ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1159 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھەممىڭلارنىڭ ھازىرقى ۋاقتىڭلار خەيرىلىك بولسۇن.
تۇڭشۇن تەنتەربىيە خەۋىرى: بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى، بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن، ماراكەشتە بىر قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يېغىنى ئۆتكۈزگەن بۇلۇپ، يېغىندا دۇنيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ۋېرىك: جۇڭگو ئاللىبۇرۇن 2015-يىلى ۋە 2016-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشكە ئىلتىماس قىلدى. دېدى.
بىرازىلىيە «يەر شارى» ئاخبارات ۋاستىسىمۇ بۇنى ئاشكارلىغان. خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بۇ قېتىملىق دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ۋاقتىدا 2015-يىلدىن 2018-يىلغىچە جەمئىي تۆت قېتىملىق ساھىبغان ئۇرۇننى ئېلان قىلىدۇ. دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۇستىگە ئالغان ئورۇن ئۇدا ئىككى قېتىملىق ساھىبخان بىلىدۇ ( ماراكەشكە ئوخشاش ). يەنە كىلىپ جۇڭگو كىيىنكى ئىككى قېتىملىق ساھىبخان بۇلۇشتىكى قىززىق نۇقتا.
بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يېغىنىدا كىيىنكى ئىككى قېتىملىق ساھىبخان ئورۇن جۇڭگومۇ دىگەن سۇئالىغا، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ۋېرىك: بىز بۇنىڭغا ئىنتايىن قىزىقىمىز. مەن بۇ يەردە خۇشال ھالدا شۇنداق دەيمەنكى جۇڭگو ھەقىقىي (ساھىبخان) ئورۇنلارنىڭ بىرى. جۇڭگو ھازىر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، بۇ بىزگە ئىنىق بولغان سىگنال. ۋېرىك تىلغا ئالغىنىدەك «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت»، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى پۇتبولنىڭمۇ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ. جۇڭگومۇ ماراكەشكە ئوخشاش «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت». ناھايتى ئىنىقكى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 2015-يىلى ۋە 2016-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش شەرپىگە جۇڭگونىڭ ئېرىشىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ. چۈنكى جۇڭگو بىر كەڭرى بازار.
بۇ ئەسلى تۈنۆگۈنكى خەۋەركەن، مۇنبەرگە يوللانماپتۇ شۇڭا يوللاپ قويدۇم. |
|