە پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ تارىختىن بۇيانقى بىرلەشمە لوڭقىسى،  ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇق لوڭقىسى بىلەن بىرگە گېرمان لوڭقىسىنى ئېگىز كۆتۈرگەن بىردىن- بىر 3شاھ كوماندا بولۇپ قالدى.


134815-20e4bd3e4bb6d1a6fbba187ee29d8287.jpg








4.ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى.

2013-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسى ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىنىڭ چېمپيۇنى چېلسى كوماندىسى بىلەن مەيدانغا چۈشتى،ئالدىنقى مەيدان باشلىنىپ 8 مىنۇت بولغاندا چېلسىدىن تۇررىس بىر توپ ئوردى،كىيىنكى مەيدان باشلىنىپلا رىبىرى بىر توپ ئورۇپ نومۇرنى تەڭلەشتۈردى، بۇ 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقە 1-1 تەڭلىشىپ قالغاچقا ئاخىرى 30مىنۇتلۇق قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا ئالدىنقى مەيداندا  چېلسى بر توپ ئوردى ، كىينكى مەيدان ئاخىرلىشىدىغانغا 20 سېكۇنت قالغاندا بايرىن كوماندىسىدىن مارتىنېز بىر توپ ئورۇپ مۇسابىقىنى ئاخىرى نۇقتا توپ جېڭىگە ئىلىپ كىردى، نۇقتا توپ جىڭىدە بايرىن 5-4 نومۇر بىلەن چېلسىنى ئوتۇپ ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىنىڭ چېمپيۇنى بولدى شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئالدىنقى يىلدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ئۈچىنى ئالدى.


108196-b20899fb394cb13a39349f595236a7c1.jpg







5. 5 لوڭقىنى  ئېگىز كۆتۈرۈپ دۇنيانى قايىل قىلدى.
2013-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسى بۇ يىللىق ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقىسى بولۇپ بۇ دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە بايرىن كوماندىسى ساھىپخان كوماندا كاسابولانكا كوماندىسىنى 2-0 نومۇر بىلەن ئوتۇپ بۇ يىللىق چوڭ مۇسابىقىدىكى 5 لوڭقىنى ئېگىز كۆتۈردى.


148861-cf7695681e7cd8b4906b154305836919.jpg

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-27 01:26:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يېلمۇ  ئوخشاشلا  سۇپۇرۇپ  ماڭمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-27 01:45:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇيىل خىرىس كۈچلۈك ،،،،،بەيرىننى چوقۇم بىرسى  بوغۇزلايدىغاندەكلا تۇيغۇبار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-27 01:57:24 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ajamjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-27 01:59  
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2013-12-27 01:26
بۇ يېلمۇ  ئوخشاشلا  سۇپۇرۇپ  ماڭمىز


ئۆتكەن يىلقى قار بۇيىل  مۇزغا ئايلىنىپ  قىلىۋاتىدۇ .سۈپۈرگە   سۈنمىسۇن  باشلىق ھى ھى ھى .
لىكىن بەيرىن  ھازىر بەك غالجىرلىشىپ كەتتى ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-27 02:21:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مىراس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-27 02:28  

2001-يىلى بەيرىن چىمپىيون بولغان 2013-يىلىمۇ بولدى ، نۆۋەت بىزگە كەپ قالدىمۇ نىمە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-27 02:22:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنڭچە بايرىن مادىردقا ياكى شەھەرگە پۇتلشىپ بەرمىسە ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق .  بىزنىڭ بارسىلوناغا كەلسەك ئالدى بىلەن يامان مۇداپئىيەچىدىن بىر نەچىنى ئەكىلىپ گەپ قىلمساق چاتاق .ئالدى بىلەن شەھەر ئۆتكىلدىن ئۆتۋالساقلاچاتاق يوق ئاخىرغىچە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-27 02:59:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەپ ئاز قالدىغۇ مەنمۇ مۇشۇنداق تېمدىن يەنە بىرنى يازدىغانغا ،،،مادىرد 32-لوڭقىنى ئالغاندا بىر نادىر تېما يازغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-27 03:00:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەردىكى ،ئوغلانكام ،قېركام ،ئەلقۇت ،گېرمان ،پۇتبول ،،قاتارلىق بايرىن مەستانلىرنى قىزغىن مۇبارەكلەيمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-27 03:02:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چېمپىئون يوللىغان ۋاقتى  2013-12-27 04:59
خەپ ئاز قالدىغۇ مەنمۇ مۇشۇنداق تېمدىن يەنە بىرنى يازدى ...

ئاز قالماپتۇ يەنە بىر نەچچە يىلغا سۈرۈلۈپ كىتىدىغاندەك قىلدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-27 03:06:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلقۇت يوللىغان ۋاقتى  2013-12-27 03:02
ئاز قالماپتۇ يەنە بىر نەچچە يىلغا سۈرۈلۈپ كىتىدىغاند ...

ئۇندامۇ بوپ كەتمەس ،،،ئالدىنقى پەسىل نۇقتا توپتا ئۇتتاق بولساق ئېنىقلا بىزنىڭ بوپ كېتەتى ،،،بۇ يىل ھەل قىلغۇچتا كۆرشەيلى ،،ئالغا مادىرد ،،ئالغا بايرىن ھەل قىلغۇچ ئۈچۈن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-27 03:45:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەيرىندىن كىيىن مادرىد ئالىدىغان بىر ئىشلار بارغۇ، سۇئارىزنى ئەكىلىۋالساققۇ، ھۇجۇم كۈچىمىزگە تاقابىل تۇرۇش تەستى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-27 03:47:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ئۈستىدىكى رەسىمگە بۇقا دەپ يىزىپ قوياپتا خەنچە، تانكا دەپ يازماي.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-10 12:53

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش