ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 550 |
تۆھپىسى: سەر |
|
2013-يىللىق ئالتۇن توپنىڭ ئالدىنقى ئۈچ نامزاتىغا ھىنرى ئايرىم-ئايرىم باھالارنى بەردى. فىرانسىيە كوماندىسىدا، ھېنرى بىلەن رىبىرى سەبداش بولۇپ باققان. بارسىلونادا ، ھېنرى بۇرۇن مېسسى،ئېيتىئو قاتارلىقلار بىلەن كۈچلۈك ھوجۇم سېپى بەرپا قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئارسىنال بىلەن بارسىلونا ، ھېنرى بىلەن مانچىستىر بىرلەشمىسى دەۋرىدە مادرىد ۋاقتىدىكى رونالدو بىلەنمۇ رەقىپ بولۇپ باققان. « ماكا گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ھېنرى رىبىرىنىڭ بۇيىللىق ئالتۇن توپنى ئىلىشىنى قوللىدى...
ھېنرى ئاۋال ئۆزىنىڭ قېرىندىشى رېبىرىنى تىلغا ئېلىپ: « رېبىرى بىر ئۇلۇغ توپچى، كۆپ قىسىم توپچى پۇرسەت كەلسىلا ئۆزى ۋارتارغا ئۇرىدۇ، لېكىن رېبىرى سەبدىشى ئۈچۈن توپ تاشلايدۇ، ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ياخشى كۆرىدىغان توپچى، مەن ئۇنىڭ ئالتۇن توپ ئېلىشىنى ئۆمۈت قىلمەن» دېدى.
ئارقىدىن ھېنرى رونالدوغا باھا بېرىپ:« ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، رونالدونى چۆردەپ نۇرغۇن تالاش تارتىشلار بولدى، كىشىلەر دائىم ئۇنىڭ پوزىتسىيىسى توغرۇلۇق مۇنازىرلەشتى، لېكىن ھازىر كىشىلەر ئۇنىڭ پوزىتسىيىسىگە قارماي ئاغزىنى يومۇشۇپ، ئاساسلىق ئۇنىڭ سان-سېفىرلىرى بىلەن مەيداندىكى ئىپادىسىگە، توپ تېپىشىگە دىققەت قىىدىغان بولدى، ئۇنىڭ ھەربىر قىلغان ئىشلىرى ئىنتايىن ھەيران قالارلىق بولدى، رونالدو خېلى ئۇزۇن مەزگىل ئىچىگىچە دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس توپچى بولۇپ تۇرىدۇ. مەن بۇرۇن ئۇنىڭغا باشقىچە نەزەردە قارىغان، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئىپادىسى ئارقىلىق ماڭا جاۋاپ قايتۇردى، ئۇ ئىنتايىن قالتىسكەن» دېدى.
ئاخرىدا ھېنرى مېسسىغا باھا بېرىپ:« مېسسى ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىمەن دەيدىكەن، مەيلى شاھلىق لوڭقىسىنىڭ باشلىنىشى بولسۇن، ۋەياكى مەشىق جەريانىدا بولسۇن ئۇ دائىم يېڭىشنى ئويلايدۇ. بەزى ئامالسىز ئەھۋاللاردىمۇ ئۇ ھەرگىز قىيداپ يۈرمەيدۇ. ئۇ توپنى ئاكتىپ ھالدا ئالىدۇ، قارشى تەرەپ توپچىلىرىنىڭ ھەممىسىدىن ئۆتۈپ ئاخىردا توپ ئۇرىدۇ. مەن پۇتبولچىلىق ھاياتىمدا مىسسىدەك توپچىنى كۆرۈپ باقمىدىم » دېدى. |
|