- تىزىملاتقان
- 2008-2-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2229
- نادىر
- 5
- يازما
- 2229
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كۆك بۆرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-8 17:07
"ياۋروپا قىزىل ئالۋاستىسى" دەپ نامى بار بېلگىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى سەھنىسىگە قايتىپ كەلدى، گۇرۇپپىغا چەك تارتىشتىمۇ ئۇلارنىڭ تەلىيى كەلدى دېيىشكە بولىدۇ، ئۇلار بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن ئالجىرىيە ۋە كورېيە قاتارلىق كوماندىلارنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىلىرىدىكى رەقىبى كرودېيە ۋە سېربىيىدىن تۆۋەن تۇرىدۇ. بۇ گۇرۇپپىدا روسىيە كوماندىسى ئۇلارغا ھەقىقىي رەقىب بولالىشى مۇمكىن، ئۇنداقتا ئۇلار 1986-يىلىدىكى شانلىق تارىخىنى يەنە قايتا يارىتالامدۇ؟
تارىخى نەتىجىسى:
بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقاننى قوشقاندا بېلگىيە كوماندىسى جەمئىي 11 قېتىم ھەل قىلغۇچ چەمبىرىكىگە كىرگەن، ئۇلار يەنە تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى 13 كوماندىنىڭ بىرى ئىدى. بېلگىيە تارىخىدىكى ئەڭ داڭلىق توپچى بولسا ئېنزو.سېف، 1986-يىلى 20 ياشلىق سېف كوماندىنى يېتەكلەپ 4 كۈچلۈككە كىرگەن، بۇ باسقۇچتا ئۇلارنى شاللىغىنى بولسا مۇشۇ نۆۋەتلىك چېمپىيون كوماندا يەنى مارادونا باشچىلىقىدىكى ئارگېنتىنا ئىدى، 4 كۈچلۈككە كىرىش بولسا بېلگىيىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ. 1982-يىلىدىكى ئىسپانىيە دۇنيا لوڭقىسى، 1990-يىلىدىكى ئىتالىيە دۇنيا لوڭقىسى، 1994-يىلىدىكى ئامېرىكا دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىلىرىدا ئۇلار گۇرۇپپىدىن چىقالىغان. ئۇلارنىڭ ئالدىنقى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ۋاقتى بولسا 2002-يىلىدىكى كورىيە-ياپونىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئىدى، شۇ قېتىم ئۇلار ئوخشاشلا گۇرۇپپىدىن چىقىپ 16 كۈچلۈككە كىرگەن، شۇڭا مەلۇم تەرەپلەردىن بېلگىيە كوماندىسىنى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ كونا مېھمىنى دېيىشكىمۇ بولىدۇ.
گۇرۇپپىغا ئايرىلىش ئەھۋالى:
"ياۋروپا قىزىل ئالۋاستىسى" بېلگىيە كوماندىسى بار گۇرۇپپىدا يەنە "شىمالىي ئافرىقا جەڭچىسى" ئالجېرىيە كوماندىسى، "شەرقىي ياۋروپادىكى ئاتلىق قىسىم" روسىيە كوماندىسى ۋە "تەيجى يولۋىسى" كورىيە كوماندىلىرى بار. بۇ گۇرۇپپىدىكى ئۇرۇقلۇق كوماندا بولۇش سۈپىتى بىلەن بېلگىيە كوماندىسىنىڭ رەقىبلىرىنى ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بولدى دېيىشكە بولىدۇ، ئەگەر ئۇلار تاللاش مۇسابىقىسىدىكى 8 ئۇتۇق 2 تەڭلىشىشتەك ھالىتىنى ساقلىيالىسىلا گۇرۇپپىدىن چىقىپ كېتەلىشىدە گەپ يوق. لېكىن 16 كۈچلۈككە چىققاندىن كېيىن ئۇلار بار بولغان مۇسابىقە رايونى سەل خەتەرلىك، ئېھتىمال دۇنيادىكى ئەڭ قاتىل ھۇجۇمچى رونالدو بار بولغان پورتۇگالىيە كوماندىسى بىلەن تۇتۇشۇپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى بار، پورتۇگالىيىدىن ئۆتتى دېگەن تەقدىردىمۇ 4 كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىدە ئارگېنتىناغا ئۇچراپ قېلىشى مۇمكىن، ۋە ياكى بۇ دائىرىدە يەنە ئىسپانىيە ۋە ئىتالىيە كوماندىسىغا ئۇچراپ قېلىشىمۇ مۇمكىن، شۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ 12 يىلدىن كېيىن دۇنيا لوڭقىسىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى نىشانىنى "8 كۈچلۈككە كىرىش" كە قارىتىشى بىر قەدەر مۇۋاپىق.
كوماندىنىڭ تېرنىر ۋە ئەزالىرى:
بېلگىيە كوماندىسىنىڭ تېرنىرى ۋېلموس بولسا 2002-يىلىدىكى بېلگىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى، ھازىرقى كوماندىدىكى ياش ئەزالارنىڭ تولىسى ۋېلموس ۋە مۇپېنزا قاتارلىق چولپانلىرىنىڭ مۇسابىقىلىرىنى كۆرۈپ چوڭ بولغانلار. كوماندنى يېتەكلەش جەھەتتە تېرنىر ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى ئاللىقاچان ئىسپاتلاپ بولدى، ئۇ ھەم توپچىلار ئارىسىدا 2010-يىلىدىكى فرانسىيە كوماندىسىنىڭ تېرنىر ۋە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكىگە ئوخشاش ئىختىلاپلار يوق. شۇڭا ئۇلار بىرلىكتە برازىلىيىدە چاقنىشى مۇمكىن.
ھازىر كوماندىدا ئىختىساسلىقلار نۇرغۇن، "كىچىك دېۋە" لۇكاكۇ، چېلسىي چولپىنى ئازار، زېنىت كوماندىسىدىكى تۆمۈر ئارقا بەل ۋېتسال، مانچېستىر شەھىرىنىڭ تۆمۈر بېكى كومپانىي، بايرېن كوماندىسىنىڭ پېشقەدەم مۇداپىئىچىسى ۋان بۇيتىڭ، ئارسېنال كاپېتانى ۋېرمالۇن، توتتېنھام كوماندىسىدىكى تۆمۈر قالقان ۋېرتونخون، ئاستون ۋېللا كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى بېنتاك، چېلسىي كوماندىسىدىكى دېبراۋنىي، چېلسىدىن مادرېد ماھارەت كوماندىسىغا ئىجارىگە بېرىلگەن ۋاراتار كۇرتۇۋا، ئىلگىرىكى لىۋېرپولىنىڭ داڭلىق ۋاراتارى رېينانى كېتىشكە مەجبۇر قىلغان مېنىئوترى... قاتارلىق چولپانلارغا گەپ كەتمەيدۇ. ئېنىقكى بېلگىيە كوماندىسىكى ئەزالاردىن كۈچلۈك بولغان 2 كوماندىنى تەشكىللەشكە بولىدۇ.
بېلگىيە كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە ۋاقتى:
6-ئاينىڭ 18-كۈنى 00:00 دە بېلگىيەVSئالجېرىيە
6-ئاينىڭ 18-كۈنى 06:00 دە روسىيەVSكورىيە
6-ئاينىڭ 23-كۈنى 06:00 دە بېلگىيەVSروسىيە
6-ئاينىڭ 23-كۈنى 00:00 دە كورىيەVSئالجېرىيە
6-ئاينىڭ 27-كۈنى 04:00 دە كورىيەVSبېلگىيە
6-ئاينىڭ 27-كۈنى 04:00 دە ئالجىرىيەVSروسىيە
|
|