ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 5460 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سېرىق ھەرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-4 16:07
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...
2013 - يىلى 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى سەھەر سائەت 1:30 دە 2013 - 2014 - يىللىق گىرمانىيە لوڭقىسى 8 كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسى ئوينالدى ، نەتىجىلەر تۆۋەندىكىچە :
ساربۇركىن 0 - 2 دورتمۇند
دورتمۇند كوماندىسى مىھمان مەيداندا گىرمانىيە تۆۋەن دەرىجىدىكى ساربۇركىن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، دورتمۇند كوماندىسى 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدىن كىيىن 0 - 2 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىپ ئوڭۇشلۇق 8 كۈچلۈككە كىرىپ كەتتى ، بۇ مەيدان مۇسابىقىگە دورتمۇند كوماندىسىنىڭ زاپاس ئەزالىرى مەيدانغا چۈشتى ، لەيۋەندوۋىسكى ، رىئۇس قاتارلىق ئاساسلىق ئەزالار مەيدانغا چۈشمەي ئارام ئالدى ...
شارىك04 1 - 3 خوفىنھام
گىرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى كۈچلۈك كوماندا شارىك04 بىر بىرلەشمىدىكى خوفىنھام كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، كۈچلۈك دەپ قارىلىپ كىلىۋاتقان شارىك04 كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا 1 - 3 نەتىجە بىلەن مەغلۇب بولۇپ شاللىنىپ كەتتى ، خوفىنھام كوماندىسى ئوڭۇشلۇق 8 كۈچلۈككە كىردى ...
ھامبۇرگ 2 - 1 كىلون
ئا بىرلەشمىدىكى ھامبۇرگ كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا ب بىرلەشمىدىكى كىلون كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، 90 مىنۇتلۇق كەسكىن مۇسابىقىدىن كىيىن ھامبۇرگ كوماندىسى 2 - 1 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىپ ئوڭۇشلۇق 8 كۈچلۈككە كىرىدى ...
بىرلىن ئونىئون 0 - 3 قەيسەرلارتېن
ب بىرلەشمىدىكى بىرلىن ئونىئون كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا قەيسەرلارتېن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، قەيسەرلارتېن كوماندىسى مىھمان مەيداندا ئىپادىسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ 0 - 3 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى ، بۇنىڭ بىلەن قەيسەرلارتېن كوماندىسى ئوڭۇشلۇق 8 كۈچلۈككە كىردى
2013 - يىلى 12 - ئاينىڭ 5 كۈنى سەھەر سائەت 1:30 دە ئوينىلىدىغان مۇسابىقىلەر تۆۋەندىكىچە :
ئاگسۇنبۇرگ ( ئا بىرلەشمە ) - بەيرىن ( ئا بىرلەشمە )
فىرۇنبۇرگ ( ئا بىرلەشمە ) - لىۋىرىكسۇن ( ئا بىرلەشمە )
ۋولسۇنبۇرگ ( ئا بىرلەشمە ) - ئىنگىلوسداد ( ب بىرلەشمە )
فىرانكفۇرت ( ئا بىرلەشمە ) - ساندھارسىن ( ب بىرلەشمە )
|
|