akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2316|ئىنكاس: 65

ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى خەۋىرى(2013.12.12)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-12-12 05:39:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سېرىق ھەرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-12 17:54  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...



1.jpg

2013 - يىلى 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى سەھەر سائەت 1:30 دە 2013 - 2014 - يىللىق ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمە لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ  گورۇپ 6 - ئايلانما مۇسابىقىللىرى ئوينالدى ، نەتىجىلەر تۆۋەندىكىچە :

مارسىل  1    -    2  دورتمۇند

ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھالاكەت گورپىسى مۇسابىقىسى ئوينالدى ، گىرمانىيە سېرىق ھەرە قوشۇنى - دورتمۇند كوماندىسى مىھمان مەيداندا فىرانسىيە زەردارى مارسىل كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ...
بۇ مەيدان مۇسابىقە دورتمۇند كوماندىسى ئۈچۈن مۇھىم بولۇپ قىممەتلىك 3 نۇمۇرنى قولغا كەلتۈرسە گورۇپتىن ئوڭۇشلۇق چىقاتتى ...
مۇسابىقە باشلىنىپ دورتمۇند كوماندىسى كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغاپ 4 مىنۇت بولغاندا لەيۋەندوۋىسكى بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 0 - 1 قىلدى ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 14 مىنۇت بولغاندا مارسىل كوماندىسى بىر توپ قايتۇرۋالدى ، ئالدىنقى مەيدان ئاياغلاشقىچە مۇسابىقە كەسكىن ئىلىپ بىرىلدى ، مۇسابىقە جەريانىدا مارسىل كوماندا ئەزاسى قىزىل كارتا يىدى ، ئالدىنقى مەيدان 1 - 1 ئاياغلاشتى ...
كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە تىخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتتى ، دورتمۇند كوماندىسى شۇنداق ياخشى ھۇجۇملارنى قىلغان بولسىمۇ قارشى تەرەپ قاتتىق مۇداپىيە قىلىۋالدى ، دورتمۇند كوماندىسىنىڭ توپ كونتۇرۇل قىلىشى 61% مارسىل كوماندىسىنىڭ 39% بولدى ، لەيۋەندوۋىسكى بىر قىتىم ئوچۇق ۋارتاغا توپ ئۇرالمىدى ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 87 مىنۇت بولغاندا دورتمۇند كوماندىسى كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغاپ دورتمۇند توپچىسى كىلوسكىرويىس بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 1 - 2 قىلدى ، كىيىنكى مىنۇتلاردا نەتىجە ئۆزگەرمەي دورتمۇند كوماندىسى مىھمان مەيداندا قىممەتلىك 3 نۇمۇرنى قولغا كەلتۈرۈپ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى 16 كۈچلۈككە كىرىپ كەتتى ! ...
دورتمۇند كوماندىسى بۇنىڭ بىلەن 2013 - 2014 - يىللىق ھالاكەت گورپىسىدىن 12 نۇمۇر بىلەن بىرىنجى بولۇپ گورۇپتىن چىقتى ...







ناپولى  2     -     0  ئارسىنال

يەنە بىر مەيدان ھالاكەت گورپىسى مۇسابىقسىىدە ئىتالىيە كۈچلۈك ناپولى كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا ئىنگىلاند زەردارى ئارسىنال كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ، بۇ مەيدان مۇسابىقە ھەر ئىككىلى كوماندا ئۈچۈن بەك مۇھىم ھىسابلىناتتى ...
مۇسابىقە باشلىنىپ ئالدىنقى مەيدان ئاياغلاشقىچە ھەر ئىككىلى كوماندا قاتتىق كۈچىگەن بولسىمۇ نەتىجە 0 - 0 ئاياغلاشتى ، كىيىنكى مەيدان ئارسىنال توپچىسى ئارتىتا بىر قىزىل كارتا يىدى ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 73 مىنۇت بولغاندا ناپولى ھۇجۇمچىسى ھىگۇايىن بىر توپ ئۇردى ، 90 مىنۇت بولغاندا ناپولى توپچىسى كالىڭخوڭ بىر توپ ئۇرۇپ ناپولى كوماندىسى مىھمان مەيداندا غەلبە قىلغان بولسىمۇ يەنىلا گورۇپتا ئۈچىنجى بولۇپ قىلىپ ئىتىپاق لوڭقىسى ئويناش سالاھىتىگە ئىرىشتى ، ئارسىنال كوماندىسى گورۇپتىن ئىككىنجى بولۇپ چىقتى ...







