ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 3130 |
تۆھپىسى: سەر |
|

شىنلاڭ تەنتەربىيىسى خەۋىرى:سېدىروف كىلەر يىلى يازدا ئا س مىلانغا رەسمى تېرنېر بۇلماقچى،بىرازىلىيىلىك تالانىت ئىگىسى دولىيامۇ كوماندىغا قۇشۇلماقچى.
مىلان كوماندىسى يېقىنقى ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە غەلبە قىلغان بولسىمۇ،ئەمما كۇلۇپ خوجايىنى بېرلوسكونى ئەڭ ئاخىردا يەنىلا گالىيانىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.ئا س مىلانغا نىسپەتەن بۇ يېرىم پەسىل ھەقىقەتەن كۈتۈلمىگەن بىر قىيىنچىلىققا تولغان پەسىل بولدى.تېرىنېر ئالەيگىرىغا نىسپەتەنمۇ مۇشۇ پەسىل ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋاقتىلىرى بۇلۇپ قالدۇ ئەلۋەتتە.كىلەر پەسىل ئۇنىڭ ئورنىغا چىقىدغىنى مىلان كوماندىسىنىڭ تۆھپىكارى بولغان سېدىروف.
«پۇتبول سودا خەۋەرلەر»گېزىتىنىڭ ئېلان قىلىشچە؛«مىلان كوماندىسى ئىچكى قىسىمدا ئاللابۇرۇن يېڭى تېرنېر نامزاتىنى بېكىتىپ بولغان بۇلۇپ،كىلەر يىلى 6-ئايدا سېدىروف كوماندىنى رەسمى قولغا ئالىدىكەن.سېدىروف بولسا بېرلوسكونىنىڭ ئەڭ ياقتۇردىغان توپچىسى،ئۇنىڭغا بولغان مۇئامىلىسى ئىلگىركى ۋاقىتلاردىمۇ شۇنداق قىزغىن بولغان.ئۇنىڭ قارىشىچە سېدىروف مىلان كوماندىسنىڭ شانلىق دەۋىرىنى يارىتىشتىكى ئەڭ مۇھىم كىشى ئىكەن،ھېلىھەم ئۇنى كوماندىنىڭ بىرقىسى دەپ قارايدىكەن.چۈنكى سېدىروف بۇ كوماندىغا 10يىل ئۈنتىنسىز كۈچ قوشقان.ئۇنىڭ ئەمدىلىكتە سان سىرو تۇپرىقىغا تېرىنر سالاھىتىدە قايتىپ كىلىشى يەنە بىر خوشاللىق بۇلۇپ ھىسابلىنىكەن.
سېدىروف كوماندىغا كىلىشتىن بۇرۇ ئاللا-بۇرۇن بەزى پىلانلارنى تۈزگەن بۇلۇپ،شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرقى ۋاقىتتىن باشلاپلا تۇتۇش قىلىشقا چۈشكەن.شۇنداقلا گالاتاساراي كوماندىسنىڭ گوللاندىيىلىك ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى سىنىيدىرنى كوماندىغا كىلىشكە تەكلىپ ئەۋەتكەن.
سېدىروف بىلەن سىنىيدىرنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ياخشى بۇلۇپ،ئۇلار ئىلگىرى گوللاندىيىنىڭ ئاجاكىس ياشلار مەشىق بازىسىدىكى ۋاقتىدا سېدىروف ئۇنىڭغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۈلەتتى.
سىنىيدىر يەنە كوماندىغا ماھىر قۇشۇش پىلانىدا ،بىرازىلىيىلىك تالانىت ئىگىسى ،بوتافىگو كوماندىسنىڭ ئوتتۇرا بېكى دولىيانىمۇ باشلاپ كەلمەكچى بولغان. 1994-يىلى تۇغۇلغان بۇ ئۆسمۈر ئۈزىنىڭ قالتىس تېخنىكىسغا تايىنىپ ناھايىتى تىزلا نام چىقارغان،مىلان كوماندىسىمۇ بۇ ماھىر ئۈچۈن 7مىليون چىقارماقچى بولغان. |
|