ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 8371 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا يۈكسەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-23 17:43

يىقىنقى بىر قانچە يىللادىن بۇيان بىرازىلىيەلىك توپچىلانىڭ كۈچى بىلەن ئوبدانلا مول ھوسۇل يىغىپ كۆنۈپ قالغان گۇاڭجو خىڭدا كۇلۇبى بىرازىلىيەدىن يەنە توپچى سىتىۋالدى. بىرازىلىيە كۈشلۈك كۇلۇبى سانتوس كوماندىسىنىڭ24ياشلىق بىرازىلىيلىك ئارقا بەل توپچىسى رونىيول 1-ئاينىڭ20-كۈنىدىن باشلاپ رەسمى ھالدا گۇاڭجۇ خىڭداغا كىلىپ كوماندىغا ئۆزىنى دوكلات قىلىدۇ. رونىيول سانتۇس كۇلۇبىنىڭ يىڭى مەشقاۋۇلىنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن،يەنى سانتۇس كۇلۇبى تىرنىر ئالماشتۇرغاندىن كىيىن رونىيۇل ئىزچىل مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمىگەن. شۇ سەۋەپ بۇ قىتىملىق سودا ئانچە تەسكىمۇ توختىمىغان. رونىيولنىڭ يۆتكىلىش باھاسى تىخى ئاشكارلانمىغان بولسىمۇ ئەمما مەلۇماتلادىن مەلۇم بولىشچە باھا ئانچىمۇ يۇقىرى بوپ كەتمىگەن. يىڭى پەسىلدىن باشلاپ خىڭدا كۇلۇبىدا بۇ بىرازىلىيلىك توپچى ئۆزىدىن باشقا 3نەپەر جۇڭگۇلۇق ئارقا بەل توپچىسىنى ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ قويىشى مۇمكىن.
ئىسىمى: رونىيول
مەيداندىكى ئورنى: ئارقا بەل، ئوتتۇرا مەيدان
يىشى:24ياش.
بوي ئىگىزلىكى:1مىتىر81
ئىغىرلىقى:75
دۆلىتى: بىرازىلىيە
توپ تىپىشى:ئوڭ پۇت

خىڭدا كۇلۇبىنىڭ ئاسىيا چىمپىيۇنى بولىشى ئۈچۈن ھالقىلىق تۈرۈتكە بولغان ئارگىنتىنالىق توپچى كونكا دۇنيا كۇلۇپلا لوڭقىسىدىن كىيىن كوماندىدىن رەسمى خوشلاشتى. كونكا خىڭدا كۇلۇبى ئۈچۈن جەمئى 100مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان بولۇپ،54توپ كىرگۈزگەن. شۇنداق قىلىپ بۇ ئارگىنتىنالىق توپچى نۇرغۇن پۇلنىڭ ئىگىسىگە ئايلىنىپ جۇڭگودىكى سودىسىنى ئاخىرلاشتۇردى. ئۇ ئەمدى داۋاملىق بىرازىلىيە بىرلەشمىسىگە ۋاكالەتەن توپ تىپىدۇ. |
|