بارسىلونا 6     -     1  كىتالىقلار

خ گورۇپ مۇسابىقىسدە بارسىلونا كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا كىتالىقلار كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ، بارسىلونا كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە 6 - 1 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىپ 13 نۇمۇر بىلەن گورۇپتىن بىرىنجى بولۇپ چىقىپ كەتتى ، بارسىلونا كوماندىسىنىڭ ياش چولپىنى نىمار 3 توپ ئۇرۇپ قالپاق كەيدى ، پىدىرو ۋە پىكلار بىردىن توپ ئۇردى ...






مىلان 0      -      0  ئاجاكىس

مىلان كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا ئاجاكىس كوماندىسنى كۈتىۋالدى ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككىلى كوماندا 3 نۇمۇر ئىلىش ئۈچۈن قاتتىق تىرشاتتى ...
90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە ھەر ئىككىلى تەرەپ قاتتىق كۈچىگەن بولسىمۇ نەتىجە 0 - 0 ئاياغلاشتى مۇسابىقە جەريانىدا مىلان توپچىسى مونتىلىۋو قىزىل كارتا يىدى ، بۇنىڭ بىلەن مىلان كوماندىسى 9 نۇمۇر بىلەن گورۇپتىن ئىككىنجى بولۇپ چىقىپ كەتتى ، ئاجاكىس كوماندىسى 8 نۇمۇر بىلەن ئىتىپاق لوڭقىسى ئويناش سالاھىتىگە ئىرىشتى ...







شارىك04  2      -     0  بارسىل

گىرمانىيە كۈچلۈك شارىك04 كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا بارسىل كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە قايسى كوماندا غەلبە قىلسا ئوڭۇشلۇق گورۇپ مۇسابىقىسىدىن چىقىپ كىتتەتتى ...
مۇسابىقە باشلىنىپ ئالدىنقى مەيدان 0 - 0 ئاياغلاشتى ، كىيىنكى مەيدان باشلىنىپ 51 مىنۇت بولغاندا شارىك04 ياش چولپىنى دىلاكسىر بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 1 - 0 قىلدى ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 57 مىنۇت بولغاندا شارىك04 توپچىسى ماتىپ بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 2 - 0 قىلدى ، كىيىنكى مىنۇتلاردا نەتىجە ئۆزگەرمەي شارىك04 كوماندىسى 10 نۇمۇر بىلەن گورۇپتىن ئىككىنجى بولۇپ چىقتى ، بارسىل كوماندىسى 8 نۇمۇر بىلەن ئىتىپاق لوڭقىسى ئويناش سالاھىتىگە ئىرىشتى ...







چىلسى 1     -     0  بۇخارېست يۇلتۇز

ئىنگىلاند زەردارى چىلسى كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا بۇخارېست يۇلتۇز كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، چىلسى كوماندىسى 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدىن كىيىن 1 - 0 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى ، چىلسى كوماندىسىدىن دىمبابا بىر توپ ئۇردى ، بۇنىڭ بىلەن چىلسى كوماندىسى 12 نۇمۇر بىلەن گورۇپتىن بىرىنجى بولۇپ چىقىپ كەتتى ...  






مادىرىد رىقابەت 2     -     0  پورتۇ

ئىسپانىيە كۈچلۈك مادىرىد رىقابەت كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا پورتۇگالىيە زەردارى پورتۇ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 16 مىنۇت بولغاندا مادىرىد رىقابەت توپچىسى جاشىيا بىر توپ ئۇردى ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 37 مىنۇت بولغاندا كوستا بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 2 - 0 قىلدى ، كىينكى مىنۇتلاردا نەتىجە ئۆزگەرمەي مادىرىد رىقابەت كوماندىسى 16 نۇمۇر بىلەن گورۇپتىن بىرىنجى بولۇپ چىقىپ كەتتى ...






ۋىيېنا 4     -     1  زىنىت

ۋىيېنا كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا روسىيە زەردارى زىنىت كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ، ئەمىلى كۈچى كۈچلۈك بولغان زىنىت كوماندىسى مىھمان مەيداندا 4 - 1 نەتىجە بىلەن مەغلۇب بولدى ، زىنىت كوماندىسى مەغلۇب بولغان بولسىمۇ يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە پورتۇ ئۇتتۇرغانلىقى ئۈچۈن 6 نۇمۇر بىلەن گورۇپتىن ئىككىنجى بولۇپ چىقتى ...





پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-12 05:39:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سېرىق ھەرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-12 06:20  

ۋاي يۈرەگىم ! ۋاي يۈرگىم ، ئۇف ... ھەجەپ كەسكىن بولۇپ كەتتى ما ھالاكەت گورپىسى ... مۇسابىقە باشلىنىپلا دورتمۇند بىر توپ ئۇرۇپتى خۇشال ئولتۇرغان كىيىن مارسىل تەڭلەشتۈرۋالدى ، دورتمۇند بىر توپ ئۇرسا بولتى دەپ ئولتۇرسام ما ئارسىنال 1 توپ يەپ كىتىپتۇ ، بۇنىڭ بىلەن بۇ گورۇپ مۇسابىقىسى ئاجايىپ كەسكىنلىشىپ كەتتى ، بوپمۇ ناپولى ئارسىنالغا بىر توپ ئۇرغاندا ! دورتمۇند كوماندىسى 87 مىنۇتتا مارسىلنى بوغۇزلىغاندا ئاندىن يۈرەك جايىغا چۈشتى ... بۇ مەيدان مۇسابىقىدە دورتمۇند كوماندىسى شۇنداق ياخشى ئوينىدى ، لەيۋەندوۋىسكى بىر قىتىم ئوچوق ۋارتاغا توپ ئۇرالمىدى ، رىئۇس بىر قىتىم گار سوقۇپ بىرنەچچە ياخشى پۇرسەتلارنى قولىدىن بىرىپ قويدى ... گەپنى يىغىنچاقلىغاندا دورتمۇند كوماندىسى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ياخشى ئوينىدى ، شۇنىڭ بىلەن ساپ توپ جەھەتتە گورۇپتىن بىرىنجى بولۇپ چىقىپ كەتتۇق مانا !
دورتمۇند كوماندىسى ئۇدا ئىككى يىل ھالاكەت گورپىسىغا بۆلىنىپ قىلىپ يەنىلا گورۇپ مۇسابىقىسىدىن بىرىنجى بولۇپ چىقىپ كىتىپ بارىدۇ ! مۇبارەك بولسۇن گىرمانىيە سېرىق ھەرە قوشۇنى دورتمۇند كوماندىسى ! غەلبە مۇشۇنداق تىرىشقانلارغا مەنسۇب ...
شۇنداق قىلىپ گىرمانىيە بىرلەشمىسىدىن دورتمۇند ، بەيرىن ، لىۋىرىكسۇن ، شارىك04 قاتارلىق توت كوماندا ئوڭۇشلۇق گورۇپتىن چىقتى ! مۇبارەك بولسۇن گىرمانىيە كۇلۇبلىرى ، بۇمۇ بىر گىرمانىيە بىرلەشمىسىدە تارىخىقا يىزىلىدىغان ياخشى نەتىجە بولشى مۇمكىن ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-12 05:40:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەھمۇدىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-12 05:46  

ۋاي يۇرگۇم   بۇگۇن ئېككى قىتىم قۇزغۇلۇپ  كەتتى .. گالاتساراي  ئارسىنال  تاسلا قالدى

مۇبارەك بولسۇن سىرىق ھەرە  مۇبارەك بولسۇن ئارسىنال   ھە بىزنىڭ چېلسىمۇ بار  شۇنداق  قىلىپ ئېنگىلاندن 4 كولۇپ نىمىسلاردىن  4 كولۇپ گورپىدىن ئوڭۇشلۇق چىقىۋالدى  قىشلىق  بازارغا ئوت كىتىدىغان بولدى مانا


مىلانغىمۇ مۇبارەك  ئېنجىقلاپ يۇرۇپ چىقىۋالدى  ئاجاكىسمۇ بوش ئەمەسكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-12 05:44:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھورۇن...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-12 05:45:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
daxxat kezzip kattidisa  milan.kanda boldi amdi.


پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-12 05:46:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما كاپىتان تاماس قالدى كوماندىنىڭ بەختىگە ئوتتاغىلى  يۈرەك سۇ ئاران تۈگەتتۇق  سۈركۈلۈشلەرمۇ خىلى بوپ قويدى   ئىشنىقىلىپ نىم قىلساق قىلىپ گورۇپتىن چىقتۇق كىيىنكى رەقىپلىرمىز تىخىمۇ خەتەرلىك  مادرىت مادرىتنىڭ ئىنىسى ئالۋاستى چىلسى قايسى بولسا مەيلى كىلشە ئاق پىشماقلار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-12 05:47:03 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nimar tumak kiyiptu
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-12 05:47:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   خەپشۈك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-12 05:51  

ئارسىنال بىلەن ناپولىنىڭ مۇسابىقىسى  قىزىدى …باسانىڭ تىلفۇندا قويۇش ئادىرىسنى زادىلا تاپالمىدىم ,نېيمار ئۇزغۇنلۇقتا توپ ئۇرماپتىكەن ,بۈگۈن  بىراقلا  قالپاق  كىيىپ قويۇپتۇ …
ئىتالىيە  بىرلەشمىسىدىن ئاران مىلانلا كىرىپتۇ 16 كۈچلۈككە … 16 كۈچلۈكتە باسا بىلەن ئارسىنال  ئۇچرىشىپ قالىدىغان ئوخشايدۇ…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-12 05:49:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىلەن  ۋە  ئارسىنال  كۇلۇپلىرغا  مۇبارەك  بولسۇن  داۋاملىق ئالغا!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-12 05:50:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارسىنال

چختىمۇ يا

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-12 05:58:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە راس ما بىزنىڭ ۋارتا بۈگەن شاش  بۇ ئايلانمىدا مۇنەۋەرلەر قاتارىغا كىرشى مومكىن ئەڭ كۈچ چىقارغىنى ئابياتى بىلەن بىزنىڭ 45  يارايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-12 06:01:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسپان كۇلۇپلىرىدىن بىرسى چىقالمىدى ئىككىسى بىر مەيدانمۇ يىڭىلمەي چىكەتتى  بىرسى ئاران بىر مەيدان يىڭىلدى  بۇ يىل ئۇزغۇنلۇق ھەقىقەتەن كۈچلۈكلەر يىغىلغان جەڭگاھ بولغان چىغى بىزنىڭ مىلەننىڭ بىرلەشمىدىكى ئىپادىسىگە قاراپلا ئۇنى بۇنى دىمەڭلار ئۇزغۇنلۇقتا مانا مەن دىگەنلەرنىڭ چىكىسدىن تەر چىقىردۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 17:12

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش