akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2289|ئىنكاس: 84

مانچېستىر شەھىرى مېسسىغا يەنە باھا قويدى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-12-23 16:27:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-23 16:29  

    201312231139427ad1f_550.jpg

                           مانچېستىر شەھىرى يۇقۇرى باھا بىلەن مېسسىنى يۆتكەشكە تەييارلاندى

     ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى مانچېستىر شەھىرى كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى ئىچىدە ئاگۇيرو بىلەن كومپانى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان بارسېلوناغا يۆتكىلىشتىكى ئاساسلىق قىزىق نوقتىغا ئايلىنىپ كەلگەن .ھەرقايسى تاراتقۇلار ئىزچىل بۇ ئىككى توپچىنى بارسېلوناغا قۇشۇلۇشى مۇمكىن دەپ خەۋەر قىلىپ كەلگەن ئىدى .ھازىر بولسا مانچېستىر شەھىرى ئاكتىپ ئورۇنغا ئۆتۈپ بارسېلوناغا قايتۇرما زەربە بېرىشكە ئۆتكەن .« كۈندىلىك پوچتا گېزىتى » نىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا ،مانچېستىر تەرەپ كېلەر يىلى يازدا مېسسىنى قېزىپ چىقماقچى بۇلىۋېتىپتۇ .

         مېسسىنى قانداق قايىل قىلىش كېرەك ؟مانچېستىر شەھىرى 420 مىڭ فوند سىتىرلىڭ ھەپتىلىك مۇئاش بىلەن يۆتكەپ كېلىشنى پىلانغا ئالغان .شۇنداق بولغاندا بۇ جەھەتتە دۇنيا رېكورتى يارىتىلدۇ .يەنى مېسسى دۇنيادا ئەڭ يۇقۇرى ئىش ھەققى ئالدىغان بىردىنبىر توپچىغا ئايلىدۇ .420 مىڭ فوند سىتىرلىڭ بۇ ئاز پۇل ئەمەس .مېسسىنىڭ يېقىندىن بۇيان بارسېلونا يۇقۇرى قاتلىمى بىلەن بەزى ئىشلاردا زىدىيەتلىشپ يۈرۈشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى يەنىلا پۇلغا بېرىپ تاقىلىدۇ .مېسسى توختام ئۇزارتتى دىيىلگەن بولسىمۇ .بىراق بۇنىڭدا بەزى مۇرەككەپ ئىشلار مەۋجۇت .بەزى تەپسىلاتلار ئېنىق ئاشىكارلانمىغان .مېسسىنىڭ كەينىدە ئىشلارنى بېجىرىدىغان مەخسۇس خادىملارنىڭ پىلانى بار .

           كىشىلەرگە ئايان .نۆۋەتتە ،مېسسى بارسېلونادا ئانچە كۈڭۈللۈك ئەمەس .مېسسى بولمىغان شارائىت ئاستىدا بىرازىلىيەلىك چولپان نېيمار ئۆزىنى ئىسپاتلاپ بارغانسېرى شاھلىق ئورنىغا يېقىنلىشىۋاتىدۇ .شۇنداقلا مېسسىنىڭ ئورنىغىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتمەكتە ..يېقىندا بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فائۇس بىلەن ئېغىز ئۇرۇشى قىلىشقاندىن كېيىن ،ئارقىدىنلا لوسېر باشچىلىقىدىكى يۇقۇرى قاتلام ئەترىتىدىكىلەر  بىلەنمۇ زىدىيىتى بارلىقى ئاشىكارلىنىپ قالدى .تۆنۆگۈن ئېلان قىلىنغان « ئورگان مەخپىيەتلىك گېزىتى » نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشچە ،مېسسىغا پارىژ سانت ژىرمان كۇلۇبىمۇ يەنە تەكلىپ ئەۋەتكەن .بۇ پارىژنىڭ ئۈچىنچى قېتىم تەكلىپ قىلىشى بولۇپ ،بىراق ھەممە ئىشتىن خەۋىرى بار مانچېرستىر شەھىرى بىر قەدەم ئالدىغا ئۆتىۋالغان .بۇلارنىڭ بىراقلا چىقارغان باھاسى ھەقىقەتەن قورقۇنۇشلۇق سان .يەنى 420 مىڭ .....

