ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 5458 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سېرىق ھەرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-15 15:19
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...
2013 - 2014 - يىللىق گىرمانىيە بىرلەشمىسى 16 - ئايلانما مۇسابىقىسى 14 - چىسلا چۈشتىن كىيىن سائەت 20:30 دە باشلاندى ، مۇسابىقە نەتىجىسى تۆۋەندىكىچە :
خوفىنھام 2 - 2 دورتمۇند
دورتمۇند كوماندىسى مىھمان مەيداندا خوفىنھام كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، ئالدىنقى مەيدان باشلىنىپ 17 مىنۇت ۋە 37 مىنۇت بولغاندا خوفىنھام كوماندىسى ئىككى توپ ئۇردى ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 44 مىنۇت بولغاندا ئابامىياڭ بىر توپ ئۇردى ، كىينكى مەيدان باشلىنىپ 67 مىنۇت بولغاندا دورتمۇند توپچىسى پىشىچىك بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجە 2 - 2 تەڭلەشتى ، دورتمۇند كوماندىسى مىھمان مەيداندا ئىپادىسىنى ياخشى جارى قىلدۇرغان بولسىمۇ ياخشى پۇرسەتلەرنى تۇتالماي مىھمان مەيداندا تەڭلەشتى ...
بەيرىن 3 - 1 ھامبۇرگ
بەيرىن كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا ھامبۇرگ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، مۇسابىقە باشلىنىپ 41 مىنۇت بولغاندا مەنزۇلىچ بىر توپ ئۇردى ، كىيىنكى مەيدان 52 مىنۇت بولغاندا گوتزى بىر توپ ئۇردى ، 90 مىنۇت بولغاندا شاچىرى بىر توپ ئۇردى ، ھامبۇرگ كوماندىسى بىر توپ قايتۇرۋالدى ، بەيرىن كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا 3 - 1 غەلبە قىلىپ ئۇدا غەلبە قىلىش قەدىمى داۋاملاشماقتا ...
مايىنىز 0 - 0 مىنشىنگىلادباخ
ئىپادىسى كۆرنەرلىك بولىۋاتقان مىنشىنگىلادباخ كوماندىسى مىھمان مەيداندا مايىنىز كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، 90 مىنۇتلۇق كەسكىن مۇسابىقىدىن كىيىن ھەر ئىككىلى تەرەپ توپ ئۇرالماي 0 - 0 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى ...
بىرلىن ھېرتا 3 - 2 بىرمىن
بىرلىن ھېرتا كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا بىرمىن كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بىرلىن ھېرتا كوماندىسىنىڭ ئىپادىىسى ياخشى بولدى ، بىرمىن كوماندىسى 2 توپ ئۇرۇپ كۈچىگەن بولسىمۇ بىرلىن ھېرتا كوماندىسى 3 توپ ئۇرۇپ ئۆزمەيدانىدا غەلبە قىلدى ...
ھانۋېر96 3 - 3 نىرۇنبۇرگ
ھانۋېر96 كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا نىرۇنبۇرگ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە نىرۇنبۇرگ كوماندىسى 3 توپ ئۇرۇپ ئۈستىنلىككە ئۆتتى ، كىيىنكى مەيدان ھانۋېر96 كوماندىسى 3 توپ ئۇرۇپ ئۆزمەيدانىدا تەڭلىشىپ قالدى ...
ئاگسۇنبۇرگ 4 - 1 بىرانسىۋىگ
ئاگسۇنبۇرگ كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا بىرانسىۋىگ كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ، 90 مىنۇتلۇق جاپالىق مۇسابىقىدىن كىيىن ئاگسۇنبۇرگ كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا 4 - 1 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىپ قىممەتلىك 3 نۇمۇرنى قولغا كەلتۈردى ...
مۇسابىقە فىلىمى تەھىرلىنىدۇ ...
|
|