akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1277|ئىنكاس: 15

دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-12-19 12:29:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   azgun110 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-19 12:36  

خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى


دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى-خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى
13.jpg
خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى (FIFA Club World Cup) (قىسقىچە: دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى دېيىلىدۇ) بولسا خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى ئويۇشتۇرغان، ئالتە قىتئەدىكى ئەڭ قالتىس پۇتبول بىرلەشمىلىرى قاتناشقان بىر تۈرلۈك خەلقئارالىق پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى. 2000-يىلى ئاتاقتىكى بىرىنچى قېتىملىق دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، مەبلەغ سالغۇچى تەرەپتىن مەسىلە كۆرۈلگەنلىكى تۈپەيلىدىن، مۇسابىقە توختىتىلىشقا مەجبۇر بولغان. 2005-يىلىغا كەلگەندە دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسى قايتا باشلانغان. كىشىلەر ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا 2005-يىلى 12-ئايدىكى دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى تۇنجى قېتىملىق دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسى دەپ قارايدۇ.
قايتىدىن تەسىس قىلىنغان دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسى 2005-يىلى رەسمىي ھالدا ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن. كېيىنكى ھەر قارارلىق مۇسابىقىنىڭ ھەممىسى ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 2009-يىلىدىن باشلاپ ئوتتۇرا شەرق دۆلىتى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئۆتكۈزۈشكە ئۆزگەرتىلگەن. 2011-يىلىدىن باشلاپ يەنە ياپونىيەگە قايتىپ كەلگەن. 2013-2014-يىلىدا بولسا ئافىرىقا قىتئەسىدىكى ماراكەشتە ئۆتكۈزۈلگەن. 2013-يىلى تۇنجى قېتىم جۇڭگۇ كوماندىسىدىن- گۇاڭجۇ خېڭدا قاتنىشىپ، 4كۈچلۈككە كىرىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 0:2نەتىجە بىلەن ئافرىقا چىمپىيونى مىسىر ئەل ئەخلى كوماندىسىنى چىرايلىق يېڭىپ، 12-ئاينىڭ 18-كۈنى 3:30دە بەيرىن مىيۇنخىن كوماندىسى بىلەن يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 3:0ئۇتتۇرۇپ قويدى.
نۆۋەتتە گۇاڭجۇ خېڭدا 2015-يىلدىن 2018-يىلىغىچە ئارلىقتىكى ئىككى قېتىملىق دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، ئەگەر مۇۋاپىقىيەتلىك بولسا، دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى تۇنجى قېتىم جۇڭگۇغا ماكانلاشقان بولىدۇ.

مۇسابىقە توغرىسىدا چۈشەنچە
خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى) قىسقارتىلىپ دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى دېيىلىدۇ  (بولسا بىر تۈرلۈك خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى ئويۇشتۇرغان، ئالتە قىتئەدىن كەلگەن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كولۇبلار قاتناشقان خەلقئارالىق پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى .
تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى 2000-يىلى 1-ئايدا بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن، خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى بۇ مۇسابىقىنىڭ قىتئەلەر ئارا لوڭقىسى (تويوتا لوڭقىسى)نىڭ ئەسلى خاراكتىرى بولغان ياۋروپا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەلىرىنىڭ كۇلۇبلىرى قاتنىشىدىغان ھالەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى، بۇ مۇسابىقىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئالتە قىتئەدىكى ئەڭ قالتىس كۇلۇبلارنى قاتنىشىشقا جەلىپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان، ئەمما خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى قىتئەلەر لوڭقىسىنى ئويۇشتۇرغۇچى ئورۇن بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغاچقا، قىتئەلەر لوڭقىسى مۇسابىقىسىمۇ ئۆز يولىدا ئېلىپ بېرىلىپ، دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىمۇ 2000-يىلى ئۆز ئالدىغا ئېلىپ بېرىلغان.

