- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7845
- نادىر
- 19
- يازما
- 7845
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-23 21:55
يېقىندىن بۇيان مېسسى بىلەن بارسېلونا يۇقۇرى قاتلىمى ئوتتۇرسدىكى زىدىيەت بارغانسېرى قاتماللىشىشقا باشلىدى .« كىچىك بۈرگە » مېسسى بۇ پەسىل ئىسپانىيە باج ئۇرۇنلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلدى .ئۇنىڭدىن باشقا دادىسى بىلەن بىرگە پۇل يۇيۇش ئىشى ئوتتۇرغا چىقتى .مۇشۇ جەريانىدا بارسېلونا كۇلۇبى مېسسىنى قوللاپ قويمىدى .ھىچقانداق بىرەر تاراتقۇ ئورنىغا مېسسىنى ئاقلاپ سۆز قىلمىدى .بۇ ئىش مېسسىگە ناھايىتى ئېغىر كەلگەن .تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر ئىش بولسا ، بارسېلونا مۇئاۋىن رەئىسى فائۇس ،مېسسى بىلەن يەنە توختام ئىمزالاشقا ئاساسىمىز يوق دەپ گەپنى ئۆزىۋەتكەن .ئارقىدىن مېسسى بۇ ئادەم « توپ قارغۇسى » دەپ رەدىيە بەرگەن .شۇنىڭغا ئەگىشىپ بەزى تاراتقۇلار توختىماي بۇ ئىشنى خەۋەر قىلىپ ۋەزىيەتنى يامانلاشتۇرۇپ قويدى .
ئەنگىلىيەدىكى بىر قىسىم تاراتقۇلار : « مېسسى بارسېلونادىن ئايرىلىدۇ دەپ خەۋەر قىلىشقا باشلىدى .ھەتتا مانچېستىر شەھىرىدىكى يايا تورى بۈگۈن فىرانىسيە « تەنتەربىيە گېزىتى » نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا : مېسسىنىڭ كېيىنكى ئائىلىسى دەل مانچېستىر شەھىرى كوماندىسى .ئەگەر مېسسى بارسېلونادىن ئايرىلىشنى تالىسا ،شۇنداقلا توختامنى ئۇڭۇشلۇق بىكار قىلالىسا مۇشۇ كوماندىغا قۇشۇلىدۇ .ئەمىلىيەتتە ،بۇمۇ مېسسىغا نىسبەتەن ياخشى تاللاش دىگەن .
« كۈندىلىك پوچتا گېزىتى » نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشچە ، كېلەر يىلدىكى بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن مېسسىنىڭ كەسپىي پۇتبولچىلىق ھاياتىدا چوڭ بۇرۇلۇش بولۇپ قېلىشى مۇمكىنكەن .يەنى مانچېستىر شەھىرى كوماندىسغا يۇقۇرى باھا بىلەن قۇشۇلۇش ئېھتىمالى يۇقۇرىكەن .
توپ تەپكۈچى |
|