ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 5458 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سېرىق ھەرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-16 16:30
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...
2013 - 2014 - يىللىق گىرمانىيە بىرلەشمىسى 16 - ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ داۋامى 15 - چىسلا ئوينالدى ، مۇسابىقە نەتىجىسى تۆۋەندىكىچە :
لىۋىرىكسۇن 0 - 1 فىرانكفۇرت
گىرمانىيە بىرلەشمىسى ۋە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە ئىپادىسى كۆرنەرلىك ياخشى بولىۋاتقان لىۋىرىكسۇن كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا ياۋروپا ئىتىپاق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئىپادىسى ياخشى بولۇپ گورۇپتىن بىرىنجى بولۇپ چىققان فىرانكفۇرت كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ...
مۇسابىقە باشلىنىپ ئالدىنقى مەيدان ھەر ئىككىلى تەرەپ بىر - بىرسىگە كۈچلۈك ھۇجۇملارنى قىلىشقان بولسىمۇ ئالدىنقى مەيدان 0 - 0 ئاياغلاشتى ، كىيىنكى مەيدان باشلىنىپ 61 مىنۇت بولغاندا فىرانكفۇرت توپچىسى روسى بىر توپ ئۇرۇپ ئۈستىنلىككە ئۆتتى ، كىيىنكى مىنۇتلاردا لىۋىرىكسۇن كوماندىسى قاتتىق كۈچىگەن بولسىمۇ نەتىجىنى ئۆزگەرتەلمەي ئۆزمەيدانىدا مەغلۇب بولۇپ قىممەتلىك 3 نۇمۇردىن قۇرۇق قالدى ...
شارىك04 2 - 0 فىرۇنبۇرگ
كۈچلۈك بولغان شارىك04 كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا فىرۇنبۇرگ كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ، مۇسابىقە باشلىنىپ 44 مىنۇت بولغاندا فىرۇنبۇرگ توپچىسى ئۆزىگە خائىن توپ ئۇرۇپ قويدى ، كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 67 مىنۇت بولغاندا شارىك04 نوقتا توپقا ئىرىشىپ بۇ توپنى شارىك04 توپچىسى فارفان ئۇرۇپ ئۆزمەيدانىدا 2 - 0 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى ...
ۋولسۇنبۇرگ 3 - 1 سىتۇگارت
كۈچلۈك بولغان بۆرە قەلئەسى كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا كۈچلۈك سىتۇگارت كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، بۇ مەيدان مۇسابىقە كەسكىن ئىلىپ بىرىلدى ، ئالدىنقى مەيدان بۆرە قەلئەسى كوماندىسى بىر توپ ئۇردى ، كىيىنكى مەيدان بۆرە قەلئەسى توپچىسى دىگو 53 مىنۇت بولغاندا بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 2 - 0 قىلدى ، كىيىنكى مىنۇتلاردا سىتۇگارت كوماندىسى بىر توپ قايتۇرۇپ كۈچىگەن بولسىمۇ مىھمان مەيداندا مەغلۇب بولدى ، بۆرە قەلئەسى ئۆزمەيدانىدا غەلبە قىلىپ 3 نۇمۇرنى قولغا كەلتۈردى ...
گىرمانىيە بىرلەشمىسى رەت - تەرتىپى :
دەرىجە مەيدان كوماندا ئۇتۇش تەڭلىشىش ئۇتتۇرۇش ساپ توپ نۇمۇر
1 16 بەيرىن 14 2 0 34 44
2 16 لىۋىرىكسۇن 12 1 3 17 37
3 16 دورتمۇند 10 2 4 19 32
4 16 مىنشىنگىلادباخ 10 2 4 16 32
5 16 ۋولسۇنبۇرگ 9 2 5 9 29
6 16 شارىك04 8 3 5 4 27
گىرمانىيە بىرلەشمىسى مەرگەنلەر تەرتىپى :
دەرىجە ئىسم كوماندا توپ
1 لەيۋەندوۋىسكى دورتمۇند 11
2 مەنزۇلىچ بەيرىن 10
3 رامۇس بىرلىن ھېرتا 10
4 ئابامىياڭ دورتمۇند 9
5 لاسىگا ھامبۇرگ 9
|
|