- تىزىملاتقان
- 2007-5-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6056
- نادىر
- 0
- يازما
- 6056
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەردار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-13 12:02

12-ئاينىڭ 13-كۈنى «دۇنيا پۇتبولى» ژورنىلى 2013-يىللىق دۇنيا پۇتبول ساھەسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچىنى ئېلان قىلدى . كىرىستىيانو.رونالدو رەقىبلىرى مىسسى ۋە رىبىرىنى يېڭىپ بۇ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى بولدى . بايرىن مىيونخىننىڭ ئىلگىركى مەشقاۋۇلى ھايكىنىس ئەڭ مۇنەۋۋەر تېرىنىر بولدى ، بايرىن مىيونخىن كوماندىسى ئەڭ مۇنەۋۋەر كوماندا بولۇپ باھالاندى .
«دۇنيا پۇتبولى» ژورنىلى 1982-يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى شۇ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى ، ئەڭ مۇنەۋۋەر تېرىنىر ، ئەڭ مۇنەۋۋەر كۇلۇپنى باھالاپ كىلىۋاتقان بولۇپ ، ھەر يىلى پۈتۈن دۇنيادىكى ھەرقايسى تاراتقۇلار ، مۇخبىرلار ، مۇتەخەسسىلەر بېلەت تاشلاش ئارقىلىق 10نەپەر پۇتبولچىنى ئەڭ يوقۇرى نومۇر 10نومۇر ، ئەڭ تۆۋەن نومۇر 1 نومۇر بىرىش باھالاپ چىقىدۇ .
2013-يىللىق باھالاش نەتىنجىسىدە رونالدو 1075 نومۇر بىلەن 1- ، مىسسى 926 نومۇر بىلەن 2- ، رىبىرى 870 نومۇر بىلەن 3- بولدى .
«دۇنيا پۇتبولى» ژورنىلى كۆرسىتىشىچە :بۇ قېتىمقى دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى مۇكاپاتى كىرىستىيانو .رونالدونىڭ 2-قېتىملىق باھالىنىشى بولۇپ (2008-يىلى دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى بولۇپ باھالانغان ) شان -شەرىپىنى قايتىدىن تىكلىشى ھىساپلىنىدۇ .
رونالدونىڭ 2013-يىلى ھازىرغىچىلىك ئېرىشكەن شان -شەرەپلىرى :
2012-2013-پەسىللىك ئىسپانىيە كەسپى پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ قىممىتى چوڭ پۇتبولچى مۇكاپاتى
ئىسپانىيە پۇتبول بىرلەشمىسى ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر مۇكاپاتى (دې سىتىفانو مۇكاپاتى)
ئىسپانىيەدىكى Ibero-América(ئىسپانىيە، پورتىگال ۋە يەرلىك تىلىدا سۆزلىشىدىغانلار) بويىچە ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى مۇكاپاتى
«442» 2013-يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر مۇكاپاتى
«دۇنيا پۇتبولى» 2013-يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر مۇكاپاتى |
|