- تىزىملاتقان
- 2010-10-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7753
- نادىر
- 5
- يازما
- 7753
|

ياپونىيلىك توپچى خوندانىڭ مىلەن كۇلۇبىغا قىتىلىشى ۋاقىت مەسىلىسى بوپ قالدى.ئەمما ئۇنىڭ ھازىرقى كوماندىسى موسكىۋا قۇرۇقلۇق ئارمىيە كۇلۇبى ئۇنىڭدىن ئىنتايىن نارازى. موسكۇۋا قۇرۇقلۇق ئارمىيە كۇلۇبىنىڭ باش رەئىسى گىنىل يىقىندا مۇخپىرنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بىرىپ قايناپلا كەتكەن. ئۇ مۇنداق دىگەن: بۇ يىل 6-ئايدا مىلەن ۋەكىلى بىزگە خوندا بىلەن ھىچقانداق سۆھپەت ئىپ بارمىغانلىقىنى ئىيتقان ئىدى. ئەمما راس گەپنى قىلغاندا ئۇلا 2-ئايدىن باشلاپلا كىلىشىم تۈزۈشكە كىرىشىپتىكەن. كىيىن خوندا ۋە ئۇنىڭ ئاكىسى(خوندانىڭ ۋاكالەتچىسى) كۇلۇپ بىلەن داۋاملىق توختام ئۇزارتىدىغانلىقىنى ئىيتقان. لىكىن كىيىن ئۇ توختام ئۇزارتمىدى. ئۇ كىلەر يىلىنىڭ كىلىشىنى ساقلىدى. چۈنكى ئۇنىڭ توختامى كىلەر يىلى توشىدۇ. ئۇ توختام مۇددىتىنى توشقۇزۇپ ئەركىن توپچى ھالىتىدە مىلەنگە قىتىلماقچى. ئەمەليەتتە خوندا بىر ئالدامچى. ئۇ مىلەن بىلەن قول تۇتۇشۇپ بىزنى ئالدىدى. بىز ئۇنى ئىۋىرتون ياكى باشقا كوماندىلاغا بىرىشكە رازى.ئەمما مىلەنگە بىرىشكە ھەرگىز رازى ئەمەس. خوندا مىنىڭچە مىلەنگە باسا بەرىبىر ئاساسلىق ئەزا بولالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۇ يەردە مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى كۆپ بولمايدۇ. ئەلۋەتتە مىنىڭ بۇ قارىشىمدىمۇ خاتالىق بولىشى مۇمكىن. |
|