akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1167|ئىنكاس: 57

مەڭگۈلۈك مۇھاببەت - مانچىستىر (تانكىچاق)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

مانچىستىرنىڭ بۇ پەسىلىك مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى ۋە باشقىلارنىڭ بۇنىڭغا قارتا ئىنكاسى توغۇرلۇق بىر تېما يېزىش ئۇيۇم بارتى ، بۈگۈن يېزىپ پۈتتۈردۈم (خەنلەرنىڭ تور بەتلىرىدىن پايدىلانغان يەرلىرىممۇ بار) ...





  
original_am61_0a7400011d8c118e.jpg



   فۇ بوۋاي پىنسىيىگە چىققاندىن بۇيان ، بۇ پەسىل باشلىنىپ تا ھازىرغىچە نۇرغۇن ئىسسىق سوغۇقنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈپتىمىز ، توختىماي مانچىستىرنىڭ نەتىجىسىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئۈمۈد قىلىپ يۈردۇق ، بىراق 11 مەيدان يېڭىلمەسلىكتىن كېيىن ، ئۇدا 4 مەيدان يېڭەلمەسلىكنىڭ يىتىپ كېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدۇق . بۇلۇپمۇ نۇرغۇن شانلىق رىكورىتلارنىڭ بىر بىرلەپ بۇزۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىغا ئىچىمىزنى ئېچىشتۇرۇپ قاراپ ئولتۇرماقتىن باشقا ئامال بولمىدى .

large_ViTV_23ed0000d47d118c.jpg


    نىۋكاستىل بىلەن بولغان مۇسابىقە تۈگەپ بولغۇچە ئۆز كۈزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم ، مانچىستىرنىڭ « ئالۋاستى روھى » يۇقۇلىش گىردابىغا بېرىپ قاپتۇ . ئىسىمنى بىلىپ مانچىستىرغا مەستانە بولغىلىمۇ 10 يىلچە بۇلۇپ قاپتۇ ، مانچىستىرنىڭ نۇرغۇن شانلىق نەتىجىلىرىگە شاھىد بۇلۇپ ئىچ ئىچىمدىن خۇشال بۇلۇپ تەلۋىلەرچە سەكرەپ بېقىپتىمەن شۇنداقلا مانچىستىرنىڭ ئىنتايىن ئېغىر كۈنلىرىگە بىرگە ھەمراھ بۇلۇپ بەزىدە ئازاپتىن نى نى كىچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزۋىتىپتىمەن . بىراق ھىچقاچان تىرانفۇرىد مەيدانىدىكى مەستانىلەرنىڭ مۇسابىقە ئاياغلىشىشقا 10 مىنۇت قالغاندىن باشلاپ مەيداندىن ئايرلىغىنىنى كۈرۈپ باقمىغان ئىدىم ، بۇرۇن مەستانىلەر 10 مىنۇت ئەمەس ئاخىرقى مىنۇتلارغىچىمۇ « فۇرگىسىن ۋاقتى » نىڭ مۆجىزە ئېلىپ كىلەلەيدىغىنىغا ئىشنىپ ، مەيداندا « چىمپىيۇنلۇق » ناخشىسىنى توۋلىشىپ ، توپچىلارغا ئاخىرىغچە مەدەت بىرەتتى . مەيداندىن بۇرۇن ئايرىلىدىغان ئىش بۇلۇپ باقمىغان ئىدى .

    بېكھام كەتتى ، مانچىستىر يەنىلا قىزىل رەڭدە . ۋەنىستىرلوي كەتتى ، مانچىستىر يەنىلا قىزىل رەڭدە . رونالدو كەتتى ، قىزىل رەڭ ئۆزگەرمىدى . نېۋىل ، سىكولىس ، ۋەندرىسارلار كەتتى ، مانچىستىر ئوخشاشلا قىزىل رەڭگىنى ئۆزگەرتىمىدى . ئاخىرىغا كەلگەندە سىر ئالىكىس فۇرگىسىن كەتتى ، بىراق بۇ قېتىم ئۇ قىزىل رەڭنى بىللە ئېلىپ كەتكەندەك قىلاتتى ، مانچىستىرنىڭ قىزىل رەڭگى سۇسلىشىپ قالغان ئىدى .
ئىلگىرى بىرلەشمە باشلىنىپ 15 ئايلانما تۈگىكەندە ، بىز بىرلەشمە نۇمۇر رەت تەرتىپىگە قارىماي تۇرۇپمۇ ئۆزىمىزنىڭ سەپنىڭ بىرنجىسى بولمىساقمۇ چۇقۇم ئالىدنقى 2 نىڭ بىرسىنىڭ ئۆزىمىز ئىكەنلىكىگە ئىشنەتتۇق ، بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئۈمۈد بىلەن قارايتتۇق . ھازىرغا كەلگەندە سىز مانچىسترنىڭ بىرلەشمە رەت تەرتىپىنى كۆرسىڭىز چۈچۈپ كېتىسىز ، ئالدىنقى 2 ئەمەس ، ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىدىكى ئاخىرقى رەتتىن ئاران تاپالايسىز . بۇ ئەمەلىيەتكە قەتتى ئۇيغۇن كەلمىدى .

   ھېلىھەم ئېنىق ئىسىمدە 2008-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىنتاھانىغا ئۇزۇن قالمىغان ۋاقىتتا « موسكىۋا كېچىسى » نى (مانچىستىر چىلسى ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ جېڭى) كۆرىمەن دەپ ، ئەتىسى مەكتەپكە ۋاق قېلىپ مۇئەللىمىدىن خېلى دەشنام يىگەنتىم ، بىراق شۇ ۋاقىتتىكى خۇشاللىقىمدا مۇئەللىمنىڭ تىل ئاھانەتلىرىگە مىت قىلىپ قويمىغانتىم . مانچىستىر ماڭا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ئۇنتۇلغۇسىز ھاياجانلىق مىنۇتلارنى سوۋغا قىلغان ئىدى ، شۇڭا كۈندىن كۈنگە ئۆزەمنى كونتىرول قىلالمىغىدەك دەرىجىدە مانچىستىرغا ئاجايىپ مەستانە بۇلۇپ قېلىۋاتىمەن ، مەيلى ئۇنىڭ نەتجىسى قانداق بوپ كەتسۇن ، ئۇنىڭغا بولغان ئەسەبى « خۇمارىم » ئازراقمۇ بېسقىپ قالغىنى يوق ...

    ئۇنداقتا مانچىستىرنىڭ مۇشۇ كۈنگە قېلىشىغا زادى نىمە سەۋەپچى ؟ مويىس ؟ ياق ، ئۇ ئاللىبۇرۇن ئېۋىرتوندا ئۆزىنى ئىسپاتلاپ بولغان ، شۇڭا مانچىستىر ئۇنى فۇرگىسىننىڭ ئىز باسارى قىلىپ تاللىغان . ئۇنىڭدا كەمچىل بۇلىۋاتقىنى تاكتىكا ئەمەس ، ئۇنىڭدا كەمچىل بۇلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم نەرسە تەۋەككەلچىلىك ، ئەلۋەتتە فۇرگىسىن 26 يىل تۇتقان مانچىستىرنى زەردار كوماندىنى يىتەكلەپ باقمىغان بىر تېرنىرنىڭ تۇنجى پەىسلدىلا تەۋەككۈلچىلىك بىلەن كوماندىنى جەڭگە باشلىيالىشى بەك بەك تەس ئىش . بۇنداق تەۋەككۈلچىلىككە ئازراق ۋاقىت كېرەك ئىشقىلىپ مەن شەخسەن مويىسنى ئىقتىدارسىز تېرنىر دەپ قارىمايمەن .

    ئاشۇ قىزىل رەڭنى ياخشى كۈرۈپ تا ھازىرغىچە ئۇ بىزنى بۇ قېتىمقىدەك ئۈمۈدسىزلەندۈرۈپ باقمىغان ،  ئىلگىرى مانچىستىرنىڭ قولغا كەلتۈرگىنى شان شەرەپ لوڭقىلاردىن باشقا ئەڭ مۇھىمى باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىنى قولغا كەلتۈرگەن ، ئاخىرغىچە ۋاز كەچمەيدىغان ئالۋاستى روھىنى قولغا كەلتۈرگەن ، ھەر قانداق رەقىبلىرىنى قورقۇتالىغۇدەك جاسارەتنى قولغا كەلتۈرگەن . بىراق ھازىرچۇ ؟ مانچىستىر قولغا كەلتۈرگەن نەرسىلىرنى بىر بىرلەپ يۇقىتىپ قۇيىۋاتىدۇ . ھەممىمىزنىڭ كاللىسىدا ئەجىبا فۇرگىسننىڭ پىنسىيىگە چىقىشى ئۆزىنىڭ قانچىلىك « ئۇلۇغ » ئىكەنلىكنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بىرشىمىدۇ ؟ دىگەن سۇئال ئەگىپ يۈرۈيدۇ .

   نۇرغۇن مەستانىلەر يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان مانچىستىر توپچىلىرى ئۇنچىلىك سەر خىل ئەمەس ، ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئاسالىقى فۇرگسىننىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى قوماندانلىق قىلىش ئىقتىدارى دەپ قاراپ كەلگەن . بۇ تەرىپىگە شەكسىز ئىشىنىمەن ، چۈنكى فۇرگىسننىڭ قانداق تېرنىر ئىكەنلىكنى دۇنيادىكى بارلىق مەستانىلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ . شۇڭا بۇنداق مانچىستىر باشقا تېرنىرغا نىسبەتەن ئانچە «كۈچلۈك» مانچىستىر ئەمەس ، مويىسقا نىبسەتەن تېخىمۇ شۇنداق ، شۇڭا ئۇنىڭدىن تۇنجى پەسىلدىلا بەك كۆپ ئۈمۈد كۈتۈش ئۆزىمىزگە ئازاپ ئېلىپ كىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس . مانچىستىرنىڭ سەپ شەكلىگە قارىساق دەرۋەقە مانچىستىردارونى + ۋەن پىرىس دەك ئەڭ قورقۇنۇچلۇق ھۇجۇم سېپى بار ، ھەتتا دەرىجىدىن تاشقىرى سەپلىمە ئەزا ئېرنەندىسمۇ نۇرغۇن بېكلەرنىڭ بېشىنى ئاغىرتىدىغان ھۇجۇمچى . ۋېلبېك كالامپاي ، دەلتى بولغىنى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىئە سېپىنى قالايمىقان قىلشىقا خېلى ئېپى بار . مانچىستىرنىڭ ئوتتۇرا مەيدانى ئەزەلدىن نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن ئەڭ ئاجىز ئۇرۇن دەپ قارلىپ كەلگەن . دىمسىمۇ مانچىستىردا ئادەمنى خاتىرجەم قىلغۇدەك ئوتتۇرا مەيدانچىدىن كارىكتىن باشقا ھىچكىم يوق ، بىراق مۇشۇنداق ھالىقلىق ۋاقىتتا كارىكنىڭ يىقىلىپ چۈشىشى بىلەن مانچىستىرنىڭ نىمە كۈنگە قالغانلىقىنى دەپ يۈرمىسەممۇ ھەممىڭلار كۈرۈپ تۇرىۋاتىسىلەر . فىلاينى مانچىستىرغا تېخىچە تۇلۇق سىڭىپ كىرىپ بۇلالمىدى ، كاگاۋاغا كەلسەك مويىس ئۇنى قانداق ئىشلىتىشتە تېخىچە بىر قارارغا كىلەلمەي ، ئۇنى ئىسراپ قىلىۋىتىۋاتىدۇ (فۇ بوۋايمۇ بۇ مەسلىنى ھەل قىلالمىغان ) . ئىككى قاناتقا قارىساق ئىپادىسى ئەڭ تۇراقلىق بۇلىۋاتقىنى ۋالۈنسىيە ، بىراق ئۇنىڭ تېخنىكىسى بەك ئاددىي ، بېكلەر ئۇنىڭ نىمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ئاسانلا بىلىپ قالىدۇ ، ئۈنۈم تۆۋەن . نانى تېخىچە ئادەمنى رازى قىلغۇدەك بىرەر مەيدان مۇسابىقە ئويناپ باقمىدى . ئاشىلى ياڭ سۇغا سەكرەشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ ، تېزرەك سېتىۋەتسە دەپ ئۈمۈد قىلىپ ئولتۇرۇپتىمىز . جانۇزاج بەك كىچىك ، ئۇنىڭىغلا تايىنىپ بۇ پەسىللىك مۇسابىقىنى مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملىغىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە . فۇ بوۋاي ئەتىۋارلاپ سېتىۋالغان زاخا مويىسنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشەلمەي ، مەيدانغا چىققۇدەك پۇرسەت يوق يۈرۈيدۇ . كىلەۋىر ، جونىس دىگەنلەرمۇ بەزىدە ياخشى بولمىسا مەيداندىن تاپقىلى بولمايدۇ . ئارقا سەپكە قارىساق فىردىنەنىد قېرىپ قالدى ، ۋىدىچ ئېغىر يارلانغاندىن كېيىن بەدەن سۈپەت بۇرۇنقىدەك ياخشى ئەمەس ، بىراق ھەر ھالدا خېلى ئىشەنچىلىك . ئوتتۇرا بېك ئوينىغان سىمولىن لاياقەتلىك بېك بىراق ئوڭ بېكقا بولمايدۇ . ئىۋانىس ئالدىنقى پەسلدىلا ئۆزىنى ئىسپاتلاپ بولغان ، مېنىڭچە ئۇ ھازىرقى ئوتتۇرا بېكلەر ئىچىدە ئىشەنچىلىكراقى . ئېۋرا چىكىنىش بەك ئېغىر ، ئۇنىڭغا ماسلىشىپ بېرەلىگۈدەك سول قانات يوق بەك يالغۇز كەپ قالدى . بۇتىنار بەك كىچىك ، تەجىربىسىز ، ھۇجۇم ئېڭى كۈچلۈك ، بىراق مۇداپىئەسى ئاجىز . رافائىل مەيدانغا چىققان مۇسابىقىلەردە ئوڭ تەرەپتىن ئەنسىرەپ باقمىدىم . دېھىياغا گەپ كەتمەيدۇ . مۇشۇ ئەزالارغا نىسبەتەن مويىس سەپ شەكلىنى ئالماشتۇرۇپ سىناپ باقسىمۇ بوپتىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم مانچىستىرنىڭ پىشانىسىگە 244 ئويناش پۈتۈلۈپ كەتمىگەندىكىن .

    نۇرغۇنلىغان مانچىستىر مەستانىلىرى بۇرۇندىن مانچىستىرىنىڭ غەلبىسىگە كۈنۈپ قالغان ، كۈچلۈك مانچىستىرنىڭ مۇسابىقىسنى كۈرۈپ كۈنۈپ قالغان ، شۇڭا ھازىرقى نەتىجىسىنى قۇبۇل قىلىش تەسكە توختاۋاتىدۇ . بۇ تەرىپنى ئەلۋەتتە توغرا چۈشىنىمىز . بىراق ئۇنتۇپ قالماڭ پۇتبول دەل كىشلىك تۇرمۇشقا ئوخشايدۇ ، ھەر قانداق نەرسە مەڭگۈ شۇ پېتى تۇرىۋەرمەيدۇ ،خۇددى يەر شارى توختماي ئايلانغاندەك ھەر قانداق نەرسە توختىماي ئايلىنىدۇ ، مەيلى سىز كۈچلۈك بۇلۇپ ياكى ئاجىز بۇلۇڭ بۇ ھەقىقەتتىن ھەرگىزمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايسىز . كۈچلۈكلەرنىڭمۇ ئاجىزلاپ باشقىلار بايقىيالمىغۇدەك دەرىجىگە چۈشۈپ قالىدىغان ۋاقتى بۇلىدۇ ، ئاجىزلارنىڭمۇ كۈچىيىپ ھەر قانداق كۈچلۈكلەرگە خىرىس قىلالىغۇدەك بۇلىدغان ۋاقتى كېلىدۇ ، ئىلگىرى مانچىستىر مەستانىلىر ئىنتايىن بەخىتلىك ئىدى ، بىراق فۇرگىسىن پىنسىيىگە چىققان شۇ دەقىقىدىن باشلاپ مانچىستىرنىڭ ھەر قانداق نەتىجىسىنى قۇبۇل قىلىشقا تەييارلىق قىلىش كېرەك ئىدى ، ئەگەر شۇنداق قىلالىغان بولسا ھازىرقىدەك ئازاپلىنىۋالمىغان بۇلاتتى . لىۋېرپولغا قاراپ بېقىڭلار ، ئۇلار قانچە يىل سەۋىر قىلدى ، قانچە يىل ساقلىدى ؟ رىمغا قاراپ بېقىڭلار ؟ كونىلاردا سەۋىرنىڭ تىگى ئالتۇن دەيدىغان گەپ بار ، بۇ گەپكە شەكسىز ئىشىنىڭ ، چۇقۇم شۇنداق بۇلىدۇ .

   ھەر قانداق مەستانىنىڭ ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىنى ئوتتۇرغا قۇيۇش ھوقۇقى بار ، بىراق بىر ئىشنى چۈشەنمەي تۇرۇپ قارغۇلارچە مويىس يارىماسكەن ، ئۇ توپچى ئاخمىدى ، بۇ توپچى ساختا مالكەن ، ئۆزىلنى سېتىۋالغان بولسا ئۇنداق بۇلاتتى ، رونالدونى قايتۇرۇپ كەلسە بۇنداق بۇلاتتى ، مويىسنىڭ ئورنىغا مورىنىئو كەلگەن بولسا بۇنداق بۇلاتتى دىگەن گەپنى ئاز قىلايلى . بىر كوماندىنى شۇنچە ئۇزۇن چۆگىلىتىپ يۈرگەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئەجىبا بىزچىلىك كاللسى ئشىلىمەسمۇ ؟ كوماندىغا قانداق توپچىنىڭ لازىملىقىنى تېرنىر بولغان ئادەم بىزچىلىك بىلمەسمۇ ؟
ئالدىنقى قېتىم مانچىستىرنىڭ مۇسابىقىسنى كۈرىۋېتىپ چۈشەندۈرگۈچىنىڭ مۇنداق بىر گىپىنى ئاڭلاپ ئويلىنىپ قالدىم : « كشىلىك تۇرمۇشتىكى ئازاپنىڭ ھەممىسى سېلىشتۇرۇشتىن كېلىپ چىقىدۇ ، شۇڭا مانچىستىر مەستانىلىرنىڭ ئازابىنىڭ كۆپ قىسىمى مويىس بىلەن فۇ بوۋاينى سېلىشتۇرۇشتىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ » . دىمىسىمۇ بۇ گېپى بەك ئۇرۇنلۇقكەن ، مويىس نىمىلا دىگەن بىلەن فۇرگىسىن ئەمەس ، ۋاقىت ھىچكىمىگە رەھىم قىلغان ئەمەس ، شۇڭا ئۇ بىزدىن فۇ بوۋاينى ئېلىپ كەتتى ، بىزدىن فۇ بوۋاينىڭ مانچىستىرىنى ئېلىپ كەتتى . بىزگە مويىسنى شۇنداقلا مويىسنىڭ مانچىستىرنى بەردى ھەرگىز ئۆزى ئېلىپ كەتكەن فۇرگىسىننىڭ مانچىستىرنى قايتۇرۇپ بەرمىدى ھەم قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ . مويىس ھازىر بىزنىڭ تېرنىرىمىز ئۇ ھەقىقەتەن دۇنيا پۇتبول ساھەسىدىكى ئەڭ تەس خىزمەتنى تاپشۇرىۋالدى ، ئۇ كشىلىك تۇرمۇشىدىكى يېڭى جەڭنى ئەمدى كۈتىۋالدى . ھېلىقىدەك ئاتالمىش رىكورتىلار بۇزۇلۇپ كەتسە نىمە بوپتۇ ؟ فۇ بوۋاي تىكلىگەن « يۈز » مىز چۈشۈپ كەتسە نىمە بوپتۇ ؟ باشقىلار ئالدىدا ھۆرمىتىمىز ۋاقىتلىق يۇقالسا نىمە بوپتۇ ؟ فۇ بوۋاي تىكلىگە خاندانلىق ۋاقىتلىق گۇمۇرۇلۇپ چۈشسە نىمە بوپتۇ ؟ مانچىستىر بۇرۇندىن نىمشقا كۈچلۈكتى ، دەل ئۆزىگە ئىشنىش ، بەل قۇيىۋەتمەسلىك ، ئاخىرغىچە تىركىشىش شۇنداقلا ئېسىل مەستانىلىرى بىلەن كۈچلۈك بۇلۇپ كەلگەن ، ئەمدى بولغاندا بۇنچلىك نەتىجىلەرنى قۇبۇل قىلالماي ئۆزىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسىلەرنى يۇقىتىپ قويساق قاملاشماس .

  
2013120914564632.jpg


    مويىسقا ئىشىنەيلى ، ئۇنىڭغا ھىچ بولمىغاندا 2 يىل ۋاقىت بىرەيلى . بىر كوماندىنى ئۆزىنىڭ تاكتىكىسىغا چۈشكىدەك قىلىپ رەتلەپ چىقىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس ، ئۇنىڭغا ۋاقىت كىرەك . مانچىستىرنىڭ ھەر قانداق نەتىجىسنى قۇبۇل قىلىشقا تەييارلىق قىلىپ قۇيايلى . مانچىستىرنى تۇلۇق چۈشەنگەن مەستانىلەر ئىشنىمەن ئۇنىڭغا داۋاملىق پۇرسەت بىرىدۇ ، گەرچە بۇ ھەپتە تىرانفۇرد مەيدانىدىكىلەر مەيدندىن بۇرۇن چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ ، ئىشنىمەن ئۇلار كەيپىياتىنى تەڭلىشۋالغاندىن كېيىن كىيىنكى قېتىم يەنىلا تىرانفۇرىد مەيدانىغا كىلىپ دېھىيانىڭ كەينىدە تۇرۇپ ئۆز كوماندىسىغا مەدەت بىرىدۇ . فۇ بوۋاي مويىسنى تاللىغانىكەن مويس دەل بىزنىڭ « ئاتامان » مىز ، بۇنى سىز ، بىز ئۆزگەرتەلمەيمىز . شۇڭا ئۇنىڭغا ئىشىنەيلى ، ئۇنى ھۆرمەتلەيلى ، ئۇنىڭ مەسئۇلىيەتچان تېرنىر ئىكەنلىكىگە ئىشىنەيلى .

6c3be532bc15140e219c1d.jpg


   تۇرۇڭلار ئەزمەتلەر ، بۇ سىلەرگە ياراشمىدى ، ئوغۇل بالا دىگەن يىقىلغان يېرىدىن تۇرالىشى كېرەك . مانچىستىرنىڭ قىزىل رەڭگى سىلەرگە كەلگەندە ئۆڭۈپ قالمىسۇن ، ئالۋاستى روھى سىلەرگە كەلگەندە يۇقىلىپ كەتمىسۇن ، ئۇچاڭلاردىكى ئاشۇ كىيىمگە ، مەيدەڭلەردىكى ئاشۇ گىربىگە يۈز كېلەلىشىڭلار كېرەك ، مىليۇنلىغان مەستانىلەر سىلەرنى ھىچقاچان يالغۇز تاشلاپ قويغىنى يوق ، پەقەت سىلەرنىڭ ئورنۇڭلاردىن دەس تۇرۇشۇڭلارنى ساقلاۋاتىدۇ .

   بۇندىن كېيىن مانچىستىر مەيلى قانداق كۈنگە قالمىسۇن ، مەيلى قاچانغىچە لوڭقا ئالالماي يۈرسۇن ، ئۆزەمنىڭ مانچىستىرنى تاللاپ مەستانە بولغىنىمغا ھەرگىز ئۈكۈنمەيمەن ، چۈنكى ئۇ بىزگە بەك كۆپ خۇشاللىقلارنى بەرگەن ، ئالىي مەكتەپ ھاياتىمغا تېخىمۇ رەڭدارلىقنى قوشقان بۇنداق كومانغا مەستانە بولغىنىم ئۈچۈن ھەرگىز پۇشايمان قىلمايمەن . مانچىستىرلىقلار ، مەيلى مانىچستىر قانداق بوپ كەتسۇن ، يۈرىكىڭىزدىكى ئاشۇ قىزىل رەڭ ئۆڭۈپ كەتمىسۇن ، ئۇنى چۇقۇم ياخشى ئاسىراڭ ...

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 10مۇنبەر پۇلى +460 تۆھپە +30 شۆھرەت +30 تەجرىبە +20 يىغىش سەۋەبى
ئاخىرلاشتۇرغۇچى + 50 + 10 + 10 + 10 قالتىس!
دۇل دۇل + 50 قالتىس!
madirt1 + 10
قىلىچ + 50 + 10 + 10 + 10
ئازغۇن + 10 + 10 قوللاش!
بىرازىلىيە + 50 قالتىس!
ئەلبارىس + 100 قالتىس!
خان تۈرۈك + 50 قوللاش!
tarimtogriki + 50 قوللاش!
ماھىرچاق + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-9 19:33:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن بىر مانچىستىر مەستانىسى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋاپتۇ.ساھىبخان مەيداندا ئۇتتۇرۋەنكەنگە چىدىماي.ئوت يۈرەك مەستانىكەن .نادىر تېما.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-9 19:34:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-9 19:36:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ھەقىقەتەن ئېسىل ،كىلاسسىك كۇلۇپلارنىڭ بىرسىدە بۇ  ...
   ئاباي  بىر خەۋەر كۆرگەنتىم  بىر 23 ياشلىق يىگىت مانچىستىر بىرلەشمىسى ئۇدا ئىككى مەيدان ئۇتتۇرۋاتقىنغا بەرداشلىق بىرەلمەي ئۆزىنى ئۆلتۈرۋاپتۇ  ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-9 19:37:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تېما . مەنچە بۇنىڭغا ئەمدى پۇرسەت بەرمەسلىك كېرەك . قېرى يەنە 2 يىلغىچە ئۆزى تۇتسا بولغۇدەك... قېرى قايتىپ كەلسۇن...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-9 19:38:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yahxi   tema
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-9 19:40:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقا گەپ يوق .   نادېر تېما
‏ئالۋاستى روھى قەددىڭنى كۆتەر !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-9 19:41:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسىمنى يەنە ئازراق قۇشۇپ قۇيغان بولسىڭىز نادىر تېما بۇلاتتىكەن ...
لىكىن يەنىلا نادىر تېما  .........
  قالتىس.......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-9 19:53:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانچىستىرغا سادىقلار مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كەينىدىن كېتىپ قالمايدۇ... بېكھام، ۋاننىستىرلوي، رونالدو كەتسىمۇ مۇشۇ قىزىل رەڭ ئۈچۈن ئىككىلەنمەي قېلىشنى تاللىغانلار ئەڭ ئۇلۇغ مەستانىلەر...

بۇ بىر قېتىملىق مۈدۈرۈپ كېتىش خالاس... مانچىستىرغا مەڭگۈ ئىشىنىمىز...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-9 19:59:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توپ تەپكۈچىكام مۇكاپات بىرىمەن دىگەن شەرىتكە نەق چۈشىدىكەن ئىجادى تىما ، نادىر تىما  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-9 20:00:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەرەپشان يوللىغان ۋاقتى  2013-12-9 19:53
مانچىستىرغا سادىقلار مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كەينىدىن كېتى ...

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-9 20:02:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى بۇ قېرىنىڭ قولىدا ئاز بولغاندا بىر يىل بىللە ئىشلىگەن بولسا  بولاتتى ،ئاندىن مانچىستىرنى قولىغا ئالسىمۇ بولاتتى ،ئىلگىرى مەستانىلەر نىمىشقا ئاخرىرگىچە ساخلايدۇ ،چۈنكى قېرى دائىم مۇسابىقە ئاخىرىدا مۆجىزە يارىتاتتى ھەم قېرىنىڭ مۆجىزە يارىتالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى ،ھەم ئۆزىنىڭ كوماندىسىغا شەكسىز ئىشىنەتتى ،،لىكىن ھازىر ھەقىقەتەن مويىستىن گۇمانلىنىشقا باشلىدى ،،بۇنداق گۇمانلىنىش بۇرۇنمۇ بولغان ،شۇنچە ئىقتىدارلىق قېرىدىنمۇ گۇمانلانغان ، كىيىن قېرى ئۆز ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇرغان ، تانكىچاق دىگەندەك مويىسقىمۇ ۋاقىت كېرەك ،پۇرسەت كېرەك ،بۇنىڭغا يەنە بىر مەزگىل پۇرسەت بېرىش كېرەك ،مەن مانچىستىرنىڭ كىيىنكى پەسىلدە ياخشى نەتىجىگە ئېلىشىغا ئىشىنىمەن   نادىر تېما ،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-9 09:08

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش