akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1361|ئىنكاس: 32

دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى 10داڭلىق ھالاكەت گۇرۇپپىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   missi2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-8 01:19  

2014-يىل بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن 32كۈچلۈك دۆلەتمۇ تاللىنىپ چىقتى، بۇ دۆلەتلەرنى گۇرۇپپىغا ئايرىش چەك تارتىش مۇراسىمىمۇ  ئۆتكۈزۈلۈپ ھەرقايسى كوماندىلارنىڭ كىچىك گۇرۇپپىدىكى رەقىبلىرى ئايدىڭلاشتى،  دۆلەتلەرنىڭ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈش ئەھۋالى كېيىنكى باسقۇچلارغا كىرىشىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك،شۇنداقلا ‹ھالاكەت گۇرۇپپىسى› شەكىللىنەمدۇ يوق دىگەن مەسىلىمۇ چەك تارتىش مۇراسىمىنىڭ بىر قىزىق نۇقتىسدۇر. بۇ قېتىمقى چەك تارتىش جەريانىدا بىر قانچە ھالاكەت گۇرۇپپىسى شەكىللەنگەن بولسىمۇ ئەڭ قورقۇنىچلىق ھالاكەت گۇرۇپپىسى يەنىلا  ئۇرۇگۋاي،ئىتالىيە،ئىنگىلانىد قاتارلىق  دۇنيا چىمپىيۇنى بولۇپ باققان ئۈچ دۆلەت بىلەن شىمالىي ئامېرىكىدىكى كۈچلۈك دۆلەت كوستارىكىدىن تۈزۈلگەن  د گۇرۇپپىدۇر، تۆۋەندە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى تارىخىدا شەكىللەنگەن 10داڭلىق ‹‹ھالاكەت گۇرۇپپىسى›› بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:

1386207470186.jpg

ھالاكەت گۇرۇپپىسى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

ھالاكەت گۇرۇپپىسىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل مەنىسى بار: بىرىنچىسى، گۇرۇپپا ئىچىدىكى كوماندىلارنىڭ ئەمەلىي كۈچى ھەقىقەتەن كۈچلۈك، تۆت كوماندا ئىچىدە كەم دىگەندە ئۈچ كوماندىنىڭ دۇنياۋى مۇسابىقىلەردىكى ھالىتى ئىنتايىن ياخشى بولغان بولىدۇ،  يەنە بىرسى ،گۇرۇپپا ئىچىدىكى تۆت كوماندىنىڭ  ھەممىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئانچە كۈچلۈك ئەمەس ئەمما كۈچى ئوخشاش ياكى يىقىنلىشىپ قالىدۇ، ھەرقانداق بىرسىنىڭ گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىقىش ئىھتىمالى چوڭ بولىدۇ.

دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى تارىخىدىكى 10داڭلىق ‹‹ھالاكەت گۇرۇپپىسى››

1. 1990-يىلىدىكى ئىتالىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى  ف گۇرۇپپىسى

ئىنگىلانىد، گوللاندىيە،مىسىر،ئىرلاندىيە بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن.
英格兰1990.jpg

لىيىنكىر ،پىلات ،گاسكويىن قاتارلىق داڭلىق چولپانلاردىن تەشكىللەنگەن ئىنگىلانىد، ئۈچ قىلىچۋاز باشچىلىقىدىكى ياۋروپا چىمپىيۇنى گوللاندىيە،ئالدىنقى نۆۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسىدا كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان كۈچلۈك ئىرلاندىيە ۋە ئافرىقا چىمپىيۇنى مىسىر بۇ گۇرۇپپىنى شۇ نۆۋەتلىك  دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھالاكەت گۇرۇپپىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان.
گۇرۇپپا مۇسابىقىسى نەتىجىسى:
ئىنگىلانىد1:1ئىرلاندىيە،    مىسىر 1:1 گوللاندىيە
ئىنگىلانىد 0:0گوللاندىيە،   مىسىر 0:0ئىرلاندىيە
ئىنگىلانىد0:1 مىسىر  ،      ئىرلاندىيە1:1 گوللاندىيە
بۇ گۇرۇپپىنىڭ  ھالاكەتلىك  كۆرسەتكۈچ نومۇرى:  7

2. 1994-يىل ئامېرىكا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى   ب گۇرۇپپا

بىرازىلىيە، كامېرون،روسىيە،شىۋىتسىيە بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن.

birazil.jpg

8F18940326.jpg
3نۆۋەت دۇنيا چىمپىيۇنى بولغان بىرازىلىيە،ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا 8كۈچلۈككە بۆسۈپ كىرگەن ئافرىقا ئەركەك شىرى كامېرۇن،92-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسدا 4كۈچلۈككە كىرگەن شىۋىتسىيە، ياۋروپادىكى ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندا روسىيە بىرلىكتە بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ ھالاكەت گۇرۇپپىسىنى شەكىلللەندۈرگەن.
گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ نەتىجىسى:
بىرازىلىيە0:2 روسىيە ،  شىۋىتسىيە 2:2 كامېرۇن
بىرازىلىيە 0:3 كامېرۇن،  شىۋىتسىيە 1:3 روسىيە
بىرازىلىيە 1:1شىۋىتسىيە، روسىيە 1:6 كامېرۇن
بۇ گۇرۇپپىنىڭ ھالاكەتلىك كۆرسەتكۈچ نومۇرى : 7.5

3. 1994-يىل ئامېرىكا دۇنيا لوڭقىسى  پۇتبول مۇسابىقىسى   ئې گۇرۇپپا
c001acfbed558d6a4e4aeae3.jpg




ئىتالىيە،ئىرلاندىيە، مېكسىكا،نورۋىگىيە بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى يەنە بىر ھالاكەت گۇرۇپپىسىنى پەيدا قىلدى. ئىتالىيەنىڭ كۈچىگە گەپ كەتمەيدۇ، مېكسىكا كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ دائىملىق مېھمىنى،ئۇلارنىڭ تېخنىكىسى ئەتراپلىق، مۇداپىئەسىمۇ مۇستەھكەم، ئىرلاندىيە 1990-يىلى تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا بۆسۈپ كېرىپلا 8كۈچلۈك قاتارىغا كىرىپ ئىنگىلانىدچە پۇتبولنىڭ يېڭى ۋەكىلى بولۇپ قالغان ئىدى، شىمالى ياۋروپا قاراقچىسى نورۋىگىيە گەرچە تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىشى بولسىمۇ كوماندىدىكى ئەزالارنىڭ كۆپ قىسمى ياۋروپا بەش چوڭ بىرلەشمىسىدە توپ ئوينايدىغان پۇتبولچىلار بولۇپ كۈچىنى سەل چاغلاشقا بولمايتتى.
گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ نەتىجىسى :
ئىتالىيە 1:0 ئىرلاندىيە،   نورۋىگىيە 0:1 مېكسىكا
ئىتالىيە 0:1نورۋىگىيە ،  مېكسىكا 1:2 ئىرلاندىيە
ئىتالىيە 1:1مېكسىكا،    نورۋىگىيە0:0 ئىرلاندىيە
بۇ گۇرۇپپىنىڭ ھالاكەتلىك  كۆرسەتكۈچ نومۇرى :  8

4.  1986-يىلى مېكسىكا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى  ئې  گۇرۇپپا
daniya.jpg
غەربىي گېرمانىيە، شوتلاندىيە، دانىيە، ئۇرۇگۋاي بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە دانىيە 1984-يىلىدىكى ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ 4كۈچلۈك قاتارىغا بېسىپ كىرگەن، غەربىي گېرمانىيە بولسا ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا 2-لىككە ئېرىشكەن، ئىككى نۆۋەت دۇنيا چىمپىيۇنى بولغان ئۇرۇگۋاي بىلەن ئۇدا ئۈچ قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان شوتلاندىيە بىرلىكتە بۇ ھالاكەت گۇرۇپپىسىنى شەكىللەندۇردى.

گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ نەتىجىسى:
دانىيە 0:1شوتلاندىيە ، غەربىي گېرمانىيە 1:1 ئۇرۇگۋاي
دانىيە 1:6 ئۇرۇگۋاي،   غەربىي گېرمانىيە 1:2شوتلاندىيە
دانىيە 0:2غەربىي گېرمانىيە،  شوتلاندىيە0:0 ئۇرۇگۋاي
بۇ گۇرۇپپىنىڭ ھالاكەتلىك  كۆرسەتكۈچ نومۇرى؛  8.25

5.  1998-يىل دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى د  گۇرۇپپا
2821072.jpg
ئىسپانىيە ،بۇلغارىيە،پاراگۋاي، نىگىرىيە
4587760645407914538.jpg
بۇ گۇرۇپپىدىكى ئافرىقا بۈركۈتى نىگىرىيە 1996-يىلى ئولىمپىك چىمپىيۇنى بولغان، پاراگۋاي بولسا جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرى،بۇلغارىيە بولسا ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا 4-لىككە ئېرىشكەن،ئىسپانىيە بولسا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە دائىملىق ئۇرۇق كوماندا. ئەمما 1978-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم شاللانغان ئۇرۇق كوماندا بولۇپ قالدى.
5146206999202313547.jpg
گۇرۇپپىنىڭ مۇسابىقە نەتىجىسى:
نىگىرىيە2:3 ئىسپانىيە،  پاراگۋاي0:0 بۇلغارىيە
نىگىرىيە 0:1بۇلغارىيە،  ئىسپانىيە 0:0 پاراگۋاي
نىگىرىيە3:1 پاراگۋاي،  ئىسپانىيە 1:6 بۇلغارىيە
بۇ گۇرۇپپىنىڭ ھالاكەتلىك كۆرسەتكۈچ نومۇرى:  8.5

6. 1978-يىل دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى  ئا  گۇرۇپپا
baike084.jpg

ئارگېنتىنا،ۋىنگىرىيە، ئىتالىيە، فىرانسىيە
بۇ دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا ساھىبخان كوماندا بىلەن باشقا كوماندىلار شەكىللەندۈرگەن ئەڭ قورقۇنىچلىق ھالاكەت گۇرۇپپىسى بولۇشى مۇمكىن. ۋىنگىرىيە 80-يىللاردىن بۇرۇن دۇنيا پۇتبول سەھنىسىدىكى كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ بىرى ئىدى،پىلاتىنى قاتارلىقلارنىڭ يىتىلىپ چىقىشى بىلەن فىرانسىيە ياۋروپادىكى بىرىنچى كۈچلۈك كوماندىغا ئايلىنىش ئالدىدا تۇراتتى،ئىتالىيە  ۋە ساھىبخان ئارگېنتىنا بولسا بەكمۇ كۈچلۈك ئىدى.
rossi.jpg

بۇ گۇرۇپپىنىڭ مۇسابىقە نەتىجىسى:
ئارگېنتىنا1:2ۋىنگىرىيە،   ئىتالىيە 1:2فىرانسىيە
ئارگېنتىنا 1:2 فىرانسىيە،  ئىتالىيە 1:3ۋىنگىرىيە
فىرانسىيە1:3ۋىنگىرىيە،    ئىتالىيە0:1ئارگېنتىنا
بۇ گۇرۇپپىنىڭ ھالاكەتلىك كۆرسەتكۈچ نومۇرى : 9

7. 1970-يىل دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى س  گۇرۇپپا
U370P427T9D177F259DT20060221211359.jpg
بىرازىلىيە، ئىنگىلانىد، چىخسىلوۋاكىيە، رۇمىنىيە
بۇ گۇرۇپپىدىكى رۇمىنىيە شەرقىي ياۋروپادىكى ئەنئەنىۋى كۈچلۈك پۇتبول  دۆلىتى،بۇخارىسىت يۇلتۇز كوماندىسىمۇ شۇ چاغدا ياۋروپادا كۈچەيگەن كۇلۇب ئىدى،چىخسىلوۋاكىيە بولسا 60-يىللاردا دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 2- ۋە ياۋروپا لوڭقىسدا چىمپىيۇن بولغان كۈچلۈك كوماندا ئىدى، ئىنگىلانىد بىلەن بىرازىلىيە بولسا دۇنيا چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن كوماندىلاردىن ئىدى.
بۇ گۇرۇپپىنىڭ مۇسابىقە نەتىجىسى:
بىرازىلىيە1:4چىخسىلوۋاكىيە،   ئىنگىلانىد0:1رۇمىنىيە
بىرازىلىيە 0:1ئىنگىلانىد،     رۇمىنىيە1:2چىخسىلوۋاكىيە
بىرازىلىيە 2:3رۇمىنىيە،       ئىنگىلانىد 0:1چىخسىلوۋاكىيە
بۇ گۇرۇپپىنىڭ ھالاكەتلىك كۆرسەتكۈچ نومۇرى:  9.25

8. 1962-يىلى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى س گۇرۇپپا
033f7696b01267334136.jpg
بىرازىلىيە، چىخسىلوۋاكىيە،ئىسپانىيە،مېكسىكا
بۇ گۇرۇپپىدىكى ئىسپانىيە كوماندىسى ھەقىقەتەن كۈچلۈك ئىدى،چۈنكى 50-يىللارنىڭ ئاخىرى،60-يىللارنىڭ باشلىرىدا رىئال مادرىد كۇلۇبى ياۋروپادا بەك كۈچلىنىپ ئۇدا چىمپىيۇنلۇقنى بەرمەي داڭىق چىقارغان ئىدى، دۆلەت كوماندىسى ئەزالىرىمۇ مۇنەۋۋەر ئەزالاردىن تەشكىللەنگەن ئىدى. مېكسىكا بولسا دۇنيا لوڭقىسىنىڭ دائىملىق مېھمىنى،ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك،دۇنيا چىمپىيۇنى بىرازىلىيە بىلەن دۇنيا لوڭقىسدا 2-بولۇپ باققان چىخسىلوۋاكىيەنىڭ  بۇ گۇرۇپپىغا كىرىپ قىلىشى بىلەن بۇ گۇرۇپپا قورقۇنىچلىق ھالەتكە كەلدى.
گۇرۇپپا مۇسابىقىسى نەتىجىسى:
بىرازىلىيە0:2مېكسىكا،   چىخسىلوۋاكىيە0:1ئىسپانىيە
بىرازىلىيە0:0چىخسىلوۋاكىيە، مېكسىكا1:0ئىسپانىيە
بىرازىلىيە1:2ئىسپانىيە،   مېكسىكا1:3چىخسىلوۋاكىيە
بۇ گۇرۇپپىنىڭ ھالاكەتلىك كۆرسەتكۈچ نومۇرى:  9.5

9.  1958-يىل دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى  د  گۇرۇپپا
U370P427T9D116F259DT20060221165218.jpg
بىرازىلىيە،ئىنگىلانىد، سوۋىت ئىتتىپاقى،ئاۋىستىرىيە
بۇ گۇرۇپپىدىكى ئاۋىستىرىيە بولسا ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا 3-بولغان كوماندا،بىرازىلىيە بولسا بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە چىمپىيۇنلۇقنى ئالغان كوماندا،ئىنگىلانىد بولسا ياۋروپادىكى ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندا، سوۋىت ئىتتىپاقى بولسا 2يىل بۇرۇنقى ئولىمپىكنىڭ چىمپىيۇنى شۇنداقلا 2يىل كېيىن ياۋروپا چىمپىيۇنى بولغان كوماندا.
بۇ گۇرۇپپىنىڭ مۇسابىقە نەتىجىسى
بىرازىلىيە 0:3ئاۋىستىرىيە،  ئىنگىلانىد2:2سوۋىت ئىتتىپاقى
بىرازىلىيە0:0ئىنگىلانىد،   سوۋىت ئىتتىپاقى0:2ئاۋىستىرىيە
بىرازىلىيە 0:2سوۋىت ئىتتىپاقى، ئىنگىلانىد2:2ئاۋىستىرىيە
بۇ گۇرۇپپىنىڭ ھالاكەتلىك كۆرسەتكۈچ نومۇرى:   9.75

10.  2002-يىل دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى  ف  گۇرۇپپا
7f617eb5647655b6376e05b8ced92ecb.jpg
ئارگېنتىنا،ئېنگىلانىد،نىگىرىيە،شىۋىتسىيە
ئارگېنتىنا بىلەن ئېنگىلانىد توغرىسىدا كۆپ گەپ قىلىش ھاجەتسىز، شىۋىتسىيە بولسا تارىختىن بۇيان ئېنگىلانىد كوماندىسى يېڭەلمەي كەلگەن كۈچلۈك كوماندا، نىگىرىيە بولسا ئافرىقا چىمپىيۇنى.
xinsrc_5606030710426561952536.jpg

بۇ گۇرۇپپىنىڭ مۇسابىقە نەتىجىسى:
ئارگېنتىنا 0:1 نىگىرىيە،  ئىنگىلانىد1:1 شىۋىتسىيە
ئارگېنتىنا1:0ئىنگىلانىد،  نىگىرىيە2:1 شىۋىتسىيە
ئارگېنتىنا1:1 شىۋىتسىيە،  نىگىرىيە0:0ئىنگىلانىد
بۇ گۇرۇپپىنىڭ ھالاكەتلىك كۆرسەتكۈچ نومۇرى:   10




意大利1990.jpg
144657864_fe9d108485.jpg

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +100 تۆھپە +10 شۆھرەت +10 تەجرىبە +10 يىغىش سەۋەبى
nayil + 50 + 10 + 10 + 10 قالتىس!
سەبرى22 + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-8 01:36:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
90-يىللاردىكى ئىتالىيە دۇنيا لوڭقىسىدا قايسى كوماندا گۇرۇپپىدىن چىققان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-8 02:36:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل كۇرۇنۇشلار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-8 09:44:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارگېنتىنا،ۋىنگىرىيە، ئىتالىيە، فىرانسىيە


ما گۇرۇپپا ۋھشى خەتەرلىككەن جۇمۇ
تېمىڭىز ياخشى چىقىپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-8 09:55:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىغاندا بىرازىليە ھالاكەت گۇرۇپپىسنىڭ دائىملىق مىھمىنى ئوخشايدۇ…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-8 11:01:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاقان يوللىغان ۋاقتى  2013-12-8 01:36
90-يىللاردىكى ئىتالىيە دۇنيا لوڭقىسىدا قايسى كوماندا گ ...

گىرمانىيە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-8 11:26:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاقان يوللىغان ۋاقتى  2013-12-8 01:36
90-يىللاردىكى ئىتالىيە دۇنيا لوڭقىسىدا قايسى كوماندا گ ...

ئىنگىلانىد،گوللاندىيە،ئىرلاندىيە چىققان
مىسىر گۇرۇپپىدىن چىقالمىغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-8 12:50:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاستىدىن سانىغاندا 2-رەسىمدە توپ تەپكەن پۇتبولچى كىم؟ بۇ قايسى يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-8 16:10:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما دىگەننىنڭ ئېسىلىنى ئىزدەپ يوللايلا جۇمۇ !!! رەھمەت ... يىللىق مۇكاپاتتەك بەك سېمىز بولمىسىمۇ ، ئازراق ئۆرۈم كەتتى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-8 19:21:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nayil يوللىغان ۋاقتى  2013-12-8 16:10
تېما دىگەننىنڭ ئېسىلىنى ئىزدەپ يوللايلا جۇمۇ !!! رەھمەت ...

رەھمەت،  ئېسىل تېما ،ئىنكاسلىرىڭ ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-8 19:27:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇندىن بۇرۇن مۇنداق تېمىنىڭ يوللانغانلىقىغا دىققەت قىلماپتىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-8 22:18:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
missi2 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-8 19:21
رەھمەت،  ئېسىل تېما ،ئىنكاسلىرىڭ ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن

مەنمۇ تىرىشىپ تۇرۇۋاتىمەن !!~ لېكىن ئۆزلىرىنىڭ تاتلىق تېمىلىرىدىن ھوزۇرلىنىشنىمۇ داۋام ئېتىۋاتىمەن !!!~
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 04:24

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش