akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 930|ئىنكاس: 26

دورتىموند كوماندىسنىڭ يۈرىكى-گۈندوغان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-12-12 22:10:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                                 111111111111111111111.jpg                
   
بۈگۈن بىز توختىلىدىغان بۇ پۇتبولچى كۆپىنچە مەستانىلەرگە تونوشلۇق بولغان، 2013-يىلى  ئىپادىسى بارغانسىرى ياخشى بولىۋاتقان گىرمانىيەلىك مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا مەيدان پۇتبولچىسى، دورتىمونىد كۇلۇبىنىڭ يۈرىكى-تۈرك ئوغلى ئىركاي گۈندوغان. ئۇنى دورتىمونىد پۇتبول پەلسەپىسىنىڭ گۈزەللىكىنى مۇكەممەل نامايەن قىلدى دىيىشكە تامامەن ھەقلىقمىز.
  كىلوپ مەشقاۋۇللىغىدىكى دورتىمونىد كوماندىسى 2010\2011 مۇسابىقە پەسلىدە گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە چىمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى، شۇ چاغدا ئۇلاردا ئىپادىسى ئىزچىل مۇقىم بولغان بىر تۈركۈم توپچىلار بار ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دورتىمونىدنىڭ ئۇ چاغدا ياۋروپا ئۇزغانلىق مۇسابىقىسى بولمىغاچقا توپچىلارمۇ تۈزۈك ئالماشمىغان ئىدى. ئەينى چاغدا نۇرى ساھىن كوماندىنىڭ يادىروسى ئىدى. ئۇ دورتىمونىد كوماندىسىنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەر تەربىيلەش لاگىرىدىن يىتىشىپ چىققان پۇتبولچى بولۇپ،گىرمانىيە ئا بىرلەشمىسى تارىخدا يىشى ئەڭ كىچىك مەيدانغا چىققان ماھىر ھىساپلىناتتى. شۇ مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ساھىن خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبىغا يۆتكىلىپ كەتتى، ئۆزىنىڭ ئامراق ماھىرىدىن ئايرىلغان كىلوپ ئىنچىكە كۈزىتىش ئارقىلق شۇ چاغدا نېۋلۇنبۇرۇگ كۇلۇبىدا توپ تىپىدىغان تۈزۈك نامى چىقمىغان گۈندوغاننى تۆت مىليۇن ياۋرولۇق يۆتكىلىش ھەققى بىلەن كوماندىغا يۆتكەپ كەلدى.
  ساھىن دورتىمونىد كوماندىسىدىن ئايرىلغاندىن كىيىن ئۇنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش يولى  ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمىدى، ئۇ ئىلگىرى كىيىن خان مادىرىد ۋە لېۋىرپۇل كۇلۇپلىرىدا بىر مەھەل ئايلىنىپ يۈرۈپ 18 ئايدىن كېيىن يەنە ئۆزىنىڭ ئانا كوماندىسى دورتىمونىد كوماندىسىغا قايتىپ كەلدى. ساھىن دورتىمونىد كۇلۇبىغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئۆزىنىڭ كوماندىدىكى يادرولۇق ئورنىنىڭ ئەمدى كەلمەسكە كەتكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ گۈندوغاننىڭ زاپاس ئەزاسىغا ئايلىنىپ قالغانلىغىنى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى. بۇ 18 ئاي جەريانىدا گۈندوغان «سېرىق ھەرە» قوشۇنىنىڭ يادروسىغا ئايلانغان ئىدى.
  ئەمەليەتتە گۈندوغان بىلەن نۇرى ساھىن نۇرغۇن جەھەتلەردە ئورتاقلىققا ئىگە. يەنى ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى تۈرك كۆچمەنلەرنىڭ ئەۋلادى، مەيداندىكى ئورنى، تېخنىكىسى ۋە بەدەن ساپاسىمۇ ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئۇلار كىچىك چاغلىرىدىن باشلاپلا ياخشى دوسىتلاردىن بولۇپ، گۈندوغانمۇ ساھىننىڭ ئۆزىگە ئۆز ئاكىسىدەك كۆيۈنىدىغانلىغىنى ئېيتقان ئىدى. كىلوپ گۈندوغاننى يۆتكەپ كىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭغا باھا بىرىپ:« ئىركاينىڭ پوزىتسىيەسى ئىنتايىن ئاكتىپ، تېخنىكىسىمۇ ئەتراپلىق، ھەممە جەھەتتىن يىتىشكەن،بىزنىڭ سەپ شەكلىمىزگە ماس كىلىدىغان، ئۈگۈنۈشكە ھىرىسمەن پۇتبولچى» دىگەن ئىدى.
دېمىسىمۇ ئۇ چوقۇم ياخشى ئۈگۈنۈشى كېرەك ئىدى، چۈنكى گىرمان ئا بىرلەشمىسىنىڭ مۇنەۋەر ماھىرى ھىساپلىندىغان ساھىننىڭ ئورنىنى ئۇنىڭدەك ئويناش ئانچە ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى، دەسلەپكى مەزگىللەردە گۈندوغان تۈزۈك ئېچىلالمىغان بولسىمۇ بىراق ئىپادىسى ئۇنچە ناچار بولمىدى. دەسلەپكى چاغلاردا ئۇ پەقەت زاپاس توپچى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقتى. گۈندوغان شۇ چاغلارنى ئەسلەپ:«ئۇ ۋاقىتلاردا ئىشلار پەقەت كۆڭلۈمدىكىدەك بولمىدى، شۇڭا مەشقاۋۇلنىڭ مىنى مەيدانغا چىقارمىغىنىمۇ توغرا، بۇ ئەمەليەتتە مىنى ئاسرىغانلىق ئىدى، مەن بىر قەدەم چىكىنىش ئارقىلىق تېخمۇ كۆپ ۋاقىت ئاجرىتىپ مۇسابىقىگە ماسلىشىشنى ئۈگۈنۈشۈم كېرەك ئىدى» دەيدۇ.
  گېرمانىيە لوڭقىسىدىكى فېرىت كوماندىسى بىلەن بولغان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى 120 مىنۇت بولغاندا كىرگۈزگەن بىر توپى گۈندوغاننىڭ دورتىمونىد كوماندىسىدىكى كەسپى ھاياتىنى ئۆزگەرتتى دىيىشكە بولىدۇ. ئىككى تەرەپ تەڭلىشىپ قىلىپ مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا بىر نەچچە سىكۇنىت قالغاندا ئۇنىڭ كىرگۈزگەن بىر توپى سېرىق ھەرە قوشۇنىنى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە باشلاپ كىردى. ئۆتكەن مۇسابىقە پەسلىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا دورتىمونىد كوماندىسى 1997-يىلدىن  كىيىن يەنە بىر قىتىم ياۋروپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە بۆسۈپ كىردى، بۇ چاغدا گۈندوغان ئاللىبۇرۇن كوماندىنىڭ يادىروسى ۋە مەنىۋى داھىسىغا ئايلانغان ئىدى. بۇ چاغ دەل كوماندىنىڭ ئىلگىرىكى يادىروسى ساھىن كوماندىغا قايتىپ كەلگەن ۋاقىتقا توغرا كەلگەن ئىدى.
       77777777777777.jpg    

  شۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئۇنىڭ ئىپادىسى ھەقىقەتەن قالتىس بولدى، بولۇپمۇ سەككىز كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسىدە مالاگا كوماندىسى بىلەن بولغان مېھمان مەيدان مۇسابىقىدە ساھىپخان كوماندا دورتىمونىد كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم سىپىنى ئومۇميۈزلۈك بىسىپ كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغىدى، بۇنداق ئەھۋالدا گۈندوغان ئارقا مەيدانغىچە چىكىنىپ ھۇجۇم تەشكىللىدى، قارشى تەرەپنىڭ نۇرغۇن قېتىملىق ھۇجۇملىرىنى بىتچىت قىلدى، ھەمدە سەبداشلىرى ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق ئورۇنغا پاس يەتكۈزۈپ بىرىپ كوماندىنىڭ غەلبىسىگە ئاساس سالدى. مۇسابىقىدە باشقا ماھىرلارغا سىلىشتۇرغاندا 21 قىتىم ئارتۇق پاس بەرگەن بولۇپ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۇنىڭ رەقىپلىرىمۇ ئۇنىڭ توپ كونتىرول قىلىشىغا ئامالسىز قالغان ئىدى.
   بۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ توپسىز يۆتكىلىش،ئورۇن ئىگەللەش ئېڭىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى، ئۇ بۇ ھاياتى كۈچكە تولغان ياش كوماندا ئىچىدە ئەڭ چىداملىق، ئەڭ كۆپ يۈگۈرەلەيدىغان توپچىلارنىڭ بىرى. ئۆتكەن مۇسابىقە پەسلىدە ئۇلار خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە دورتىمونىد كوماندىسى 4-1 نەتىجە بىلەن «سامانيولى جەڭ كىمىسى» نى يەڭدى.  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۇ مودىرىچ، ئۆزىنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى سەبدىشى قىدىرالارنىڭ پۇت ئاستىدىن تۆت قىتىم توپ تارتىۋالدى، بۈتۈن مادىرىتنىڭ موداپىئە سىپىنى مالىمان قىلىپ كوماندىنىڭ غەلبىسىگە ئاساس سالدى.
    ئۆتكەن پەسىللىك ياۋروپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە گەرچە دورتىمونىد كوماندىسى 2-1 نەتىجە بىلەن بايرېن مىيۇنخىن كوماندىسىغا يېڭىلىپ قىلىپ،  چىمپىيون بولالمىغان بولسىمۇ بىراق گۈندوغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بىر نۇقتا توپنى سوغۇققانلىق بىلەن تىپىپ كىرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ كوماندىدىكى داھىلىق ئورنىنى تولۇق نامايەن قىلدى. 2012\2013 مۇسابىقە پەسلىدە پۈتكۈل ياۋروپا تەۋەسىدە ھىچقانداق پۇتبولچى گۈندوغاندەك تىز ئالغا باسالمىدى، ئىشىنىمىزكى بۇ ئۇنىڭ ئاخىرقى پەللىسى ئەمەس. ئۇنىڭ تېخمۇ يۇقىرى پەللىنى يارىتىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل..
     

مەنبە؛(نۇر تورى )                             
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-12 22:17:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇگۇي   راسلا  يامان  نىمىكەن ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-12 22:22:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-12 22:23:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوپتۇلا يوللىغان ۋاقتى  2013-12-12 22:17
بۇگۇي   راسلا  يامان  نىمىكەن ،

شۇشۇ  بۇتېخى ياش كەلگۈسدە ئاللاھ خالسا شاۋى پېرلو دەك بۇپ كېتالايدۇ.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-12 22:25:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانزاد1 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-12 22:22
ئۆزىلنىڭ ئاغىنىسىكەن ھە ئككىسى بىر كۇلۇپتا توپ تەپكەن  ...

ئاللاھ خالسا كىيىن ئويناپمۇ قالا.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-12 22:29:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇگۇينى  مادىرىتقا   كىلدۇ   دەۋەتقان  ...كەمەي   جايىدا  ئۇيناۋەگىنى  ياخشى  بۇنىڭ  .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-12 22:29:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-12 22:34:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭ مادرىدقا كېلىدىغانلىقى ئاساسەن مۇقىملىشىپ قالغان ئوخشايدۇ . ئىككىنچى ئۆزىل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن . شۇڭا بۇنىڭ كېلەر يىللىق دۇنيا لوڭقىسدىكى ئىپادىسى ناھايىتى مۇھىم !!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-12 22:40:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-12 22:47:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yaman   nima  bu
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-12 22:54:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ئاداش . تۇنجى تېماڭلىنى باشلىۋېلىپسىلە مانا . داۋاملىق تىرشىڭلا ئاداش...

مادىرىدقا كېلىدۇ دېگىلىمۇ خېلە بولدى . كېلىدىغىنى راس ئوخشايدۇ بۇنىڭ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-12 23:06:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ottora maidan mator
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 05:47

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش