ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3587 |
تۆھپىسى: سەر |
|
12 -ئاينىڭ 8-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئىتالىيە بىرلەشمىسى 15-ئايلانما مۇسابقىسىدە ئېنتىرمىلەن پارما كوماندىسى بىلەن 3-3 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى. بۇ مەيدان مۇسابقىدە ئېنتىرمىلان كوماندىسىدىكى پالاسىيونىڭ ئىپادىسى ناھايتى ياخشى بولدى. مۇسابقىدە2 توپ ئۇرۇپ بىر پاس چىقاردى. يەنە كىلىپ كۆپلىگەن ھوجۇملارنى تەشكىللەشتە رولى خېلىلا چوڭ بولدى.
ئۇ ھازىر ئېنتىر مىلاندىكى ئاساسلىق نومۇر ئالغۇچىغا ئايلاندى.ئەگەر ئۇ بولمىغان بولسا ئېنتىر مىلان ھازىرقى نەتىجسىنىمۇ ساقلاپ قالالماسلىقى مۇمكىن ئىدى. ئۇ دەسلەپتە ئېنتىرمىلان كوماندىسغا قېتىلغاندا مەستانىلەر ئۇنىڭغا ئانچە بەك ئېرەنشىپ كەتمىگەن ئىدى. بىراق ئۇنىڭ كوماندىغا ماسلىشىشى بەكلا تېز بولدى. ئۇ تېزلا ئۆزىنى ئىسپاتلاپ كوماندىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىق ئورنىغا چىقتى ۋە توپ ئۇرۇش ئۇنىمى كۈندىن-كۈنگە يۇقىرلاشقا قاراپ ماڭدى. ئۇ ھازىر ئېتنىر مىلانغا ۋاكالتەن 34 توپ ئۇرۇپ بولدى.
بۈگۈن ئاخشامقى مۇسابقىدىمۇ ئۇ مەيدان بۇيىچە ئەڭ يۇقرى نومۇر بولغان 7.5 نومۇرغا ئېرشتى. پالاكىيو ئىتالىيە بىرلەشمىسى باشلانغاندىن بېرىقى 15 مەيدان مۇسابقىدە 9 توپ ئۇرۇپ مەرگەنلىكتە ئىككىنجى ئورۇندا كىتىۋاتىدۇ. بىرىنجى ئورۇندىكىسى بولسا فېئورىنتىنا كوماندىسىدىكى روسسى. ئۇنىڭ ئۇرغان توپ سانى 12 . بىراق ئۇنىڭ ئۇرغان توپىنىڭ بەشى نوقتا توپ. ئەگەر پالاسىيو يەنىلا موشۇنداق ياخشى ئىپادىسىنى ساقلىيالىسا ئىتالىيەر مەرگىنى بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ يۇقىرى.
ئېنتىر مىلان يېقىنقى 7 مەيدان مۇسابقىدە 5 ئۇتۇپ 2 تەڭلەشتى.بىرلەشمىدە يەنىلا ئۈمىد يوق ئەمەس. ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇسابىقىلەرمۇ پالاسىيونىڭ ياخشى ئىپادىسىنى كۆرستىشگە مۇھتاج. |
|