akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1257|ئىنكاس: 22

ئېنتىرمىلان خۇلىكقا باھا قويدى.

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-12-24 18:03:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى


U8691P6T12D6941783F44DT20131218111629.jpg



  يېقىندىن بۇيان ئېنتىرمىلان كوماندىسنىڭ ئادەم يۆتكەش خەۋىرى توختىماستىن چىقماقتا. مانا ئەمدىلىكتە ئېنتىرمىلان يۇقىرى قاتلىمى رەسمى ھالدا توپچىلارغا باھا قويۇشقا باشلىدى. شۇنداقلا بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسنىڭ غوللۇق ھوجۇمچىسى خۇلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن 45  مىلىيون چىقىرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدرۈردى. ئېنتىر مىلان كوماندىسى جەنۇبى ئامپتوندىكى ئوسۋالدو ۋە شەھەردىكى زېكوغىمۇ ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ ھەر ئىككىلى توپچىنىڭ كوماندىسى ئۇلارنى قەتئىيلا قولدىن چىقىرىشى خالىمىغان. ئاگويرونىڭ يارلىنىشى بىلەن زېكو شەھەر ئۈچۈن يەنىمۇ بىر بالداق مۇھىم ئادەم بولۇپ قالغان.


  خۇلىك بولسا نېيمار بىلەن تەڭلا تونۇلۇشقا باشلىغان توپچى بولۇپ،ئۇ ھازىر بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسنىڭ غوللۇق ھوجۇمچىسى،ئۇ ئالدىنقى يېلى ئويلىمىغان يەردىن تورىنتو كوماندىسىدىن 55 مىلىيونلۇق يۇقىرى باھا بىلەن رۇسىيەنىڭ ساينىت پېتربورگ كوماندىسىغا يۆتىكىلىپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ خەۋەلىرىمۇ بىر مەھەل پەس كويغا چۈشكەن. ئېنتىرمىلان كوماندىسى خۇلىكنىڭ پېتربورگ كوماندسىدا ئانچە خۇشال ئۆتەلمىگەنلىكىدەك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۇنى يۆتكەپ كەلمەكچى بولغان، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۈچۈن 45 مىلىيون چىقىرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق بۇنىڭغا قارىتا ساينىت پېتربورگ تەرەپ تېخى ئىنكاس بىلدۈرمىگەن.

خۇلىك بۇ يىل 27 ياشقا كىرگەن بولۇپ، مەيداندىكى ئورنى ئالدى ھوجۇم، ئۇنىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتنىڭ دەسلەپكى ۋاقتلىرى ئانچە كۆڭۈللۈك ئۆتمىگەن. كۆپ قېتىم باشقى كۇلۇبلارغا ئېجارە شەكلىدە قېتلىغان. 2012-يىلى بىراقلا پارتىلاپ، ھەممە كۇلۇپلارنى دېققىتى تارتقان. ئۇنىڭ كوماندىىسى بىلەن بولغان توختامى 2017-يىلى توشىدۇ. بىراق توختام بۇزۇش ھەققى ئۇنچە يۇقىرى ئەمەس. چۈنكى خۇلىك بورۇنلا يۆتكىلىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ قويغان. دېمە بۇ سودىنىڭ پۇتۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى.



41a0ad9a2e6cbf30f1dff20c6d11bae1.jpg


پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-24 18:08:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدو مانچېستېردىكى ۋاقىتتا  ھېلىقى يىراقتىن ئۇرغان بىر توپى بىلەن پورتۇنى شاللىغان يىلى خۇلك پورتۇدا شۇنداق ياخشى ئوينىغاندەك قىلغان ،شۇ ۋاقىتلاردا بىرەر زەردارنىڭ ئۇنى ئەكىلىۋالمىغىنى قەتتى كاللامدىن ئۆتمەيدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-24 18:10:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ خۇلىك زەردار كوماندىلارغا يارشىدىغان توپچى ئىدى ... مىنىڭچە ئىنتىرغا كەلسىمۇ ئۆزىگە تازا ماس كىلىدۇ ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-24 18:16:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەدەن ، سۈرئەت ھەممىسى بولىدۇ . ئېنتىرغا قوشۇلسا بولاتتى ... روسىيەدە تازا ئېچىلىپ ئوينىيالمىدى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-24 18:18:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدودىن كىيىن  بىرازىلىيەنىڭ  ئوتتۇر  ھۇجۇمچىسى  خۇلىك  بولىدۇ  دەپ  ئويلىغان  ئىدۇق   بىراق  بۇيىتىم  بەزىدە  بار  بەزىدە  يوق   .....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-24 18:23:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ بالنىڭ ئۇتىدا ۋەششى كۇچ بار لىكىن ، تەپكەن توپىلىرى زەمبىرەكنىڭ ئوقىدەك ماڭىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-24 18:23:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىريانوغا  ئوخشىتىمەن  بۇنى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-24 19:11:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇلىك كەلسە ، گۇئارىننىڭ يۆتكىلىش نىسپىتى تېخىمۇ چوڭ بولامدىكى . . .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-24 19:29:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-24 20:24:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكەن يىلى مادرىد بەك كۈچىگەن بۇنىڭغا،  لېكىن مادرىتقا بارمايمەن دەپ ئېنىق ئىپادە بىلدۇرگەنتى بۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-24 20:31:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىل يازدا  ئىسپانغا ئۇرغان  توپى  ئىسسىل بۇنىڭ ...مادىرىت ئەكىلۋالسىمۇ بولاتتى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-24 20:35:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-29 13:23

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش