تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 2483|ئىنكاس: 44

دۇنيا لوڭقىسىغا كىرىپلا قالتىس نەتىجە ياراتقان 10 كوماندا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2191

تېما

1

دوست

7791

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8643
يازمىسى: 7791
نادىر تېما: 19
ياۋرۇ: 8079003
تۆھپە: 1923
ۋاقتى: 4151
h
ھالەت

ئۆمۈرلۈك شەرەپ تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا نادىرچى يازما يوللاش ئۇستىسى يۇۋىنتۇس لۈكچىكى تۆھپىكار ئەزا دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-5 00:04  

U370P6T12D6908829F44DT20131129084823.jpg

                     


      دۇنيا لوڭقىسىغا تۇنجى كىرىپلا قالتىس نەتىجە ياراتقان 10 كوماندا

2014-يىلدىكى بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن 32 كوماندا بارلىققا كېلىپ بولدى .بۇ كوماندىلارنى گۇرۇپپىغا ئايرىپ چەك تارتىش مۇراسمى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى ئېلىپ بېرىلىدۇ .بۇنىڭغىمۇ پەقەت بىر نەچچە كۈنلا قالدى .كېلەر يىلى بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزىلىدىغان بۇ دۇنيا لوڭقىسى 20-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى بولۇپ ،ھەر نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسدا بەزى يېڭى قوشۇن قاتناشقان . ھەمدە تۇنجى قېتىم بۇ تۈردىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىپلا كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان قالتىس نەتىجىلەرنى ياراتقان .توپ مەستانىلىرىگە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ كۈچىنى نامايەن قىلىپ بەرگەن .كىشىلەرگە مەلۇم .دۇنيا لوڭقىسى بولسا بىر پۇتبولچىنىڭ كەسپىي ھاياتىدا قاتنىشىشنى ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان چوڭ سەھنە ! بىراق بۇنداق پۇرسەت ھەممىلا توپچى ۋە كوماندىغا نېسىپ بۇلىۋەرمەيدۇ .بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتمەك ئىنتايىن تەس ،ئىككى يىلغا سۇزۇلغان كەسكىن جەڭ ئارقىلىق ئاندىن بۇ سەھنىگە قەدەم تاشلىغىلى بۇلىدۇ .ھازىرقى دۇنيا پۇتبول ساھەسىدە ئەڭ شۆھرەت قازىنىۋاتقان ۋېلىش ھۇجۇمچىسى بېل ۋە پولشالىق توپچى لەيۋەنتوۋسىكى بىرازىلىيەگە بېرىشتىن مەھرۇم بولدى .بۇنداق توپچىلار خېلى كۆپ ،ئەمدى بىز بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى يىتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ،ئىلگىرى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە تۇنجى قېتىم قاتنىشىپلا مۆجىزە دىيىشكە بۇلىدىغان نەتىجىلەرنى ياراتقان 10 كوماندىنى ئەسلەپ ئۆتىمىز ! دىققىتىڭلار تۆۋەندىكى مەزمۇندا بولسۇن !




U333P6T64D94614F1091DT20131128173706.jpg


1-ئاسىيا پەخىرى -چاۋشىيەن ( 1966-يىلى )

چاۋشىيەن پۇتبول كوماندىسى ھازىرغا قەدەر ئىككى قېتىم دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ چەمبىركىگە كىرگەن .يېقىنىسى بولسا 2010-يىلى جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسى بولۇپ ،چاۋشىيەن كوماندىسى گۇرۇپپىدا بىرازىلىيە ، پورتۇگالىيە قاتارلىق كۈچلۈك كوماندىلار بىلەن ئۇچۇرشۇپ ، گەرچە گۇرۇپپىدىلا شاللىنىپ كەتكەن بولسىمۇ ، بىراق چاۋشىيەن خەلقىنىڭ ھازىرقى پەخىرى جېڭداشى باشچىلىقىدىكى تىز پۈكمەس چاۋشىيەنلىكلەر بىرازىلىيە بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە بىر توپ كىرگۈزۈپ ،چىمپىيۇن بولۇش ئېھتىمالى يۇقۇرى دەپ قارالغان بۇ كوماندىنى خېلى ئالدىراتقان .پەقەت بىر توپ پەرق بىلەن مەغلۇپ بولغان .بىزنىڭ سۆزلىمەكچى بولغان ھېكايىمىز بۇ يەردە ئەمەس ! 1966-يىلى ئېنگىلاندتا ئېلىپ بېرىلغان دۇنيا لوڭقسىغا چاۋشىيەن كوماندىسى تۇنجى قېتىم قاتناشقان .گۇرۇپپىدا ئوينىغان دەسلەپكى ئىككى مەيدان مۇسابىقىسىدە ئىپادىسنى نورمال جارى قىلدۇرغان .0 : 3 نەتىجە بىلەن روسىيەگە ئۇتتۇرۇغان .1 : 1 چىلى بىلەن تەڭلەشكەن .چاۋشىيەننىڭ ئەڭ ئاخىرقى رەقىبى بولسا ئەنئەنىۋى كۈچلۈك ئىتالىيە كوماندىسى بولۇپ ،چاۋشىيەنلىكلەر ئاساسى جەھەتتىن ئۈمىد ئۈزگەن .ھەمدە ئۆزلىرى چۈشكەن ياتاقنى بالدۇرلا قايتۇرۇپ ،قايتىدىغان ئايرۇپىلان بېلىتى زاكاس قىلىۋەتكەن .ئىتالىيە بىلەن مۇسابىقە ئويناپ بولغاندىن كېيىنلا يۈك-تاقىنى ئېلىپ چاۋشىيەنگە قاراپ ئۇچماقچى بولغان .لېكىن شۇ مۇسابىقىدە چاۋشىيەن ئەزىمەتلىرى پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرۇپ 1 : 0 نەتىجە بىلەن ئىتالىيەنى مەغلوپ قىلىپ ئۇڭۇشلۇق ھالدا گۇرۇپپىدىن چىقىپ كەتكەن .ئارقىدىن بېلەتنى قايتۇرغان .بىراق ياتاق تۇشۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئامالسىزلىقتىن بارلىق كوماندا ئەزالىرى شۇ يەردىكى بىر تاشيول ياسىغۇچىلارنىڭ قۇنالغۇسدا تۇرۇپ جاپالىق مەشقنى باشىۋەتكەن .تۆت كۈچلۈك باسقۇچىدا پورتۇگالىيە كوماندىسى بىلەن ئۇچۇرشۇپ ئويلىمىغان يەردىن ئالدىنقى يېرىم مەيدانىلا ئۈچ توپ كىرگۈزگەن .لېكىن كېيىنكى يېرىم مەيداندا پورتۇگالىيە كوماندىسىدىكى « قارا قاپلان » يوسىبئو ئۆزى يالغۇز تۆت توپ ئۇرۇپ نومۇرنى ئاشۇرۇپ غەلبە قىلغان .شۇنىڭ بىلەن چاۋشىيەن كوماندىسنىڭ دۇنيا لوڭقىسى قەدىمى ئاخىرلاشقان .مۇشۇنىڭ ئۆزىلا چاۋشىيەن كوماندىسغا نىسبەتەن ياخشى نەتىجە ھېسابىلىنىدۇ .چاۋشىيەننىڭ بۇ نەتىجىسى 36 يىل ساقلىنىپ ،2002-يىلى ئاندىن كورىيە كوماندىسى تەرىپىدىن بۇزۇلغان .




U333P6T64D94614F1094DT20131128173706.jpg


2-قورقۇنۇشلۇق قارا قاپلان -پورتۇگالىيە ( 1966-يىلى )

يۇقۇردا تىلغا ئالغان پورتۇگالىيە كوماندىسنىڭ چاۋشىيەننى مەغلۇپ قىلغان مۇسابىقىسى بولسا ،بۇمۇ پورتۇگالىيەنىڭ تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىشى بولۇپ ،ھازىرقى داڭدار چولپان كىرىستىئانو رونالدونىڭ ئۇستازى « قارا قاپلان » يوسىبئو باشچىلىدىكى پورتۇگالىيە كوماندىسى شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسدا قالتىس ئويناپ زىلزىلە قوزغىغان .تۇنجى مەيدان گۇرۇپ مۇسابىقىسدە 3 : 1 نەتىجە بىلەن ، شۇ چاغدا ياۋروپا كۈچلۈك ھېسابلىنىدىغان ۋېنگىرىيە كوماندىسنى مەغلوپ قىلغان .ئىككىنچى مەيداندا 3 : 0 نەتىجە بىلەن بۇلغارىيەنى تەسلىم قىلغان .ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىدا پۇتبول شاھى پىلى باشچىلىقىدىكى قۇدرەتلىك بىرازىلىيە كوماندىسنى 3 : 1 يەڭگەن .ئۈچ مەيداندا تۇلۇق يېڭىپ بىرىنچى بولۇپ گۇرۇپپىدىن چىقىپ 8 كۈچلۈككە كىرگەن .دەسلەپكى شاللاش باسقۇچىدا چاۋشىيەن كوماندىسى بىلەن ئۇچۇرشۇپ ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ئەزالارنىڭ ئاكتىپ ماسلىشالماسلىقى سەۋەبىدىن ئۈچ توپ ئىستىمال قىلىۋالغان .ئەمما « قارا قاپلان » مەيدە كېرىپ چىقىپ ئارقا -ئارقىدىن ئۆزى يالغۇز تۆت توپ كىرگۈزگەن ،ئاخىردا 5 : 3 نەتىجە بىلەن چاۋشىيەننى شاللاپ ئالغا ئىلگىرلىگەن .يېرىم ھەل قىلغۇچتا ساھىبخان ئېنگىلاند كوماندىسى بىلەن ئۇچۇراشقان .گەرچە يوسىبئو يەنە بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ ، بىراق يەنىلا 1 : 2 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قۇيغان .ئۈچىنچىلىكنى تالىشىش مۇسابىقىسدە ئەمىلىي كۈچى زور بولغان روسىيە كوماندىسنى مەغلۇپ قىلغان .يوسىبئو شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى جەريانىدا جەمىي كىرگۈزگەن 9 توپى بىلەن « ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن » بولۇپ باھالانغان .پورتۇگالىيە توپ مەستانىلىرى شۇ چاغدىكى مەنزىرىنى ھازىرغا قەدەر ئۇنۇتمايدۇ !




U333P6T64D94614F1322DT20131128173706.jpg


3-شىمالى ياۋروپا رىۋايىتى -دانىيە ( 1986-يىلى )

دانىيە پۇتبولى بولسا يېقىنقى 20 يىل ئىچىدىكى ياۋروپادىكى ئەڭ ئاساسلىق كۈچ ھېسابلىنىدۇ . دانىيە كوماندىسى تارىختىن بۇيان ئىلگىرى ياۋروپادا ئانچە كۈچلۈك ئەمەس دەپ قارالغان بولۇپ ، 1986-يىلى ئاندىن دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ چەمبىرىگە كىرگەن .بۇ كوماندىمۇ دۇنيا لوڭقىسىغا تۇنجى قاتنىشپلا زور نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن .دانىيە كوماندىسنىڭ گۇرۇپپىدىكى ھالىتى ئىنتايىن ياخشى بولغان .بىرىنچى ئايلانمىدا 1 : 0 شوتلاندىيەنى ،ئارقىدىن كۈچلۈك ئۇراگۋاي كوماندىسنى 6 : 1 چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن قىرغىن قىلغان .ئاخىرقى مەيداندا 2 : 0 نەتىجە بىلەن ھەل قىلغۇچقا كىرىشتىن بۇرۇنقى غەربىي گېرمانىيەنى مەغلۇپ قىلىپ گۇرۇپپىدىن مەيدىسىنى كېرىپ چىقىپ كەتكەن .لېكىن ئەپسۇسلىنارلىق يېرى ،شاللاس مۇسابىقىسدە دانىيە كوماندىسى رىۋايەتنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامال قىلالمىغان .يەنى : كۈچلۈك ئىسپانىيە كوماندىسى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە 1 : 5 نەتىجە بىلەن ئېچىنىشلىق شاللىنىپ كەتكەن .شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسدا شىمالى ياۋروپادىكى بۇ كوماندا 9-بولغان .بۇ دانىيە پۇتبوچىلىقى ئۈچۈن پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك ئىش .دانىيە مانا مۇشۇنداق توپچىلىرى ۋە نەتجىسى بىلەن پەخىرلىنىدۇ .




U333P6T64D94614F1323DT20131128173706.jpg


4-پولات قۇرغان -ئىرلاندىيە ( 1990-يىلى )

1990 -يىلى ئىتالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 14-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىمۇ كىشىلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان ئاجايىپ ھېكايىلەر بارلىققا كەلگەن .ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىنكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە كامېرۇن كوماندىسى ئويلىمىغان يەردىن ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسنىڭ چىمپىيۇنى ،مارادونا باشچىلىقىدىكى ئارگېنتىنا كوماندىسنى يېڭىۋېلىپ دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقە قىزغىنلىقىنى بىر بالداق يۇقۇرى كۆتىرىۋەتكەن .ئەمدى ئىرلاندىيە كوماندىسغا كېلەيلى : ئىرلانىيە كوماندىسىمۇ تۇنجى قېتىم بۇ تۈردىكى مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ ،گەرچە گۇرۇپ مۇسابىقىسدە بىر مەيدانمۇ غەلبىنىڭ تەمىنى تېتىمىغان بولسىمۇ ،لېكىن نەزىرىيە جەھەتتىكى ئامىل سەۋەبىدىن يەنىلا گۇرۇپپىدىن  چىقىپ ،ئاخىردا 8 كۈچلۈككە كىرگەن .گۇرۇپپىدا ئىلگىرى -كېيىن بولۇپ ،ئېنگىلاند ،مىسىر ۋە گوللاندىيە قاتارلىق كوماندىلار بىلەن تەڭلەشكەن .ھەمدە گۇرۇپپىدا ئۈچىنچى بولۇپ 16 كۈچلۈككە كىرگەن .8 كۈچلۈك باسقۇچىدا رۇمىنىيە بىلەن 120 مىنۇت تىركىشىپ مۇسابىقە نەتىجىسى 0 : 0 ئاخىرلاشقان .ئېچىنىشلىق نوقتا توپ جېڭىدە 5 : 4 ئۇتۇپ 8 كۈچلۈككە قەدەم باسقان .تۆت كۈچلۈككە كىرىشتە ساھىبخان ئىتالىيە كوماندىسى بىەن كەسكىن تىركىشىپ 0 : 1 كىچىك نومۇر پەرقى بىلەن ئۇتتۇرۇپ قۇيۇپ تۆت كۈچلۈكتىن مەھرۇم بولغان .مۇشۇ نەتىجىنىڭ ئۆزىلا ئىرلاندىيەگە گە يېتىپ ئاشىدۇ دىيىشكە بۇلىدۇ .بۇلار بېشىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ مەغرۇر ھالدا قايتىشقا تېگىشلىك ئەلۋەتتە !




U333P6T64D94614F1324DT20131128173706.jpg


5-مىلوتىنىوۋىچ باشچىلىقىدىكى -كوستارىكا ( 1990-يىلى )

ئوتتۇرا شىمالى ئامېرىكا قىتئەسىدىن كەلگەن كوستارىكا كوماندىسىمۇ 1990-يىلى تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان . بىرازىلىيە ،شېۋېتىسيە ۋە شوتلاندىيە قاتارلىق كۈچلۈك كوماندىلار بىلەن بىر گۇرۇپپىغا كىرىپ قالغان .شۇ چاغدا بۇ تۈردىكى مۇسابىقىدە تەجىربىسى يوق ھەم ئاجىز بولغان كوستارىكا كوماندىسى كىشىلەر تەرىپىدىن باشقا كوماندىلارنىڭ نۇمۇر ئېلىشىدىكى ياخشى يەمچۈكى دەپ دەپ قارالغان . ئەمما كوستارىكا يىگىتىلىرى كىشىلەر ئويلىغىنىدەك ئۇنداق ئاسان بوزەك بولمايدىغانلىقىنى ئەمىلىي ھەركىتى ئارقىلىق كۆرسىتىپ قويغان .كوماندىدىكى « تەلەيلىك توشقان » دەپ نامى بار ۋاراتارنىڭ چەبدەسلىك بىلەن توپ تۇساپ دەرۋازىسىنى ياخشى قوغدىشى ، شۇنداقلا ھەرقايسى ئەزالار تىرىشىپ ئويناپ سالماقلىق بىلەن سەۋىيىسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ بۇ سەھنىسدە ھايات ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان .دەسلەپكى مۇسابىقىدە مۇداپىئەنى ئاساس قىلىپ ئويناپ تۇيۇقسىز ھۇجۇم بىلەن ، ئاخىردا 2 : 1 نەتىجە بىلەن شېۋېتىسيەنى بىر تەرەپ قىلغان .كېيىنكى ئايلانمىدا 1 : 0 شوتلاندىيەنى يەر چىشلەتكەن .ئاخىرقى مەيداندا بىرازىلىيەگە 0 : 1 ئۇتتۇرۇپ ، گۇرۇپپىدا ئىككىنچى بولۇشتەك سالاھىيەت بىلەن 16 كۈچلۈككە كىرىپ كەتكەن .بىراق شاللاش باسقۇچىدا كوستارىكا كوماندىسى تەجىربىسسىزلىكى ، ھەمدە كوماندىدىكى ئاساسلىق ھۇجۇمچىسىنىڭ مۇسابىقىدىن توختىشى سەۋەبىدىن ، 1 : 4 نەتىجە بىلەن چېخسىلوۋىيە كوماندىسغا ئۇتتۇرۇپ قۇيۇپ چىرايلىق خۇشلاشقان .گەرچە شۇنداق بولسىمۇ ،قەيسەر كوستارىكانىڭ تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىپ تىز پۈكمەسلىكتەك روھى كىشىلەرنىڭ مەدھىلىشىگە ئەرزىيدۇ .




U333P6T64D94614F1326DT20131128173706.jpg


6-قۇملۇقتىكى بوران -سەئۇدى ئەرەبىستان ( 1994-يىلى )

1994-يىلى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن 15-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسدا ئوخشاشلا ئاسىيادىن كەلگەن بىر كوماندا توپ مەستانىلىرىگە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان . ئۇ بولسىمۇ قۇملۇق بورىنى -سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسى .بۇ كوماندىمۇ تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسغا قاتناشقان بولۇپ ،گۇرۇپپىدىكى بىرىنچى مەيدان مۇسابىقىدە ياۋروپادىكى كۈچلۈك بولغان ئاپلېسىن رەڭلىك كۆركۈم گۈلى گوللاندىيە كوماندىسى تەرىپىدىن 1 : 2 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ بولغان .ئەسلى سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسى بىر توپ ئۈستۈلۈكتە بولۇپ ،مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى پەيتلىرىدە ئىككى توپ كەتكۈزۈپ قويغان .مۇبادا سەئۇدى ئەرەبىستان سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويمىغان بولسا گوللاندىيە ئۈستىدىن بىر نومۇر ئېلىشى مۇمكىن ئىدى .كېيىنكى ئىككى ئايلانمىدا ئافرىقىدىن كەلگەن ماراكەش ۋە ياۋروپا قىزىل ئالۋاستىسى بىلگىيەنى مەغلۇپ قىلىپ 16 كۈچلۈككە كىرىپ كەتكەن .تەكىتلەشكە تېگىشلىك بولغىنى : بىلگىيە كوماندىسى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقە جەريانىدا سەئۇدى ئەرەبىستان ھۇجۇمچىسى قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقۇرى توپتىن بىرنى كىرگۈزگەن .بۇ توپ تارىخىتىن بۇيانقى دۇنيا لوڭقىسدا كىرگەن ئەڭ نادىر 10 توپنىڭ ئىچىگە كىرگەن .شاللاش باسقۇچىدا 1 : 3 نەتىجە بىلەن شېۋېتىسيەگە ئۇتتۇرۇپ قۇيۇپ 8 كۈچلۈككە كىرەلمىگەن .( شېۋېتىسيە تۆت كۈچلۈككە كىرىپ توختىغان ) شۇنداق قىلىپ سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىدىكى تۇنجى سەپىرىدە ئاسىياغا ۋاكالىتەن ياخشى ئەسلىمە قالدۇرغان .




U333P6T64D94614F1327DT20131128173706.jpg


7-چاقماق قۇشۇن -كىرودىيە ( 1998-يىلى )  

كىرودىيە بولسا 1991-يىلى يۈگىسىلاۋىيەدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولغان .پۇتبول تەرەقىياتى ئۇچقاندەك راۋاجلىنىپ 1998-يىلى دۇنيا لوڭقىسىغا بۈسۈپ كىرگەن .گەرچە كىرودىيە مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان بولسىمۇ ، لېكىن كىرودىيە كوماندىسدا سوككېر قاتارلىق كۆپلىگەن يۈگىسىلاۋىيە توپچىلىرى بار ئىدى .بۇلارنىڭ ھالىتى تۇراقلىق ، ئىپادىسى قالتىس بولغان .گۇرۇپپىدا ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ،يامايكا ۋە ياپۇنىيە كوماندىلىرىنى مەغلۇپ قىلغان .گەرچە ئاخىرقى مەيداندا 0 : 1 ئارگېنتىناغا ئۇتتۇرغان بولسىمۇ ،يەنىلا گۇرۇپپىدا ئىككىنچى بولۇپ 16 كۈچلۈككە كىرگەن .8 كۈچلۈك مۇسابىقىسدە ، كوماندىدىكى داڭلىق ھۇجۇمچىى سوككېرنىڭ كىرگۈزگەن بىر نوقتا توپىغا تايىنىپ ئىپادىسى ئوخشاشلا ياخشى بۇلىۋتقان رۇمىنىيە كوماندىسنى يەڭگەن .تۆت كۈچلۈكتە ، كۈچلۈك گېرمانىيە كوماندىسى بىلەن ئۇچىراشقىنى بىلگەن كىرودىيە قاتتىق چۈچۈپ كەتكەن .بىراق قەتئى بەل قۇيىۋەتمەي جان -جەھلى بىلەن ئويناپ تېخى ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا لوڭقىسدا چىمپىيۇن بولغان جەڭ تانكىسى گېرمانىيەگە ئۈچ توپ ئۇرۇپ شاللاپ تۆت كۈچلۈككە كىرگەن .يېرىم ھەل قىلغۇچتا يەنىلا سوككېر بىر توپ كىرگۈزۈپ كىرودىيە ئۈستۈنلۈككە ئۆتكەن .لېكىن فىرانسىيە كوماندىسىدىكى تۇرامنىڭ كېيىن كىرگۈزگەن ئىككى توپى كىرودىيەنى مەغلۇبىيەتكە باشلاپ كىرگەن .ئۈچىنچىلىكنى تالىشىش مۇسابىقىسدە 2 : 1 گوللاندىيەنى يېڭىپ ،شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسدا ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرگەن .جەمىي 6 توپ كىرگۈزگەن سوككېر « ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن » شەرىپىگە ئېرىشكەن .




U333P6T64D94614F1328DT20131128173706.jpg


8-شەرقى ئافرىقا چولپىنى -سىنگال ( 2002-يىلى )

سىنگالنىڭ مەركىزى داكاردا ئادەتتە ماشىنا مۇسابىقىلىرى كۆپ ئۆتكۈزىلىدۇ . بۇ جەھەتتە دۇنيادا نامى بار .ئىككى يىلدا بىر ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ تەنھەرىكەت تۈرى بۇ يەردە قىزىپ كېتىدۇ .پۇتبولدا بولسا ئاجىز دەپ قارىلىدۇ .بۇ كوماندىمۇ 2002-يىلى ياپۇنىيە -كورىيە دۇنيا لوڭقىسىغا تۇنجى قېتىم قاتناشقان .ئېچىلىش مۇراسىمى ئاخىرلىشىشتىن كېيىن مەيدانغا چۈشكەن بۇ كوماندا دۇنيانى ھەيران قالدۇرۇپ ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسنىڭ چىمپىيۇنى فىرانسىيە كوماندىسنى 1 : 0 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلىپ ئۆزىنىڭ كۈچىنى نامايەن قىلغان .كېيىنكى ئىككى ئايلانمىدا دانىيە ۋە ئۇراگۋاي بىلەن تەڭلىشىپ جەمىي بەش نومۇر بىلەن ، بۇ گۇرۇپپىدا بىرىنچى بولۇپ چىقىپ كېتىدۇ دەپ قارالغان فىرانسىيەنى سىرتتا قالدۇرۇپ چىقىپ كەتكەن .8 كۈچلۈكتە بولسا دەسلەپتە ھالاكەت گۇرۇپپىسدا جان تالىشىپ چىققان شېۋېتسىيەنى كامارانىڭ بىر توپى بىلەن شاللاپ يەنە ئىلگىرلىگەن .لېكىن تۆت كۈچلۈكتە تۈركىيە تەرىپىدىن يېڭىلىپ قەدىمى توختىغان .سىنگال كوماندىسى تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىپ 7-بۇلۇشتەك ئۇلۇغۋار نەتىجىنى بارلىققا كەلتۈرگەن .شۇنداقلا سىنگال پۇتبولچىقىنىمۇ دۇنياغا نامايەن قىلىپ بەرگەن .ئەپسۇسۇلىنارلىق يېرى ،2002-يىلدىن كېيىن بۇ كوماندا تېز سۈرئەتتە چېكىنىشكە باشلىغان .ھازىرغا قەدەر دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ چەمبىركىگە كىرەلمىگەن .




U333P6T64D94614F1329DT20131128173706.jpg


9-شەرقى ياۋروپا يادرو ئوق بېشى -ئوكرائىنا ( 2006-يىلى )  

ئوكرائىنا بولسا 1991-يىلى سوۋېت ئىتپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن مۇستەقىللىق ئايرىپ چىققان .شۇنىڭدىن كېيىن ئوكرائىنا چوڭ مۇسابىقىلەرگە قەدەم باسقان .1998-يىلى ۋە 2002-يىلى ئۇدا ئىككى يىل ياۋروپا رايۇنى ئالدىن تالاش قۇشۇمچە سالاھىيەت مۇسابىقىسى ئويناش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن .بىراق موللاق ئاتقان .2006-يىلدىكى ئالدىن تالاش جەريانىدا كوماندىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق مەرگەن شېفۇچىنكونىڭ ئىپادىسى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ ،بىراق باشقا كوماندا ئەزالىرىنىڭ ھالىتى تۇراقلىق ھەم مۇنتىزىم بولغان كۈچلۈك سەپ شەكلى ئەۋزەلىكىگە ئاساسەن كۈچلۈك رەقىبلىرىنى بىربىرلەپ مەغلۇپ قىلىپ ،بىر گۇرۇپپىدىكى دانىيە ،گىرىتسىيە ۋە تۈركىيەگە بېسىم قىلىپ ياۋروپا رايۇنى بۇيىچە بىرىنچى بولۇپ دۇنيا لوڭقىسغا ئۈزۈپ چىققان .تۇنجى مەيداندا 0 : 4 ئىسپانىيەگە ئۇتتۇرۇپ قويغان .كېيىنكى ئىككى مەيداندا 4 : 0 ۋە 1: 0 نەتىجە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن تۇنىس كوماندىلىرىنى يېڭىپ گۇرۇپپىدىن ئۇڭۇشلۇق چىققان .8 كۈچلۈكتە سىۋىتسارىيە بىلەن 120 مىنوت مۇسابىقە ئويناپ توپ كىرمەي ئاخىردا ئىككى كوماندا نوقتا توپ تەپكەن . شېسىتسارىيەنىڭ ئۇرغان ئۈچ توپى كىرمەي ،بۇ جەڭدە ئوكرائىنا ئۈزۈپ چىققان .تۆت كۈچلۈكتە كۆك قۇشۇن -ئىتالىيە كوماندىسى تەرىپىدىن 0 : 3 مەغلۇپ بولغان ( شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسدا ئىتالىيە چىمپىيۇن بولغان ) تۇنجى قېتىم بۇ تۈردىكى چوڭ مۇسابىقىنى ئويناپ 8 كۈچلۈككە كىرىش بۇمۇ ئوكرائىناغا نىسبەتەن تارىخ بەتلىرىدىن ئۇرۇن ئېلىشى مۇقەرەر !




U333P6T64D94614F1325DT20131128173706.jpg


10-ئافرىقا بۈركۈتى -نېگىرىيە( 1994-يىلى )  

نېگىرىيە كوماندىسى ئالدىنقى ئەسىر 90-يىللىرىنىڭ بېشىدا پۇتبول ئىشلىرى يۈكسىلىشكە باشلىغان .شۇنىڭغا ئەگىشىپ نېگىريەدىمۇ بىر تۈركۈم تالانتلىق مايسىلار يېتىشىپ چىققان .1996-يىلى ئاتلانتا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ پۇتبول تۈرىدە چىمپىيۇن بولغان .بۇلارنىڭ تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان ۋاقتى بولسا 1994-يىلى بولۇپ ،نېگىرىيە كوماندىسى بىرىنچى مەيدان مۇسابىقىدە ، كېيىن تۆت كۈچلۈككە كىرگەن بۇلغارىيە كوماندىسنى يەڭگەن .كېيىنكى ئايلانمىدا مارادونا باشچىلىقىدىكى ئارگېنتىنغا 1 : 2 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرغان .( دەسلەپتە نېگىرىيە توپ ئۇرغان ) ئۈچىنچى ئايلانمىدا 2 : 0 نەتىجە بىلەن گېرىتسىيەنى يەڭگەن .ھەمدە بىرىنچى بولۇپ گۇرۇپپىدىن چىققان .ھۇجۇمچى يېجىلىنىڭ توپ ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىنكى قاپقا تورى ئىچىدە تەبرىكلەش ھەركىتى دۇنيا لوڭقىسىدىكى قالتىس بىر مەنزىرە ( بۇ توپچى 48 يېشىدا كېسەل سەۋەبىدىن قازا قىلغان . يۇقۇردىكى رەسىم ) شاللاش مۇسابىقىسدە بۇلارنىڭ تازا تەلىيى كەلمىگەن . يەنى ئىتالىيە بىلەن ئۇچۇرىراشقان .بىراق دەسلەپتە توپ ئۇرغىنى يەنىلا نېگىرىيە كوماندىسى بولغان .ۋاقىت قۇشۇپ بېرىلگەن باسقۇچتا ئىتالىيە ھۇجۇمچىسى روبېرت-باگىئو توپ كىرگۈزۈپ نۇمۇرنى تەڭلەشتۈرۋالغان .كېيىن يەنە شۇ باگىئو نوقتا توپ ئۇرۇپ نېگىرىيەنى ئۇزۇتۇپ قويغان .شۇنداق قىلىپ نېگىرىيەمۇ 8 كۈچلۈككە كىرەلمەي خۇشلىشىشقا مەجبۇر بولغان .





194344js1axwxdkazjx5k5.jpg


قۇشۇمچە : 2014-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن 32 كۈچلۈك كوماندا
   
    ساھىبخان: بىرازىلىيە

  ياپونىيە، ئىران، ئاۋسترالىيە، كورىيە  ئارگېنتىنا، كولۇمبىيە، چىلى، ئېكۋاتۇر ، ئامېرىكا، كوستارىكا، ھوندىراس، مېكسىكا، ئىتالىيە، گوللاندىيە، گېرمانىيە، بېلگىيە، بوسىنىيە، شىۋىتسارىيە، ئىسپانىيە، ئىنگىلاند، كرودىيە ،پورتىگالىيە، فىرانسىيە، گىرىتسىيە،  رۇسيە ، ئالجىرىيە، كوتېدىئور، گانا، نېگىرىيە، كامرون

     2014-يىلى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقە ۋاقتى : 6-ئاينىڭ 12-كۈنى 17:00  ( دىيارىمىز ۋاقتى 13-ئىيۇن سەھەر سائەت 2:00)


1912496uuu3u30u38p69fb.jpg




                                                


ئەسلى مەنبە -سىنا تو بېكىتى
تەرجىمە قىلغۇچى -پۇتبول مۇنبىرىدىن ( توپ تەپكۈچى )
2013-يىل 12-ئاينىڭ 4-كۈنى















ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى تۆھپە شۆھرەت تەجرىبە يىغىش سەۋەبى
قورۇل + 50 + 5 + 5 + 5

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50  تۆھپە + 5  شۆھرەت + 5  تەجرىبە + 5   باھا خاتىرىسى

------------------------------

78

تېما

18

دوست

4474

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  1444
يازمىسى: 4474
نادىر تېما: 4
ياۋرۇ: 99830
تۆھپە: 1089
ۋاقتى: 1620
h
ھالەت

مانچىستىر لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسدا تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسغا قاتناشقان كوماندىدىن قايسى بار ؟
مانچېستېر مەستانىلىرى QQ  توپى : 77452192

2191

تېما

1

دوست

7791

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8643
يازمىسى: 7791
نادىر تېما: 19
ياۋرۇ: 8079003
تۆھپە: 1923
ۋاقتى: 4151
h
ھالەت

ئۆمۈرلۈك شەرەپ تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا نادىرچى يازما يوللاش ئۇستىسى يۇۋىنتۇس لۈكچىكى تۆھپىكار ئەزا دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرلاشتۇرغۇچى يوللىغان ۋاقتى  2013-12-4 18:46
بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسدا تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسغا ق ...


يوققۇ دەيمەن ....

ئويۇن ئەمدى باشلاندى..!

675

تېما

3

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  783
يازمىسى: 12961
نادىر تېما: 3
ياۋرۇ: 10075715
تۆھپە: 3710
ۋاقتى: 5782
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرلاشتۇرغۇچى يوللىغان ۋاقتى  2013-12-4 18:46
بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسدا تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسغا ق ...

بوسىنيە ...
دۇنيا زارلانغۇچىلارغا ئەمەس، بەلكى ئۈزگەرتكۈچىلەرگە مەنسۇپ..!

ئويۇن ئەمدى باشلاندى..!

675

تېما

3

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  783
يازمىسى: 12961
نادىر تېما: 3
ياۋرۇ: 10075715
تۆھپە: 3710
ۋاقتى: 5782
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەمىمىدىن سىنگالنىڭ كاتتا ....تۇنجى قىتىم  دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىپ ئالدىنقى چىمپىيۇن زىدانى باشچىلىقىدىكى فىرانسيەنى كوماندىسىنى ئۇتۋىلىشى، دانىيەنىمۇ تەڭلىكتە قويىشى جەنوبى ئامېىرىكىدىكى كۈچلۈك ئۇرۇگۋايغىمۇ بوزەك بولماي گۇرۇپپىدىن چىقىشى گۇرۇپپىدىن چىقىپ 8كۈچلۈككىمۇ كىرىشىمۇ ھەقىقەتەن قالتىس بولغان.
تۈركىيە بىلەن بولغان موسابىقىدە  ئىلخاننى  چىڭ باقالىغان بولسا 4كۈچلۈككىمۇ كىرىپ مۈجىزە يارىتا بولغيىتى بەلكىم  تۇنجى قىتىم دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىپ 4كۈچلۈك كىرىپ كەتكەن بولسا ...تەلىيى كەلمەي قالدى ئاخىرقى ۋاقىتلاردا...
خوددى 2010،يىلى دۇنيا لوڭقىسىدىكى گانادەك..
دۇنيا زارلانغۇچىلارغا ئەمەس، بەلكى ئۈزگەرتكۈچىلەرگە مەنسۇپ..!

رونالدو

0

تېما

4

دوست

135

جۇغلانما

پۇتبول مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12906
يازمىسى: 135
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 260
تۆھپە: 149
ۋاقتى: 31
h
ھالەت

مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەنۇبى ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسىدا چاۋشىيەن دۆلەت كوماندىسىنىڭ بىر ئەزاسى دۆلەت شېئىرى ئوقۇلۇۋاتقان چاغدا يېغلىۋەتكەنغۇ دەيمەن . ئىسمى نېمىتى ئۇ ئادەمنىڭ...
تىنىچلان نوكەمپۇ... بۇ يەردە مەن بار...

0

تېما

1

دوست

181

جۇغلانما

پۇتبول مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  13208
يازمىسى: 181
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 121651
تۆھپە: 265
ۋاقتى: 124
h
ھالەت

بايرىن لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توپ تەپكۈچىنىڭ تېمىلىرىنى ئوقۇش مەن ئۈچۈن ھوزۇر،ھەقىقەتەن نادىر تىما بوپتۇ.

ئاكاڭ كىمتى ؟؟؟؟

152

تېما

2

دوست

5019

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8401
يازمىسى: 5019
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 54084
تۆھپە: 1260
ۋاقتى: 2379
h
ھالەت

يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامېرىكا يوللىغان ۋاقتى  2013-12-4 19:09
ھەمىمىدىن سىنگالنىڭ كاتتا ....تۇنجى قىتىم  دۇنيا لوڭقىس ...

سىنگالنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى تېرنىرنى قايسى كۈنى ۋاپات بولدى دەپ بىر خەۋەر يازغاندەك ئېسمدە بىرسى ،،،،
چۆپچى ئادەم شالتاق يالسىمۇ ،گۆش پۇرغاندەك خوش بولدۇ:

ئۇيغۇرۇم!!!

36

تېما

2

دوست

5115

جۇغلانما

كوماندا باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8094
يازمىسى: 5115
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 5146
تۆھپە: 936
ۋاقتى: 1420
h
ھالەت

يازما يوللاش ئۇستىسى ئىنتىر لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاھاركا ، چاۋشىيەننىڭ 8كۈچلۈكتىكى رەقىبى قايسى دۆلەت ئىدى !؟
توپ دېگەن يۇمىلاق!

ئالەم كوماندىسى ئالغا!

5

تېما

1

دوست

611

جۇغلانما

كەسپىي پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12581
يازمىسى: 611
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 1002259
تۆھپە: 740
ۋاقتى: 128
h
ھالەت

بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاۋشىيەن كوماندىسى ھەقىقەتن ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدۇ!

4

تېما

1

دوست

442

جۇغلانما

ھەۋەسكار پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10623
يازمىسى: 442
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 51427
تۆھپە: 100445
ۋاقتى: 170
h
ھالەت

مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كورىيە، ياپۇنيە ،ئاۋىستىرالىيە ، ئىران كوماندىلىرىغا ئامەت تىلەيمەن...  ئاسىيانىڭ ئۆمۈتلىرى..

2191

تېما

1

دوست

7791

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8643
يازمىسى: 7791
نادىر تېما: 19
ياۋرۇ: 8079003
تۆھپە: 1923
ۋاقتى: 4151
h
ھالەت

ئۆمۈرلۈك شەرەپ تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا نادىرچى يازما يوللاش ئۇستىسى يۇۋىنتۇس لۈكچىكى تۆھپىكار ئەزا دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-4 21:22  
مۇزات يوللىغان ۋاقتى  2013-12-4 19:42
قاھاركا ، چاۋشىيەننىڭ 8كۈچلۈكتىكى رەقىبى قايسى دۆلەت ئ ...


گۇرۇپپىدىن چىقىپلا تۆت كۈچلۈك ئويناپتۇ ....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|پۇتبول كۇلۇبى
  
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Putbol.Cn ( 新ICP备12001847号-1 )