ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 100 |
جۇغلانمىسى: 5225 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dilmurat. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-21 19:23
دۇنيا كۇلۇپلار « لوڭقىسى »نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 3-لىكنى تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئاسىيا چېمپىيونى گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسى بىلەن بىرازىلىيەلىك داڭلىق چولپان رونالدىنخو باشچىلىقىدىكى منېرو رىقابەت كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى . مۇسابىقە باشلىنىپ ئىككى مىنۇتمۇ بولمىغاندا مىنېرو رىقابەت كوماندىسى بىر توپ ئۇرۇپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى ، سەككىز مىنۇت بولغاندا گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسىدىكى مۇلىچى بىر توپ ئۇرۇپ مۇسابىقە نەتىجىسىنى 1:1 قىلىپ تەڭلەشتۈردى . 12 مىنۇت بولغاندا گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسىغا نۇقتا توپ قويۇپ بېرىلدى . نۇقتا توپنى كونكا ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسى ۋاقتىنچە ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى . 45 مىنۇت بولغاندا رونالدىنخو ئىختىيارى توپنى بىۋاستە ئۇرۇپ كىرگىزۈپ مۇسابىقە نەتىجىسىنى 2:2 قىلىپ تەڭلەشتۈردى .
كىيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ ھەر ئىككىلى تەرەپ بىرقانچە قېتىم كۈچلۈك ھۇجۇملارنى قىلدى . مۇسابىقە باشلىنىپ 86 مىنۇت بولغاندا مىنېرو رىقابەت كوماندىسىدىكى رونالدىنخو قىزىل كارتا بىلەن مەيداندىن چىقىرۋىتىلدى 90 مىنۇت بولغاندا مىنرو رىقابەت كوماندىسى بىر توپ ئۇرۇپ گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسىنى 3:2 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلىپ 3-لىككە ئېرىشتى .
|
|