تەرەققىيات تارىخى
دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئويۇشتۇرغان بىر تۈرلۈك خەلقئارا پۇتبول مۇسابىقىسى. ئۇ پۈتۈن دۇنيادىكى ھەرقايسى قىتئەلەرنىڭ چىمپىيونلىرىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە ئوخشاش قىزغىنلىق بىلەن قاتنىشىپ، ھەرقايسى قىتئەلەردىكى كۇلۇبلىرىنىڭ دۇنياۋى دەرىجىلىك مۇسابىقە ئوينىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بەزى مەستانىلەر خاتا ھالدا دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىنى تويوتا لوڭقىسىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ قاراشلار پۈتۈنلەي توغرا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. ئەسلىدىنلا مۇسابىقە تەشكىللىگۈچى ئورۇن ئوخشىمايدۇ، دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىنى خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى تەشكىللىگەن بولسا، تويوتا لوڭقىسىنى ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا پۇتبولچىلار ئويۇشمىسى بىرلىكتە تەشكىللىگەن. 2000-يىلى دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەندە، تويوتا لوڭقىسىمۇ ئوخشاشلا ئېلىپ بېرىلغان ئىدى، 98-يىلىدىكى تويوتا لوڭقىسى چىمپىيونى خانلىق مادىرىد ئوخشاشلا يەنە تۇنجى قېتىملىق دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھيىتىگە ئېرىشكەن. ئەمما 2005-يىلى دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى قايتىدىن باشلىنىشتىن بۇرۇنلا خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى قىتئەلەر لوڭقىسى (تويوتا لوڭقىسى) تەشكىللىگۈچى تەرەپ بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ، تويوتا لوڭقىسى بىلەن دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىنى بىرلەشتۈرگەن، تويوتا لوڭقىسى شۇ چاغدىلا تارىخنىڭ ئۇزۇن ئېقىنلىرىدا غايىپ بولۇپ دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى بىردىنبىر دۇنياۋى خاراكتىردىكى كۇلۇبلار مۇسابىقىسىگە ئايلانغان.
تۇنجى قېتىملىق دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى 2000-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن، ئەينى ۋاقىتتا جەمئىي سەككىز كوماندا قاتناشقان بولۇپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا مانچىستىر بىرلەشمىسى (1999-يىللىق ياۋروپا چىمپىيونى)، كىرىنتىئان (98-يىللىق بىرازىلىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە چىمپىيونى، ساھىپخان)، داگاما (98-يىللىق ئازاتلىق لوڭقىسى چىمپىيونى)، نىكاسا (مىكسىكا، 98-يىللىق شىمالىي ئامېرىكا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى چىمپىيونى)، خانلىق مادىرىد (98-يىللىق تويوتا لوڭقىسى چىمپىيونى)، ئەل نەسىر (98-يىللىق ئاسىيا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چىمپىيونى)، كاسابلانكا (99-يىللىق ئافرىقا چىمىپيونلۇق لوڭقىسى چىمپىيونى، بۇ قېتىمقى دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى ساھىپخانى) ۋە جەنۇبي مولبىن (99-يىللىق ئوكىئانىيە قىتئەسى چىمىپيونلۇق لوڭقىسى چىمپىيونى). ئەڭ ئاخىرىدا كىرىنتىئان چىمپىيونلۇققا ئېرىشكەن، داگاما ئىككىنچىلىككە، نىكاسا نوقتا توپ جېڭىدە خانلىق مادىرىدنى يېڭىپ ئۈچىنچىلىككە، خانلىق مادىرىد تۆتىنچىلىككە ئېرىشكەن. ئەمما ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى باشقىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشەلمىگەن، بولۇپمۇ ياۋروپا كۇلۇبلىرىنىڭ مۇسابىقىسى ئەڭ زىچ مەزگىلدە، ياۋروپا چىمىپيونى بولغان مانچىستىر بىرلەشمىسى تۆت كۈچلۈككە كىرەلمىگەن، خانلىق مادىرىدمۇ ئارانلا تۆتىنچى بولغان. ئەسلىدە 2001-يىللىق دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئىسپانىيەدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئەينى ۋاقىتتىكى خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ بازار ئېچىش شىركىتى ۋەيران بولغانلىقتىن، ئەڭ ئاخىرىدا دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسى ھامىلە ۋاقتىدىلا تۇنجۇقۇپ قالدى. 2005-يىلى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى ۋە تويوتا لوڭقىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىنى قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشتۈردى، 2005-2006-يىللىق ئىككى قېتىملىق دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە ئالتە كوماندا، يەنى ئالتە قىتئەنىڭ چىمپىيونلىرى قاتناشتى. 2007-يىلىدىن باشلاپ ساھىپخان كوماندا ئايرىم سانغا ئىگە بولۇپ، قاتنىشىدىغان كوماندىنىڭ سانى يەتتىگە كۆپەيتىلدى، مۇسابىقە تۈزۈمىمۇ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى يەتتە كوماندىنىڭ بىرىنچى مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتتۇرغان كوماندىلا رەت- تەرتىپ مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدۇ، قالغان مۇسابىقىدىكى ئۇتتۇرغان كوماندىلار يەنە بىر مەيداندا ئۇتتۇرغان كوماندىلار ئارا رەت- تەرتىپ تالىشىش مۇسابىقىسى ئويناپ رەت- تەرتىپى بەلگىلىنىدۇ.

ئىلگىرىكى مۇسابىقىلەردىكى چىمپىيونلار
11.png

دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىدىكى يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەرلەر
12.png

مۇسابىقە قائىدىسى
7كوماندا قاتنىشىدۇ، ساھىپخان بىرلەشمە چىمىپيونى ۋە ئوكىئانىيە قىتئەسى چىمىپىيونى ئاۋۋال تۇتۇشىدۇ، غالىپ كوماندا يەنە ئاسىيا چىمىپىيونى، ئافرىقا چىمپىيونى ۋە ئوتتۇرا شىمالىي ئامېرىكا ۋە كارىپ دېڭىزى بويىدىكى ئۈچ قىتئەنىڭ چىمپىيونى تۆت گۇرۇپپا بولۇپ تەشكىللىنىدۇ، مۇسابىقىدە ئۇتقان ئىككى كوماندا يېرىم ھەل قىلغۇچقا كىرىدۇ، ياۋروپا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا كۇلۇبلىرىنىڭ چىمىپىيونى بىۋاستە يېرىم ھەل قىلغۇچقا كىرىدۇ ھەمدە قالغان ئىككى غالىپ كوماندا بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇتقىنى ھەل قىلغۇچقا كىرىدۇ.
مۇسابىقە تەشكىللىگۈچى ئورۇن نەقمەيداندا ئەڭ ياخشى توپچىنى باھالاپ چىقىدۇ ھەمدە بىر دانە تويوتا ماركىلىق ماشىنا بىلەن مۇكاپاتلايدۇ، ئۇتتۇرغىنى ئىككىنچىلىكنى تالىشىدۇ. ئۇ گەرچە رەسمىي مۇسابىقە بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ دۇنيا كۇلۇبلار خوجىلىقىنى تالشىدىغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە دەپ قارىلىدۇ.

ھەر قېتىملىق دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىغا قاتناشقان كوماندىلار
2000-يىلى (بىرازىلىيە ئۆتكۈزۈلگەن)
كىرىنتىئان (بىرازىلىيە)، داگاما (بىرازىلىيە)، نىكاسا(مىكسىكا)، خانلىق مادىرىد(ئىسپانىيە)، مانچىستىر بىرلەشمىسى (ئىنگىلاند)، ئەل نەزەر(سەئۇدىي ئەرەبىستان)، كاسابلانكا (ماراكەش)، جەنۇبىي مۇلبىن (ئاۋستىرالىيە)

2005-يىلى (ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن)
سان پاۋلو (بىرازىلىيە)، لىۋىرپول (ئىنگىلاند)، ساپۇرىسا (كوستارىكا)، ئېتىخاد(سەئۇدىي ئەرەبىستان)، سىدنىي پۇتبول كۇلۇبى (ئاۋستىرالىيە)، ئەل ئەخلى (مىسىر)

2006-يىلى (ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن)
بىرازىليە خەلقئارا پۇتبول كۇلۇبى (بىرازىليە)، بارسىلونا (ئىسپانىيە)، ئەل ئەخلى (مىسىر)، مىكسىكا ئامېرىكا قىتئەسى (مىكسىكا)، چۇەنبېي شىيەندەي (كورىيە)، ئوكلاند شەھىرى(يېڭى زىلاندىيە)

2007-يىلى (ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن)
ئا س مىلەن (ئىتالىيە)، بوكا ياشلار كۇلۇبى(ئارگىنتىنا)، ئۇراۋا قىزىل ياقۇت(ياپونىيە)، ساھىل يۇلتۇزى(تۇنىس)، پاچۇكا (مىكسىكا)، ساھىپخان (ئىران)، ۋىتاكىر بىرلەشمىسى (يېڭى زىللاندىيە)

