- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7845
- نادىر
- 19
- يازما
- 7845
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-24 14:08
بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىسپانىيە بىرلەشمىسنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىسدە ،كىرىستىئانو رونالدو بىر توپ ئۇردى . شۇنداق قىلىپ دەرىجىدىن تاشقىرى قاتىل ھۇجۇمچى كىرىستىئانو رونالدونىڭ بۇ يىلقى رەسمىي مۇسابىقىدە كىرگۈزگەن جەمىي توپ سانى 69 دا توختىدى .ھەمدە بۇ نەتىجىسى بىلەن بارسېلونادىكى مېسسىنىڭ بىرىنچلىك ئورنىنى تارتىۋالدى .گەرچە ئېنگىلاند بىرلەشمىسدە مۇسابىقە ئاخىرلاشمىغان بولسىمۇ ، بىراق رونالدونىڭ مەرگەنلىك ئورنىغا تەھدىد ئېلىپ كېلەلمەيدۇ .چۈنكى رونالدو بۇ بىر يىل ئىچىدە باشقا رەقىبلىرىنى خېلى بەكلا كەينىگە تاشلىۋەتتى .2013-يىلى رونالدو بىرلەشمىدە جەمىي 38 ،ئۇزغۇنلۇقتا 15 توپ ،ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسدا 6 توپ ،پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسدا 10 توپ كىرگۈزدى .گەرچە مېسسىنىڭ 91 توپ رېكورتىدىن خېلى يىراق بولسىمۇ ، لېكىن بۇ يىل رونالدونى NO.1 دىيىشكە بۇلىدۇ .رونالدونىڭ « ئالتون توپ » رىقابىتىدىكى كۈچلۈك رەقىبى رىبىرى 22 توپ كىرگۈزگەن .ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى مەرگەن بولسا ئىبرايىموۋىچ بىلەن مېسسى بولۇپ ،بۇ ئىككى توپچى 47 ۋە 45 توپ كىرگۈزگەن .
تۆۋەندىكىسى 2013-يىلى ھەرقايسى تۈردىكى رەسمى مۇسابىقىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن 10 توپچى
1-كىرىستىئانو رونالدو : خان مادرىد ( جەمىي توپ سانى 69 )
2-ئىبرايىموۋىچ : پارىژ سانت ژىرمان ( جەمىي توپ سانى 47 )
3-مېسسى : بارسېلونا ( جەمىي توپ سانى 45 )
4 -سۇيارېز : لېۋېرپول ( جەمىي توپ سانى 42 )
5-كاۋانى : پارىژ سانت ژىرمان ( جەمىي توپ سانى 41 )
6-لەيۋەنتوۋسىكى : دورتىموند ( جەمىي توپ سانى 39 )
7-كوستا : مادرىد رىقابەت ( جەمىي توپ سانى 36 )
8-مارتېنېز : پورتو ( جەمىي توپ سانى 33 )
9-ۋان پېرسى : مانچېستىر بىرلەشمىسى ( 31 توپ )
10-ئاگۈيرو : مانچېستىر شەھىرى ( توپ سانى 30 )
شۇنداق قىلىپ بۇ يىل رونالدو قايتىدىن دۇنيادا بىرىنچى ئورۇنغا ئولتۇردى .كېلەر يىلى رونالدو بىلەن مېسسىنىڭ تېخىمۇ كەسكىن تۇتۇشۇپ توپ مەستانىىرىگە يۇقۇرى سەۋىيىلىك مۇسابىقىدىن ھۇزۇرلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز .خەير-خوش كېلەر يىلى كۈرۈشەيلى ..... |
|