ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3485 |
تۆھپىسى: سەر |
|
tagderem يوللىغان ۋاقتى 2013-12-25 03:43 
قەستەن قۇسۇر تىپىۋاتقىنىم ئەمەس .
دۇ بىگىم فۇگىسىن ...
شۇنچە چۈشەندۈرسەممۇ چۈشەنگىلى ئۇنمايۋاتقىنىنى، ئېرىشىشكە تىگىشلىك مەنپەئەتكە ئېرىشىپ بولدى، 1-ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن بەسەي ئالۋاستى مەستانىلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى ئاشۇ دوڭ فاڭجۇونىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، 2-، جۇڭگولۇق توپچىمىز تۇنجى بولۇپ ياۋروپا زەردارلىرىن مانچىستىر بىرلەشمىسىگە قوبۇل قىلىندى دىگەن مىللىي ھىسياتنىڭ تۈرتكىسىدە تەبىيلا مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ كىيىمىنى سىتىۋالىدىغانلار باشقا زادارلارنىڭكىدىن كۆپىيىدۇ، كوماندىنىڭ مەستانىلىرىنىڭ كۆپىيىشى پاي چېكى باھاسىغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ. مۇشۇ ئۈچ تۈرلۈك مەنپەئەتتىن ئاشۇرۇپ يەنە قانداق مەنپەئەتكە ئېرىشسە بولا سىزنىڭچە؟ مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ ئاسىيا رايونىدىكى مەستانىلىرى ھەرقانداق رايوننىڭكىنى بىسىپ چۈشىدى، جۇڭگو، كورىيە، ياپونىيە قاتارلىق ئاسىيادىكى ئۈچ كۈچلۈك ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان دۆلەتلەردىمۇ ئالۋاستى مەستانىلىرى شۇنداق كۆپ، چۈنكى بۇ كوماندىدا پاك جىسۇڭ، ھازىرقى كاگاۋا، ۋە يۇقىرىدا تىلغا ئىلىپ ئۆتكەن دوڭ پامىلىلىك توپچىلارنىڭ بۇ كوماندىغا قوبۇل قىلىنىشى مۇشۇنداق شارائىتنى ھازىرلىغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە پاك جىسۇڭ خېلى نام قازىنىپ، ئالۋاستىغا يامان ئەمەس كۈچ بەردى، كاگاۋا يامان ئەمەس ئىش قلىپ، ھەر ھالدا 1- سەپ كوماندىدا بار بەزىدە ئاساس، بەزىدە زاپاس دىگەندەك، مۇشۇلارغا ئوخشاش دوڭ فامىلىلىكمۇ 1- سەپ كوماندىغا ئۆرلەپ ئالۋاستىغا تېىخىمۇ كۈچ بىرەلىگەن بولسا، ئىلىپ كەلگەن مەنپەئەتى ئەلۋەتتە تېخىمۇ كۆپ بولاتتى، ئەمما 1- سەپ كوماندىغا يارىغىدەك ئىقتىدار بولمىغاچقا، مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ 1- سەپ كوماندا تىزىملىكىدە بولسىمۇ، تۈزۈك مەيدانغا چىقالمىدى. بۇرۇن بىز بىلەن تەقلىدىي پۇتبول ئوينايدىغان بىر خەنزۇ بار ئىدى، ئۇ چاغلاردا بەزەن ئىشلارنى بىلمىگەچكە ئارىمىزغا ئىلىۋىرىپتىكەنمىز، شۇمۇ دوڭ فاڭجۇو ئۈچۈن ئالۋاستىن تاللايتتى، تەقلىدىي پۇتبولدا دوڭ پامىلىلىكنىڭ تۈزۈك ئىقتىدار بولمىسىمۇ، ئۇنى ئاساسلىق ئوتتۇرا ھۇجۇمچى قىلىپ ئوينايتتى، شۇنىڭغا ئوخشاشلا ئىش، بىزنىڭمۇ كەلگۈسىدە بىرەر ئۇيغۇر يىگىتىمىز ياۋروپا دەرىجىلىك زەردارلارنىڭ بىرەرسىنىڭ 1- سەپ كوماندىسىغا كىرسە، بىزدىمۇ ئۇلارنىڭ كىيىمىنى سىتىۋالىدىغانلار چىقىدىغۇ دەيمەن؟
ئەلۋەتتە يەنە سىتىۋالسا بولىدۇ، بىراق بەسەيلەرنىڭمۇ مۇشۇنداق مۇنبەرلىرى بار، ئۇلارمۇ مۇنازىرىلەردە ياۋروپا ۋە جەنۇبىيي ئامىرىكىدىكى كوماندىلارنىڭ نىمىشقا جۇڭگولۇق توپچىلارنى سىتىۋالىدىغىنىنڭ ماھيىتىنى تونۇپ يىتەلەيدۇ، شۇڭا باشقا كوماندىلار كىيىن مانچىستىرنى دورىسىمۇ، نام قازىنالمىسا، مانچىستىرچلىلىك ئۈنۈم يارىتالمايدۇ دىگەن گەپ. |
|