ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 3127 |
تۆھپىسى: سەر |
|

شىنلاڭ تەنتەربىيىسى خەۋىرى:بۇ يىللىق ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى جەريانىدا،ئا س مىلان كوماندىسى نۇرغۇنلىغان مۇشەققەتلەردىن كىيىن مىڭ تەستە 16كۈچلۈك كوماندىلار قاتارىغا ئۆرلىدى.ناھايىتى جىددىيىچىلىك ئىچىدىكى مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن بالوتېلى يەنە ئازىراق ئاخپارات ۋاستىلىرى ئالدىدا قىززىق نۇقتىغا ئايلىنىپ قالدى.
كىلەر يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە، ئىتالىيە بىلەن ئېنگىلاتنىڭ بىر گوروپپىغا بۈلۈنۈپ قېلىشى ناھايىتى قىززىغان بىر مەيدان گوروپپا مۇسابىقىسنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىدىن دېرەك بىرىدۇ ئەلۋەتتە.
داۋاملىق قىززىق نۇقتىلىق شەخسلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالدىغان داڭلىق چولپان بالوتېلى ،ئاخپارات ۋاستىلىرىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى ھەققىدىكى سورىغان سۇئالىغا جاۋاپ بىرىپ مۇنداق دىدى:شۇنداق ئىتالىيە ئېنگىلاتتىن كۈچلۈك.
ئەلۋەتتە بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقسى ئۇنىڭ ھەقىقى ئىقتىدارنى نامايەن قىلدىغان سەھنە.
بالوتېلى يەنە:ئەگەر پەقەت مەن ئۈزۈمگە نىسپەتەن مەن ھامان بىرىنچى،شۇنداق مەن ھەقىقەتەن بىرىنچى بۇلۇشنى ئويلايمەن.بۇ ناھايىتى ئاسان.
ئەمما ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىرلىقىمنى ئىسپاتلايدىغان ئەڭ چوڭ سەھنە،يەنىلا كىلەريىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى.دەل شۇ سەھنە ئۈزۈمنىڭ دۇنيادىكى بىرىنچى ئوتتۇرا ھۇجۇمچى ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان ياخشى پۇرسەت.دۇنيا لوڭىسىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ سەھنە ،مىنىڭ ئويلىغان گۈزەل خىياللىرىمنى قالدۇرىدىغان ياخىشى جاي.
كىلەر يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىدە ،ئىتالىيە،ئېنگىلات،ئۇراگۇۋاي بىر گوروپپىغا بۈلۈنۈپ ھالاكەت گوروپپىسنى تەشكىل قىلدى.بالوتېلى بۇ ئەھۋالغا قارىتا ئىپادە بىلدۈرۈپ:مەن سىلەرنىڭ نىمە ئويلىغىنىڭلارنى بىلىمەن،مەن دىدىم ئىتالىيە ھامان ئېنگىلاتقا كۈچلۈك زەربە بىرىدۇ.ۋاقتى كىلىپ بىز بۇ ۋەزىپىنى ئۇرۇندىيالماي قالساق،سىلەر چۇقۇم مەن بۈگۈن دىگەن گەپنى ماڭا ئەسكەرتىپ قۇيۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار.
|
|