- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7845
- نادىر
- 19
- يازما
- 7845
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-23 23:50
12-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى گېرمانىيە « رەسىملىك ژورنىلى » نىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا ،ئەينى چاغدا گېرمانىيە بىرلەشمىسدە توپ تەپكەن بىرازىلىيەلىك داڭلىق ھۇجۇمچى ئالتون پوتبولچىلىق ساھەسىدىن چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىغان .ئالتون ھازىر شىۋىتسارىيە بەشنچى دەرىجىلىك بىرلەشمىسدە توپ تېپىۋاتقان بولۇپ ،يەنە ئىككى يىللىق توختامى بار بولسىمۇ ، بىراق چېكىنىشنى قارار قىلغان .بۇ توپچىنىڭ كەسپىي پۇتبولچىلىق ھاياتىدىكى ئەڭ چاقنىغان ۋاقىتلىرى گېرمانىيە بىرلەشمىسدىكى بېرمىن ،ھامبورگ ،شالىك 04 ، دۇئىسبۇرگ قاتارلىق كوماندىلاردا ئۆتكەن .ھازىرغا قەدەر جەمىي 21 كۇلۇبقا ۋاكالىتەن مەيدانغا چىقىپ باققان .
2004-يىلى بېرمىن كوماندىسدا قالتىس ئويناپ 28 توپ كىرگۈزۈپ « مەرگەن » بولغان .ھەمدە « ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى » بولۇپ باھالانغان .شۇ يىلى كوماندىنى باشلاپ بىرلەشمە ۋە گېرمانىيە لوڭقىسنىڭ چىمپىيۇنى بولغان .سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشچە ،بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى ھۇجۇمچى گېرمانىيە بىرلەشمىسدە 219 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ جەمىي 106 توپ كىرگۈزگەن .2009-يىلى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى چوڭچىڭ لىفەن كوماندىسدا قىسقا ۋاقىت توپ تېپىپ ئايرىلغان .1973-يىلى توغۇلغان « چاقماق » دەپ نامى بار ئالتون : ئەمدى پۇتبولدىن زوق ئېلىشىم تەسكە چۈشتى دەپ چېكىنشنى تاللىغان .( فىلىمىنى كۈرۈڭ )
توپ تەپكۈچى |
|