- تىزىملاتقان
- 2007-5-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6068
- نادىر
- 0
- يازما
- 6068
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەردار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-18 18:29
مىسسى چوڭ بالاغا چېتىلىپ قالدى ، 16-چېسلا ئىسپانىيدە چىقىدىغان «دۇنيا گېزىتى » باش بېتىگە مۇنداق ماقالە بېسىلدى : بارسىلونا دەرىجىدىن تاشقىرى چولپىنى مىسسىنىڭ ئاتىسى خېرئوۋ مىسسى قاتارلىقلارنىڭ ياردىمىدە كولومبىيە زەھەر تەشكىلاتنىڭ پۇل يۇيۇشغا ياردەملەشتى .


ھازىر ئىسپانىيە دۆلەتلىك قوغداش ئەتىرىتى ئاللىقاچان بۇ ئىشنى تەكشۈرىۋاتقان بولۇپ ، بارسىلونا پۇتبولچىلىرىدىن مىسسى ،پىنتو ، ئارۋىس ، ماسچىرانو قاتارلىقلار تەكشۈرۈش ئوبىكتلىرى تىزىملىكىدە ئىكەن .
خەۋەرنى ئاڭلىغان مىسسى ئائىلىسىدىكىلەر دەرھال «دۇنيا گېزىتى» ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلغان بولۇپ ، ئەمما سوت تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەرىزنى رەت قىلغان .
2013-يىل يازدا مىسسى ئاتىسىنىڭ تەكلىپ بىرىشى بىلەن مىسسى دوستلىرى خەلقئارا دوسلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن بولۇپ ، پىرونىڭ پايتەختى لىمادا بىر مەيدان ، ئامېرىكىنىڭ چىكاگودا بىرمەيدان ۋە كولومبىيەنىڭ مەيدېلىندا بىر مەيدان ئوينىغان . بۇ مۇسابىقىلەرنىڭ ھەممىسى خەلقئارا ياردەم تەشكىلاتنىڭ نامىدا ئېلىپ بېرىلغان . ساقچىلارنىڭ تەكشۈرىشىچە بۇ مۇسابىقىلەرنىڭ خەلقئارا ياردەم تەشكىلاتى بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلىغى ئاشكارلانغان . شۇنداقلا كولومبىيە زەھەر تەشكىلاتنىڭ بىر قېتىملىق پۇل يۇيۇش ھەركىتى ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان .
زەھەر تەشكىلاتى چولپانلارنى تەكلىپ قىلىپ خەلقئارا ياردەم تەشكىلاتنىڭ نامى ئاستىدا بىر قېتىملىق چوڭ پۇل يۇيۇش ھەركىتىنى تاماملىغان ، بۇ قېتىملىق ھەركەتتە مەزكۇر تەشكىلات ھىچقانداق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن توختام ئىمزالىمىغان ، شۇنداقلا مۇسابىقىدىن كېيىن كىرىم ئەھۋالىنى ، باج ئەھۋالىنى مەلۇم قىلمىغان . بۇ قېتىملىق مۇسبىقىدە ئۇلار زور كىرىمگە ئېرىشكەن بۇلىشى مۇمكىن ئىكەن . مىسسىنىڭ ئاتىسىمۇ ئومۇمى كىرىمنىڭ 10%-20%گىچە سۈيۈنچىگە ئېرىشكەن .
18-چېسلا مىسسى ئائىلىسى ئىسپانىيە دۆلەتلىك سوتىغا چاقىرتىلغان بولۇپ ، مىسسى قاتارلىقلار ئادۇۋكاتنىڭ ھەمرالىقىدا سوتقا قاتناشقان .
سوتچىنىڭ سورىقىنى قوبۇل قىلغان .
كولومبىيەدىكى بىر پۇتبول كۇلۇبى رەئىسىنىڭ ئېيتىشىچە بۇ قېتىمقى مۇسابىقنىڭ مەقسىدى ھەرگىزمۇ خەلقئارا ياردەم بىرىش شەكلى ئەمەس ، پۇل يۇيۇش . ئۇلار مۇشۇنداق چوڭ قالپاق ئارقىلىق مىسسى قاتارلىقلارنى جەلىپ قىلغان . مىسسى ھازىر خەتەر ئىچىدە ، مىسسى قاتارلىق چولپانلارنىڭ بۇ مۇسابىقىدە بىر قېتىملىق مەيدانغا چىقىش ھەققى 2.5مىلىيون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ ، مۇشۇنداق بولغاندا ئۇلار پۇل يۇيۇش ئاقىلىق غايەت زور كىرىمگە ئېرىشتى .
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلارتى بالىلار پاراۋانلىق تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى : بىز بۇ يىل ھىچقاچان بۇنداق مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇپ باقمىدۇق ھەم بۇ خىل ئىئانىنىمۇ قوبۇل قىلىپ باقمىدۇق ، بىز بىلەن ئالاقىسى يوق ئىش دەپ چۈشەنچە بەردى .
http://sports.sina.com.cn/g/laliga/2013-12-18/12226941907.shtml
http://sports.sina.com.cn/g/laliga/2013-12-17/09296939851.shtml
ماۋۇ خەۋەرنى مەن يازمىدىم ، پەقەت تەرجىمە قىلىپ قويدۇم . تەپسىلىسىنى بىلمەكچى بولساڭلا ئاۋۇ ئادىرىسقا كىرىپ كۆرۈڭلا |
|