akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 843|ئىنكاس: 19

گىرمانىيە 17 - ئايلانما مۇسابىقە خەۋىرى ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-12-22 00:27:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سېرىق ھەرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-22 02:29  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ..





1.jpg


2013 - 2014 - يىللىق گىرمانىيە بىرلەشمىسى 17 - ئايلانما مۇسابىقىسى 21 - چىسلا چۈشتىن كىيىن سائەت 20:30 دە باشلاندى ، مۇسابىقە نەتىجىسى تۆۋەندىكىچە :


دورتمۇند 1     -     2 بىرلىن ھېرتا

گىرمانىيە سېرىق ھەرە قوشۇنى - دورتمۇند كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا بىرلىن ھېرتا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، مۇسابىقە باشلىنىپ 7 مىنۇت بولغاندا دورتمۇند يادرولۇق ئەزاسى رىئۇس بىر توپ ئۇردى ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 23 مىنۇت بولغاندا بىرلىن ھېرتا توپچىسى رامۇس بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى ، 45 مىنۇت بولغاندا بىرلىن ھېرتا توپچىسى ئاللاگۇي بىر توپ ئۇرۇپ ( دورتمۇند بىكى ئىغىر سەۋەنلىك ئۆتكەزدى ) نەتىجىنى 1 - 2 قىلدى ، ئالدىنقى مەيدان 1 - 2 ئاياغلاشتى ...
كىيىنكى مەيدان باشلىنىپ ھەر ئىككىلى تەرەپ بىر - بىرسىگە كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىشقان بولسىمۇ توپ ئۇرۇشلار بولمىدى ، دورتمۇند كوماندىسى كۈچىگەن بولسىمۇ ياخشى پۇرسەت تۇتالماي ئۆزمەيدانىدا مەغلۇب بولدى ...







بىرمىن 1     -     0 لىۋىرىكسۇن

ئىپادىسى كۆرنەرلىك ياخشى بولىۋاتقان لىۋىرىكسۇن كوماندىسى مىھمان مەيداندا بىرمىن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بىرمىن كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا ئىپادىسىنى ياخشى جارى قىلدۇردى ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 74 مىنۇت بولغاندا بىرمىن بىر توپ ئۇرۇپ ئۆزمەيدانىدا كۈچلۈك لىۋىرىكسۇن كوماندىسىنى مەغلۇب قىلدى ، بۇنىڭ بىلەن لىۋىرىكسۇن كوماندىسى ئۇدا 2 مەيدان مەغلۇبىيەتكە ئۇچۇردى ...




ھامبۇرگ 2     -     3 مايىنىز

ھامبۇرگ كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا مايىنىز كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ، مۇسابىقە باشلىنىپ ھامبۇرگ كوماندىسى ئاۋال توپ ئۇردى ، كىيىن مەيدان مايىنىز كوماندىسى كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىپ 3 توپ ئۇرۇپ مىھمان مەيداندا غەلبە قىلدى ، ھامبۇرگ كوماندىسى كۈچىگەن بولسىمۇ نەتىجىنى ئۆزگەرتەلمەي ئۆزمەيدانىدا مەغلۇب بولدى ...




فىرۇنبۇرگ 2     -     1 ھانۋېر96

فىرۇنبۇرگ كوماندىسى بىلەن ھانۋېر96 كوماندىسى مۇسابىقىلەشتى ، ئالدىنقى مەيدان فىرۇنبۇرگ كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا ئىپادىسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ 2 توپ ئۇرۇپ ئۈستىنلىككە ئۆتتى ، كىيىنكى مەيدان ھانۋېر96 كوماندىسى كۈچەپ بىر توپ قايتۇرۋالغان بولسىمۇ مىھمان مەيداندا مەغلۇب بولدى ... فىرۇنبۇرگ كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا قىممەتلىك 3 نۇمۇرنى قولغا كەلتۈردى ...




فىرانكفۇرت 1     -     1 ئاگسۇنبۇرگ

فىرانكفۇرت كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا ئاگسۇنبۇرگ كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ، ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 33 مىنۇت بولغاندا ئاگسۇنبۇرگ كوماندىسى بىر توپ ئۇرۇپ ئۈستىنلىككە ئۆتتى ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 42 مىنۇت بولغاندا فىرانكفۇرت كوماندىسى نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى ، كىيىنكى مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككىلى تەرەپ توپ ئۇرالماي 1 - 1 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى ...




بىرانسىۋىگ 1     -     0 خوفىنھام

بىرلەشمىنىڭ ئەڭ ئاخىردىكى بىرانسىۋىگ كوماندىسى ئىپادىسى ياخشى بولىۋاتقان خوفىنھام كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ، مۇسابىقە باشلىنىپ ئالدىنقى مەيدان 29 مىنۇت بولغاندا بىرانسىۋىگ كوماندىسى بىر نوقتا توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 1 - 0 قىلدى ، كىيىنكى مىنۇتلاردا نەتىجە ئۆزگەرمەي بىرانسىۋىگ كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا غەلبە قىلىپ غەلبىنىڭ تەمىنى تىتىدى ...




مۇسابىقە فىلىمى تەھىرلىنىدۇ ...




ئەسكەرتىش : بەيرىن كوماندىسىنىڭ 17 - ئايلانمىدىكى سىتۇگارت كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىسى2014 - يىلى 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگە سۈرىلدى ... سەۋەب بەيرىن كوماندىسىنىڭ بۇ مۇسابىقىسى دۇنيا كۇلۇبلار مۇسابىقىسىگە ئۇدۇل كىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ...




بۇنىڭ بىلەن 2013 - 2014 - يىللىق گىرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئالدىنقى يىرىم پەسىل ئاياغلاشتى ، 18 - ئايلانما مۇسابىقە 2014 - يىلى 1 - ئاينىڭ 25 - چىسلا باشلىنىدۇ ، پىقىر سېرىق ھەرە ئاللا خالىسا داۋاملىق گىرمانىيە بىرلەشمە خەۋىرىنى مۇنبەرداشلارغا ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىپ تۇرىمەن ... كىيىنكى يىرىم پەسىللىك مۇسابىقىدە كۆرشىلى خەيرى - خوش . ( لىكىن مەن كۈندە مۇنبەردە بار )


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تۆھپە +5 يىغىش سەۋەبى
dilhux + 5 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-22 00:29:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېرىق چىۋىنلەر خېىلا ھالسىزلىنىپ قالدىمۇ نىمە .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-22 00:29:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سېرىق ھەرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-22 00:31  

كىرگەن 2 توپتا ئاشۇ كىچىك بىكنىڭ خاتالىقى بار ... زادى ئاساسلىق بولغان سۇبىتىچ بىلەن خۇملىس ساقايمىسا بىكا ئوخشايدۇ ... دورتمۇند ئاستا قىشتا ياخشىراق ئوتتۇربىك سىتىۋالسا بولغىدەك ... نىمىدىگەن جىق خاتالىق ! يىقىندىن بۇيان ئوينىلىۋاتقان دورتمۇندنىڭ مۇسابىقىسىدە ئەڭ جىق خاتالىق ئۆتكىزىۋاتقىنى مۇشۇ بىكلەر ... ھازىر دورتمۇندنى قىيىناۋاتقىنى دەل بىك مەسىلىسى ... ئەمدى دورتمۇند قىشتا ياخشى تەييارلىق قىلىپ پۈتۈن كۈچىنى ئۇزغۇنلۇق بىلەن گىرمانىيە لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە چىقارسا بولىدۇ ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-22 00:29:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېىرىق ھەرىلەر قىش كىرگەنچە بوشاپ كەتتىغۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-22 00:30:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-22 00:35:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېۋېركۇسېن ئۇدا ئىككى مەيدان ئۇتتۇرىۋەتتى ... نېمە ئىشلار بولىۋاتىدۇ ئەمدى ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-22 00:41:05 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرىلەر ئۇتتۇرۇپ قويۇپتىغۇ ، ئەستا…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-22 00:45:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىل بەيرىننىڭ بىرلەشمە چىمپىيۇنلىقى مۇقىملىشىپ قالغان چىراي ،  مۇشۇ بەيرىنغا گىرماندا سىرىق ھەرىلە تاقابىل تۇرالمىسا باشقا كوماندىلا كۈچەپ بولالمايدىغان ئوخشايدۇ..  پەسىل بىشىدىكى گىرمانىيە دەرجىدىن تاشقىرى مۇسابىقىدە دورنتمونتنىڭ ئوينىشىنى كۆرۈپ گو تازغا تازا بىسىم ئىلىپ كىلدىغان بولدى دەپ ئولتاسام بارغانسىرى بۇ ھەرىلەرنىڭ زەھىرى تۈگەپ قالغىلى تۇردى،،  قىشلىق بازاردا ئوبدانراق بىك ئەكەلمىسە ئاساسلىق ئوتتۇرا بىكىغا بارسىلونا قاتارلىق كۇلۇپلار چىشىنى بىلەپ تۇردۇ،،  كىيىنكى يىرىم پەسىىلىك مۇسابىقىدە مۇشۇ دورتمۇنت كۈچىمىسە بىرلەشمە بەيرىنغا ئوڭچە قالدىغان بولدىدە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-22 00:48:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-22 00:50:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇچقۇنى يوللىغان ۋاقتى  2013-12-22 00:29
سېىرىق ھەرىلەر قىش كىرگەنچە بوشاپ كەتتىغۇ

ھەرىلەرگە ئۈششۈك تەگدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-22 00:51:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىش كەلگەندە ھەرىلەرنىڭ زەھىرى كۇچلۇك بۇلدىغان ئەكىسچە بۇ سېرىق ھەرىلەرنىڭ زەھرى ئاجىزلاپ كىتىپ باردغۇ تاڭ ...

  بېكتىن زادى 2 تال كىرگۇزمىسەڭلار ،بۇنداق ياردارلار كوپ بولۇپ كىتىۋەرسە ئاجىز كوماندىلارغىمۇ نەشتىرىڭلارنى سانجىيالمىغۇدەك سىلەر جۇمۇڭلا ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-22 00:53:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى ئۇزاق دەم ئالدىكنا بۇلار...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-10 14:00

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش