رىۋالدو پۇتبول سەھنىسىدىن چېكىنىشى مۇمكىن
5-ئاينىڭ 13-كۇنى ئۆتكۈزۈلگەن گرىتسىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىسىدا رىۋالدو توپ تېپىۋاتقان ئولىمپىياكوس كۇلۇبى بىلەن ئېونوس كۇلۇبى ئوتتىرىسىدىكى مۇسابىقە 35ياشقا كېرگەن رىۋالدونىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن .
رىۋالدو 2004-يىلى گرىتسىيىگە بارغاندىن كېيىنمۇ ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلدى ،ئۇ ئولىمپىياكىسنى باشلاپ ئۇدا 3قېتىم بېرلەشمە مۇسابىقە چىمپىيۇنى ۋە2قېتىم گرىتسىيە لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇن بولدى.ئۇنىڭ يىللىق مائاشى 1مىليون 900مىڭ ياۋرۇ بولغان .ئۇنىڭ ئولىمپىياكىس بىلەن تۇزگەن توختامى بۇ يىل 6-ئايدا ئاخىرلىشاتتى ،لىكىن ئۇ يەنە مۇشۇ كۇلۇپتا توپ تېپىشكە ماقۇل بولغان .
لىكىن 12-چىسلادىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۇ رەسمىي توختام تۇزمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان .ئەسلى كۇلۇپ ئۇنىڭ 390مىڭ ياۋرۇ مائاشىنى بەرمىگەن بۇلۇپ ،رىۋالدو بۇنى مىنىڭ ئېناۋىتىمنى تۆككەنلىك دەپ قارىغان ،ئۇ مەن پۇلغا ئېھتىياجلىق ئەمەس ،پۇل ئۇچۇن بۇنداق قېلمىدىم دەپ بۇ پۇلنى ئۆزىنىڭ بىرازىلىيە ۋە ئېسپانىيىدىكى فۇندى جەمېيىتىگە ئىئانە قېلىپ ،ساخاۋەت ئېشلىرىغا ئېشلىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان .
شۇ كۇنكى مۇسابىقىدە ئولىمپىياكىس 3:5ئۇتقان ،رىۋالدو 2توپ ئۇرغان ،بۇ مۇسابىقە پەسلى ئۇ 25مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 17توپ ئۇرغان .مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا ئۇ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قېلمىغان ھەتتاكى كۇلۇپنىڭ چڭمپىيۇن بولغانلىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشمىغان .
35ياشقا كېرگەن بۇلسىمۇ ،تېخنىكىسى يۇقىرى بولغان رىۋالدو يەنىلا بازارلىق پۇتبۇلچى ھېسابلىنىدۇ ،بىرازىلىيىنىڭ پارمىلاس كۇلۇبى ئۆزلىرىنىڭ رىۋالدوغا قىزىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان ،ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تېرىنېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ پىكرىنى ئالغاندىن كېيىن بېر قارار چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان .
 |