2008-يىلى (ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن)
مانچىستىر بىرلەشمىسى (ئىنگىلاند)، گىدو تەنتەربىيە ئۇنۋېرسىتىتى پۇتبول كۇلۇبى (ئىكۋاتۇر)، ئوساكا گامبا (ياپونىيە)، پاچۇكا (مىكسىكا)، ئادىلەيد (ئاۋستىرالىيە)، ئەل ئەخلى (مىسىر)، ۋىتاكىر بىرلەشمىسى (يېڭى زىللاندىيە)

2009-يىلى (ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن)
بارسىلونا (ئىسپانىيە)، تاپلاتا سىتودىنىتلار پۇتبول كۇلۇبى (ئارگىنتىنا)، پۇساڭ تۆمۈرچىلىكى (كورىيە)، ئاتلانتا (مىكسىكا)، ئوكلاند شەھىر (يېڭى زىللاندىيە)، مۇزامبىك (كونگو)، ئەل ۋەھدە (ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى)

2010-يىلى (ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن)
ئىنتىر مىلەن (ئىتالىيە)، مۇزامبىك (كونگو)، بىرازىلىيە خەلقئارا (بىرازىلىيە)، سۇڭنام ئىخۋا (كورىيە)، پاچۇكا (مىكسىكا)، ئەل ۋەھدە(ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى)، ھىكارى بىرلەشمىسى (پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيىسى)

2011-يىلى (ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن)
بارسىلونا (ئىسپانىيە)، سانتوس پۇتبول كۇلۇبى (بىرازىلىيە)، ئەلساد (قاتار)، كاشىۋا قۇياش ئىلاھى كوماندىسى (ياپونىيە)، مونتىرى (مىكسىكا)، تۇنىس ئۈمىد تەنتەربىيسى پۇتبول كۇلۇبى (تۇنىس)، ئوكلاند شەھىرى كوماندىسى (يېڭى زىللاندىيە)

2012-يىلى (ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن)
كىرىنتىئان(بىرازىلىيە)، چېلسى (ئىنگىلاند)، مونتىرى (مىكسىكا)، ئەل ئەخلى (مىسىر)، خىروشىما ئۈچ ئوقيا (ياپونىيە)، ئۇلسان شىيەندەي(كورىيە)، ئوكلاند شەھىرى(يېڭى زىللاندىيە)

2013-يىلى (ماراكەشتە ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ)
مىنىرو رىقابەت (بىرازىلىيە)، بەيرىن مىيۇنخىن (گىرمانىيە)، گۇاڭجۇ خېڭدا (جۇڭگو)، مونتىرى (مىكسىكا)، كاسابلانكا راجا (ماراكەش)، ئەل ئەخلى (مىسىر)، ئوكلاند شەھىرى (يېڭى زىلاندىيە)

ئاسىيا قىتئەسىنىڭ نەتىجىلىرى

ئاسىيا چىمىپيونىنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىسى بولسا ئۈچىنچىلىككە ئېرىشىش، ئەڭ ناچار نەتىجىسى بولسا ئالدىنقى پەسىلدىكى ئۇلسان شىيەندەي كوماندىسىنىڭ ئالتىنچىلىككە ئېرىشىشىدۇر. 2000-يىلى دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىدا، سەئۇدى ئەرەبىستان ئەل نەزەر كوماندىسى ئاسىيا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چىمىپىيونى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇسابىقىگە قاتناشقان، گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە خان مادىرىد بىلەن، كىرىنتىئان، مىكسىكا كاسابلانكا كوماندىسى بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئايرىم ئايرىم ھالدا 3:1خان مادىرىد، 2:0كىرىنتىئان نەتىجە بىلەن يېڭىلىپ قالغان بولسىمۇ 3:4نەتىجە بىلەن كاسابلانكا كوماندىسىنى يېڭىپ، گۇرۇپپىدىن چىقالمىغان بولسىمۇ، يەنىلا ئالتىنچىلىككە ئېرىشىپ، ئاسىيا قىتئەسى كوماندىلىرىنىڭ دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن.
2005-يىلى دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئەسلىگە كەلگەندە، ئاسىياغا ۋەكىل بولۇپ مۇسابىقىگە قاتناشقىنى ئاسىيا چىمپىيونى سەئۇدىي ئەرەبىستان ئىتىخاد كوماندىسى، 4كۈچلۈككە كىرىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە مىسىر ئەل ئەخلى كوماندىسى بىلەن تۇتۇشۇپ 0:1نەتىجە بىلەن ئۇتۇپ، تۆت كۈچلۈككە كىرگەن. يېرىم ھەل قىلغۇچتا سان پاۋلو كوماندىسى بىلەن تۇتۇشۇپ، 2:3نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ، ھەل قىلغۇچقا كىرىش قەدىمى توختاپ قالغان. ئۈچىنچىلىكنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە 3:2نەتىجە بىلەن شىمالىي ئامېرىكا چىمىپىيونى ساپورىسا كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ، تۆتىنچىلىككە ئېرىشكەن. ئەمما ئۇلارنىڭ ئومۇمىي ئىپادىسىدىن قارىغاندا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن دەپ قاراشقا بولىدۇ.
2006-يىلى چۇەنبېي شىيەندەي كوماندىسى ئاسىياغا ۋەكىل بولۇپ، دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىغا قاتناشقان، سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە 0:3نەتىجە بىلەن ئوكىئانىيە قىتئەسى چىمىپيونى ئوكلاند شەھىرىنى قىرغىن قىلىپ، 8كۈچلۈككە كىرگەن، 4كۈچلۈككە كىرىش ھەل قىلغۇچتا 1:0نەتىجە بىلەن مىكسىكا كوماندىسىغا يېڭىلىپ تۆت كۈچلۈككە كىرەلمىگەن. ئەڭ ئاخىرىدا 5-لىككە ئېرىشكەن.
2007-يىلى ئاسىيا چىمىپيونى ئۇراۋا قىزىل ياقۇت كوماندىسى ساھىپخان سالاھيىتى بىلەن مۇسابىقىگە قاتناشقان، ئەينى ۋاقىتتىكى ئاسىيادىكى ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن كوماندا ئىران ساھىپخان كوماندىسىمۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، بۇ كوماندا سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە 1:3نەتىجە بىلەن يېڭى زىلاندىيە ۋىتاكىر كوماندىسىىنى يېڭىپ سەككىز كۈچلۈككە كىرگەن. 4كۈچلۈككە كىرىش ھەل قىلغۇچتا ئاسىيا دېربىسى ئوينىلىپ، ئۇراۋا قىزىل ياقۇت كوماندىسى 1:3نەتىجە بىلەن ئىران كوماندىسىنى يېڭىپ تۆت كۈچلۈككە كىرگەن. يېرىم ھەل قىلغۇچتا قىزىل ياقۇت كوماندىسى 1:0نەتىجە بىلەن ئا س مىلەن كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ، ئۈچىنچىلىكنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ نوقتا توپ جېڭىدە ئافرىقا چىمىپيونى ساھىل كوماندىسىنى يېڭىپ ئۈچىنچى بولغان، بۇ ئاسىيا قىتئەسى كوماندىلىرىنىڭ دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقسىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ.
2008-يىلى دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە ئاسىيادىن قاتناشقان كوماندا ئاسىيا چىمپىيونى ئوساكا گامبا كۇلۇبى ساھىپخان سالاھىيەتتە مۇسابىقىگە قاتناشقاچقا، ئىككىنچى بولغان كوماندا ئادىلەيد كوماندىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە ئادىلەيد كوماندىسى 1:2نەتىجە بىلەن ۋىتاكىر كوماندىسىنى يېڭىپ، سەككىز كۈچلۈككە كىرگەن بولسىمۇ، ساھىپخان كوماندا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە 1:0نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇۋېتىپ، بالدۇرلا خوشلاشتى. يېرىم ھەل قىلغۇچتا ئوساكا كوماندىسى مانچىستىر بىرلەشمىسى بىلەن بولغان 90مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە 5:3نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى. ئۈچىنچىلىكنى تالىشىشتا 0:1نەتىجە بىلەن مىكسىكا پاچۇكا كوماندىسىنى يېڭىپ ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى. بەشىنچىلىكنى تالىشىشتا ئادىلەيد كوماندىسى 0:1نەتىجە بىلەن مىسىر ئەل ئەخلى كوماندىسىنى يېڭىپ بەشىنچى  بولدى.
2009-يىلى ئاسىياغا ۋەكىل بولۇپ مۇسابىقىگە قاتناشقىنى ئۇلسان شىيەندەي كوماندىسى بىلەن ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئەل ئەھلى كوماندىسى (ساھىپخان)، سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە ئەل ئەخلى كوماندىسى 2:0نەتىجە بىلەن ئوكلاند شەھىرى كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ سەككىز كۈچلۈككە كىرەلمىدى. تۆت كۈچلۈكنى تالىشىشتا ئۇلسان شىيەندەي كوماندىسى ئافرىقا چىمىپيونى مۇزامبىك كوماندىسىنى 1:2نەتىجە بىلەن ئۇتۇپ، تۆت كۈچلۈككە كىردى. يېرىم ھەل قىلغۇچتا ئازادلىق لوڭقىسى چىمىپيونى لاپلاتا سىتودىنتلار كوماندىسىغا 2:1نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ، ئۈچىنچىلىكنى تالىشىشتا مىكسىكىنىڭ ئاتلانتا كوماندىسىنى يېڭىپ، ئۈچىنچى بولدى.
2010-يىلى كورىيە  پۇساڭ تۆمۈرچىلىكى  بىلەن ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئەل ۋەھدە كوماندىسى (ساھىپخان) مۇسابىقىگە قاتناشتى، ئەل ۋەھدە كوماندىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە 0:3نەتىجە بىلەن ھىكارى بىرلەشمىسىنى يېڭىپ سەككىز كۈچلۈككە كىردى. تۆت كۈچلۈكنى تالىشىشتا 4:1نەتىجە بىلەن كورىيە پۇساڭ تۆمۈرچىلىكى  كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، بەشىنچىلىكنى تالىشىش مۇسابىقىسىدىنىڭ نوقتا توپ جېڭىدە پاچۇكا كوماندىسىنى يېڭىپ بەشىنچى بولدى. كورىيە  كوماندىسى يېرىم ھەل قىلغۇچتا 3:0نەتىجە بىلەن ئىنتىر مىلەنگە ئۇتتۇرۇپ، ئۈچىنچىلىكنى تالىتىشتا 4:2بىلەن بىرازىلىيە خەلقئارا كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ تۆتىنچى بولدى.
2011-يىلى كولۇبلار لوڭقىسى ياپونىيەگە قايتىپ كەلدى، ساھىپخان كاشىۋا قۇياش ئىلاھى كوماندىسى ۋە ئەلساد كوماندىسى ئاسىياغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشتى. سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە كاشىۋا كوماندىسى 0:2نەتىجە بىلەن ئوكلاند شەھىرى كوماندىسىنى يېڭىپ سەككىز كۈچلۈككە كىردى. تۆت كۈچلۈككە كىرىشتە نوقتا توپ جېڭىدە مونتىرى كوماندىسىنى يېڭىپ تۆت كۈچلۈككە كىردى. ئەلساد كوماندىسى 1:2نەتىجە بىلەن ئافرىقا چىمىپيونى ئۈمىد تەنتەربىيە كۇلۇبىنى يېڭىپ تۆت كۈچلۈككە كىردى. يېرىم ھەل قىلغۇچتا ئىككى ئاسىيا كوماندىسى ياۋروپا ۋە ئامېرىكا كوماندىلىرىغا تەڭ كېلەلمەي، كاشىۋا كوماندىسى 3:1نەتىجە بىلەن سانتوس كوماندىسىغا، ئەلساد كوماندىسى 4:0نەتىجە بىلەن بارسىلوناغا ئۇتتۇرۇپ، ئۈچىنچىلىكنى تالىشىشتا ئەلساد كوماندىسى كاشىۋا كوماندىسىنى يېڭىپ ئۈچىنچى بولدى.
2012-يىلى ئاسىياغا ۋەكىل بولۇپ دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتناشقىنى ساھىپخان خىروشىما ئۈچ ئوقيا كوماندىسى ۋە ئاسىيا چىمىپيونى ئۇلسان شىيەندەي كوماندىسى، سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە خىروشىما ئۈچ ئوقيا كوماندىسى 0:1نەتىجە بىلەن ئوكلاند شەھىرى كوماندىسىنى يېڭىپ سەككىز كۈچلۈككە كىردى. تۆت كۈچلۈككە كىرىشتە 2:1نەتىجە بىلەن ئەل ئەخلى كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. ئۇلسان شىيەندەي كوماندىسى 3:1نەتىجە بىلەن مونتىرى كوماندىسىغا تەڭ كېلەلمەي ئىككىلا ئاسىيا كوماندىسى تۆت كۈچلۈككە كىرەلمىدى. بۇدەل دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىنكى ئاسىيا كوماندىلىرىنىڭ ئەڭ ناچار نەتىجىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بەشىنچىلىكنى تالىشىشتا خىروشىما كوماندىسى 2:3نەتىجە بىلەن ئۇلسان شىيەندەي كوماندىسىىنى يېڭىپ، بەشىنچىلىككە ئېرىشتى. ئۇلسان كوماندىسى تۇنجى قېتىم دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىغا قاتنىشىپ بىر مەيدانمۇ غەلبە قىلالماي قالغان ئاسىيا چىمىپىيونى.
2013-يىلى دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە تۇنجى جۇڭگو كوماندىسىنىڭ سايىسى پەيدا بولدى.  گۇاڭجو خېڭدا يېڭىدىن ئاسىيا چىمىپيونى سالاھيىتى بىلەن تۇنجى قېتىم مۇسابىقىگە قاتناشتى. تۇنجى مەيداندا ئافرىقا چىمىپىيونى ئەل ئەخلى كوماندىسى بىلەن تۇتۇشۇپ، قىيىن ئەھۋالدىمۇ ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، 0:2نەتىجە بىلەن پاكىز غەلبە قىلىپ، ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئۆچىنى ئالدى. ئاسىيا كوماندىسىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق ياۋروپا كوماندىلىرىغا جەڭ ئېلان قىلىش پۇرسىتى يېتىپ كەلدى. خېڭدا كوماندىسى بەيرىن كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە 3:0نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى. ئۈچىنچىلىكنى تالىشىش جېڭى قايسى كوماندا بىلەن بولىدۇ؟ گۇاڭجو خېڭدا قانداق نەتىجە بىلەن قايتىدۇ؟ نەزىرىمىز دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسدە بولسۇن!

مەنبە: بەيدۇ تورى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 تۆھپە +10 تەجرىبە +10 يىغىش سەۋەبى
nayil + 50 + 10 + 10 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-19 12:53:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك  ياخشى  چىقىپتۇ  رەخمەت ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-19 12:53:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىڭداغا ئامەت تىلەيمەن،ئەپسۇس تۇنجى ئۇچۇرشىشىدىلا بەيرىنگە يولقۇپ قالدى دىسە…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-19 13:03:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىكەن ، رەھمەت . خېڭدانى 3-لىكنى تالىشىش ئۈچۈن رونالدىنخونىڭ كوماندىسى بىلەن ئوينايدۇ دەۋاتاتتى . قاچان ئوينايدىغاندۇ ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-19 13:14:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېيمار يوللىغان ۋاقتى  2013-12-19 13:03
ياخشى تېمىكەن ، رەھمەت . خېڭدانى 3-لىكنى تالىشىش ئۈچۈن ر ...

ئۈرۈمچى ۋاقتى شەنبە كۈنى كەچ 10:30 دە ئوينايدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-19 13:19:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ناھايتى ياخشى خەۋەر بىلەن تەمىنلەپسىز، بۇتوغرۇلۇق چۈشەنسى يوق مەستانىللىرىمىز ئۈچۈن ناھايتى ياخشى تىما بوپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-19 13:32:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھادىر يوللىغان ۋاقتى  2013-12-19 13:14
ئۈرۈمچى ۋاقتى شەنبە كۈنى كەچ 10:30 دە ئوينايدۇ .

رەھمەت…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-19 14:10:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەچەت  تىما بوپتۇ  ھارمىغايسىز    يەكشەنبە كەچتە  ساھىپخان  كاسابلانكا  بىلەن بىزنىڭ بەيرىن ھەل  قىلغۇچ  ئوينايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-19 14:35:58 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تېما   بوپتۇ  ھارمىغايسز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-19 14:48:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىلمەيدىغان نۇرغۇن ئشلارنى بىلىۋالدىم ، ھارمىغايسىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-19 15:26:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  رەھمەت...  نۇرغۇن بىلىمگە  ئىگە بولدۇم ...


      خىڭداغا ئامەت تىلەيمەن ...3-لىكىنى بولسىمۇ قولغا كەلتۇرشۇڭلارنى ئۇمۇد قىلمەن..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-19 16:35:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىد ئەپ باقماپتىكەندە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 02:18

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش