ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 250 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئالدىنقى يىلىنىڭ مۇشۇنداق ۋاقتىدا ھونىس ئاتايىن ئامىرىكىغا بېرىپ ،ياۋروپانىڭ زەردارلىرى تالىشىۋاتقان گۇئاردىئولانى تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەن ، ئۇ قانداق قىلىپ تەكلىپ قىلغان ؟
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى مىيۇنخىن گىرمانىيە لوڭقىسى 2-ئايلانمىسىدا 2:0نەتىجە بىلەن ئاۋگۇسبۇرۇگ كوماندىىسنى يىڭىدۇ ، لىكىن بۇ مەيدان مۇسابىقىدا مىيۇنخىن كۇلۇبىنىڭ كاتتىبىشى بولغان ھونىس كۆرۈنمەيدۇ ، ئەينى ۋاقىتتا ئورگان تەرەپ ئۇنى قىزا زاۋۇتىنىڭ ئىشى بىلەن دۆلەت سىرتىغا كاماندىروپكىغا چىكەتكەن دەيدۇ .ئەمەلىيەتتە ئۇ ئامىرىكىغا گۇئاردىئولا بىلەن كۆرۈشكىلى كەتكەن ئىدى .
ھونىس ئالدى بىلەن چىكاگوغا بارىدۇ ، ۋە ئالدى زەنجىرسىمان تاللا بازىرىدىكى ئىشىنى تۈگىتىپلا ، نىيورىكقا قاراپ ئۇچىدۇ ، ئەينى ۋاقىتتا گۇئاردىئولا ئۇزاق ئۆتمەي مىلاد بايرىمى ئۈچۈن بارسلوناغا قايتاتتى ، لىكىن ئۇ ۋاقىتنى ساقلىسا ، باشقا كوماندىلار ئۇنى بۇلاپ كىتىشى مۇمكىن ئىدى ، شۇڭلاشقا مىيۇنخىن گۇئاردىئولا ياۋروپا قۇرۇقلىقىغا قايتىقۇچە گۇئاردىئولانى ئەكىلىۋىلىشى كىرەك ئىدى .
گۇئاردئولا بىلەن ھونىس بىر رىستۇراندا كۆرۈشمەكچى بولىدۇ ، لىكىن ھونىس ئۇ يەرگە بارغاندا بۇ يەردە ئەينى ۋاقىتتىكى مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ مەشقاۋۇلى بولغان سىر ئالىكىس فورگوسىننىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ قالىدۇ ، ئۇ ھونىس بىلەن كۆرۈشمەكچى بولىدۇ ، لىكىن ئۇ گۇئاردىئولا بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەنلىكىنى ئاشكارلىمايدۇ .
شۇنىڭ بىلەن گۇئاردىئولا ئۇنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىدۇ ، ھونىس دىرىزىسىنىڭ پەردىسى بار بىر ماشىنىغا ئولتۇرۇپ گۇئاردىئولانىڭ ئۆيىگە كىلىدۇ ۋە بۇ يەردىكى ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق سۆھبەتتىن كىيىن گۇئاردىئولانى توختامغا ئىمزا قويدۇرىۋالىدۇ .
ھونىس ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى ئويلاپ :" ھازىر ئويلاپ باقسام ئۇ بىر جىددى ۋە خەتەرلىك سەزگۈرەشتە " دەيدۇ .
|
|