          بۇ پۇل نىمە ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ ؟ ئېنگىلاند بىرلەشمىسدە ھازىر ئىش ھەققى ئەڭ يۇقۇرىسى بولسا مانچېستىر بىرلەشمىسىدىكى ۋان پېرسى بىلەن رۇنى .بۇ ئىككى توپچىنىڭ ھەپتىلىك ئىش ھەققى ئوخشاشلا 250 مىڭ فوند سىتىرلىڭ .ئىسپانىيەدە بولسا كىرىستىئانو رونالدو ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا قاپىقىنى تۈرۈپ تۇرېۋېلىپ ئاخىردا 17 مىليۇن ياۋرولۇق ئىش ھەققى بىلەن مېسسىنىڭ ئالدىغا ئۈتۈپ كەتتى .شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ ھەپتىلىك ئىش ھەققى 300 مىڭ فوند سىتىرلىڭغا بارمايدۇ .مۇبادا مېسسى بېشىنى لىڭىشتىپلا قويسا ئۇ چاغدا دۇنيادىكى ئىش ھەققى ئەڭ يۇقۇرى توپچى بۇلۇشىدا گەپ يوق .توختام بۇزۇش ۋە باشقا ئىشلارنى مانچېستىېر شەھىرى مۇتەخەسسىلىرى مۆلچەرلەپ بولغان .

U10014P6T12D6945486F44DT20131220212831.jpg

تەرجىمە قىلغۇچى ( توپ تەپكۈچى )
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-23 16:30:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساختا مال بوپ قالىسەن ئىنگىلاتتا ، ئەڭ ياخشىسى ئىسپانىيەدە تۇرىۋەر بۇرگە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-23 16:31:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاراتقۇلار ۋە كۇلۇبلار مۇشۇنداق يوقىلاڭ خەۋەرلەر بىلەن ئۆزىلىرىنى داڭلاپ بىزنى ئەخمەق قىلىپ.....مىسسى توختامغا قول قويغاندا ئاندىن ئىشىنەيلى مىسسىنىڭ ئاتالمىش يۆتكىلىشلىرىگە....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-23 16:36:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازېر  بارسىلونا مىسى يوق ئەھۋالدىمۇ شۇنداق  چىرايلىق  ئويناۋاتىدۇ   ئېھتىمال  مىسسى  يۇتكۇلۇپ كىتىشى مۆمكىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-23 17:03:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىلىپ مېسسى بارسىلونادا ئۇزاق تۇرۇپ بولالمايدۇ !   4 قېتىم ئالتۇن توپ ئالغان توپچى ئاۋۇ !  ھۆرمىتىنى قىلىشى كېرەك !  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-23 17:05:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسسى باشقا يەرگە بارسۇن ، شەھەرلىكلەر قارشى ئالمايدۇ ، مىسسى كەپ قالسا  بىر مۈنچە كۆڭۈل ئاغىرىقىنى بىللە سۆرەپ كىلىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-23 17:08:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانچىستىر شەھرىگە ئەكىلدىغان ئىش بولسا بىل بىلەن رونالدونى ئەكەلسە بولاتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-23 17:09:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېشىڭنى بىر لىڭىشتىپ قويغىنا مىسسى ، ئېنگىلادتا قانداراق ئوينايسەن بىر كۈرۈپ باقىلى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-23 17:14:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توپ تەپكۈچكام يىقىننىڭ ياقى بەك يۇمۇرستىك بوپ كىىتىپ باردۇ جۇمۇ  قاپقىنى تۈرۈپ تۇرۋىلىپ دەڭ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-23 17:16:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ياخشىسى بىششىڭنى لىڭشىتما............
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-23 17:17:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا بارسىلونادىن بىر كەتسە ھەقىقى ئەپتى بەشىرى ئېچىلاتتى  ، ، ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-23 17:34:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ھې  ھې ....


  مېسسىنىڭ بىر باش لىڭشىتىشى يامان كوپ پۇلغا يارايدىكەن ھە ... ..   بولسا يوتكۇلۇپ باقە  ئېنگىلاندت بىرلەشمىسىدە كۇرۇپ باقىلى سىنىڭ ماھارىتىڭنى ... بىر پەسىلدە يەنە ئىسپاندىكىگە ئوخشاش 40  -50 توپ ئۇرالامسەن ياقمۇ ؟

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 07:14

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش