ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3580 |
تۆھپىسى: سەر |
|
يېقىندىن بېرىقى مىلاننىڭ مۇسابقىللىرىدە كاكانىڭ ئىپادىسى ياخشى بولىۋاتىدۇ. ئۇ بۇرۇنقى كوماندىسىغا قايتىپ كىلىپلا مىلاننىڭ ئوتتۇرا مەيدانىدا يادرولۇق ئەزاغا ئايلاندى. كاكا يازلىق يۆتكىلىشتە مادرىد كوماندىسىدىن مىلان كوماندىسىغا ھەقسىز يۆتكەپ كىلىنگەن ئىدى.(بەزى تاراتقۇلار مادرىدنىڭ كاكانى مىلانغا ھەقسىز بىرۋىتىشىنى شاراۋىغا ئېرىشىش ئۈچۈن دەپ گۇمان قىلدى.) ئۇ مىلانغا كەلگەندىن بېرى ئاساسلىق ئەزالىق ئورنىنى قولدىن بەرمەي پۇرسەتلەرنى ياخشى قەدىرلىدى.
كاكا يېقىنقى 4 مەيدان مۇسابقىدە 3 توپ ئۇرۇپ بىر پاس چىقاردى. مىلان تېرنىرىمۇ ھازىر ئۇنىڭ مىلان كوماندىسدا كەم بولسا بولمايدىغان ئەزا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.كاكانىڭ ھازىرقى ئەڭ چوڭ ئارزۇسى بولسا دەل 2014-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش. ئۇ دەل موشۇ نىشان ئۈچۈن مىلان كوماندىسىغا يۆتكەلگەن.ئەگەر كاكا بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىمەن دەيدىكەن چوقۇم كۆپ بەدەل تۆلەشكە توغرا كىلىدۇ. چۈنكى ھازىر بىرازىلىيە كوماندىسدا ياش ھەم تالانتىلىق ماھىرلار كۆپ. ئۇ دەل موشۇ رەقىبلىرىنى يېڭىشى كېرەك.
بىراق مىلان مەستانىللىرى كاكانىڭ ئىپادىسى مەيلى ياخشى بولسۇن، ياكى ناچار بولسۇن ئۇنى ھەردائىم قوللايدۇ. سەۋەبى شۈكى 2007-يىلى پۇتبول ئەپەندىلىكىگە ئېرىشكەن بۇ چولپان ئۇلارنىڭ قەلبىگە ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. كاكانىڭ مادردتىن قايتىپ كىلىشىنمۇ مەستانىلەر كۈچلۈك تەلەپ قىلغان ئىدى. مانا ھازىر كاكا ئۇلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردىن قويماي كۈنسىرى ياخشى ئىپادىسىنى تېپىۋاتىدۇ. شۇنداق. كاكا ئەسلىگە قايتماقتا.
|
|