ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3155 |
تۆھپىسى: سەر |
|
5-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى ئەتتىگەن سائەت 1دە ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 35-ئايلانما مۇسابىقىسى كاردىرون پۇتبول مەيدانىدا ئېلىپ بىرىلدى .نەتىجىدە مېھمان كوماندا بولغان بارسىلونا كوماندىسى 0:6دەك يۇقۇرى نەتىجىدە غەلبە قىلدى . بۇ بارسىلونانىڭ بۇ يىللىق مۇسابىقىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
بۇنىڭ بىلەن بارسىلونانىڭ ئۇمۇمى نۇمۇرى 69 بولدى ، ھەمدە ئۇمۇمى نۇمۇرى ئوخشاشلا 69 بولغان خان جەمەتى مادىرىتتىن قالسىلا 2- ئورۇندا تۇرىدۇ.
مۇسابىقىدا بارسىلونانىڭ مۇتلەق ھۇجۇمچىلىرى بولغان مىسسى ، رونالدىنخو، ئېتو لارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولدى . بۇنىڭ ئىچىدە مىسسى ئىككى توپ كىرگۈزدى ، ئېتو بىر توپ كىرگۈزدى ھەمدە كوماندىدىكى دوستلىرىنىڭ توپ كىرگۈزىشى ئۈچۈن ئۈچ قېتىم ياردەم بىرىپ باش كىيىم ئويۇنىنى تاماملىدى .
رونالدىنخو ، يىنېستا ،زامبۇلوتت قاتارلىقلار ئايرىم -ئايرىم ھالدا بىردىن توپ كىرگۈزدى !
مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر :

 |
|