akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 883|ئىنكاس: 18

ئىتالىيە بىرلەشمىسى 14-ئايلانما ( مۇسابىقە خەۋىرى )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-3 00:49  

900x600_9F2HFSJG00CO0005.jpg

بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ سائەت ( 11:30 ) مىنوت ئۆتكەندە ، ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 14-ئايلانمىسنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىپ ،يۇۋېنتۇس كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا ئۇدىنىس كوماندىسنى كۈتىۋالدى .دەسلەپتە ھەر ئىككىلا كوماندا توپ ئۇرالماي ،كېيىن مۇسابىقە 91مىنوتقا قەدەم قويغاندا يۇۋېنتۇستىكى لورېنتې ئەجەللىك بىر توپ ئۇرۇپ ئۇدىنىسنى بۇغۇزلىدى .شۇنىڭ بىلەن يۇۋېنتۇس ئۇدا ئالتە مەيدان يېڭىپ 37 نومۇر بىلەن بىرىنچىلىك ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى .ھەمدە ئىككىنچى ئورۇندىكى رىمدىن ئۈچ نومۇر ئېشىپ كەتتى .



900x600_9F1UBC7300CO0005.jpg

يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئىنتېر مىلان ئۆز مەيدانىدا سامپۇدورىيە كوماندىسى بىلەن تۇتۇشتى .ئالدىنقى يېرىم مەيداندا گۇارىن توپ ئۇرۇپ ئىنتېر مىلان ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى .كېيىن زاپاس ئەزا قاتارىدا مەيدانغا چىققان سامپۇدورىيە ھۇجۇمچىسى رېنان توپ ئۇرۇپ ،ئاخىردا ئىككى كوماندا 1 : 1 نەتىجە بىلەن تەڭلەشتى .تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىكى : ئىنتېر مىلان ئۇدا ئىككى مەيداندا ئاخىرقى پەيتلەردە توپ كەتكۈزۈپ قۇيۇپ ئەسلى ئالىدىغان ئالتە نۇمۇر ئىككى نۇمۇرغا ئايلىنىپ كەتتى .ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ......






باشقا مۇسابىقىلەر

كاتانىيە 1 : 3 ئا س مىلان

پارما 1 : 1 بولونىيە

رىنايا 1 : 1 تورىن

كالىيارى 2 : 2 ساسسۇلو

ئاتلانتا 1 : 1 رىم ( رىم ئۇدا تۆت مەيدان تەڭلەشتى )

چېۋو 3 : 0 لىۋرنو

فىئورنىتىنا -  ۋېرۇنا ( بۈگۈن كەچ ئوينايدۇ )

لازىيو  -  ناپولى ( بۈگۈن كەچ ئوينايدۇ )










پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-2 19:27:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يوللاي دەپ تېخى.  باشقىلار يوللىدىمۇ-ياق بىر كۆرۈپ باقاي دەپ كىرسەم  توپ تەپكۈچىكام يوللاپتۇ ئەمەسمۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-2 19:28:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلىقئارا مىلەن تۇرۇپلا توپ كەتكۈزۈپ قويدىغان بولۋالدا.. رىممۇ ھېرىپ قالغان ئوخشايدۇ.
  بۇ پەسىل چىمپىيونلۇق يۇۋۇنتۇستىن ئاشمايدىغان چىراي .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-2 19:36:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-2 19:36:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-2 19:42:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەلبە بۇفىن غا مەنسۇپ. ۋارتار بۇلا مۇشۇنچىلىك بۇلا.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-2 19:48:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىيالى ئىتالىيەدىكى ھەممە جاۋابىم خاتا چىقتىمۇ نىمە ؟

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-2 19:56:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىلان ئالدىنقى پەسىلدە باشتا ئارقىدا قېلىپ ئاخىرغا بارغاندا تىرىشىپ يۈرۈپ ئاران ئۇزغۇنلۇقنىڭ بېلىتىنى قولغا كەلتۈرگەن. بۇ پەسىلمۇ بېشىدىلا ئارقىدا قالدى لىكىن تۆنۆگۈنكى مۇسابىقىدە ئۇتۇپ 13-ئورۇندىن بىراقلا سەككىزىنچى ئورۇنغا ئۆرلەپتۇ داۋاملىق كۈچۈمىسە يەنىلا چاتاق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-2 19:58:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە تولا تەڭلىشىش بۇ ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە،7مەيداندا تەڭلىشىش بىلەن نەتىجىلىنىپتۇ
مىلان غەيرەت قىل ھەر ھالدا 8-ئورۇنغا چىقىپسەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-2 20:02:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىم كونا خۇيىنى تىخى تاشلىماپتۇ مىنىڭ ئەنسىرگىنىم مۇشۇ 4 كوماندىنىڭ 2 سىدىن بولسىمۇ تولۇق نۇمۇر ئىلىشنى ئارزۇ قىلغان ئىدىم ئەپسۇس ، ئاخشام 90 مىنۇتتا يۈرەكنى يىرۋەتتى رىم نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۈپ ، پەسىل ئاخىرغىچە مۇشۇنداق مىڭىپ بەرسە قىشتا يەنە ئازراق قان تولۇقلايدىغاننىڭ گىپى بار ، رىمغا توتتى بولمىسا بولمايدىكەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-2 20:03:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىلەركى ئايلانمىدىن باشلاپ كۈچلۈكلەر ئۇچۇرشىشى باشلىنىدۇ ئەمدى مۇشۇنىڭدىمۇ كونا خۇيىنى داۋاملاشتۇرسا بولاتتى ، ئۇتتۇرماسلىق رىكورتى 14 مەيدانغا سوزۇلدى يەنە 4 مەيدان كۈچىسە ئۆزىنىڭ رىكورتىغا تەڭلىشىدۇ .
قىزىل بۆرىلەر ئۇۋىسىدىن چىقتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-12-2 20:18:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېرنېرنىڭ كوماندىدىكى رولىنىڭ بەك مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ھېس قىلدىم . مورىنھو دەۋرىدىكى ئېنتېر چۈشكە ئايلانغان چېغىۋا . مورىنھو ۋاقتىدىكى دىياگو مىلىتو ، پەندىفلار ھازىر نەدە ؟ توپ ئۇرغان خەۋىرىنىمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ !
يەنە بىر ئۆتۈنۈش ، تەقلىدى پۇتبول ئويۇنىنىڭ 2013 نۇسخىسىنىڭ ئىشەنچىلىك نۇسخىسى بولسا تەمىن ئەتساڭلار ! مەندەك ئەمدى يېشىل چىملىقتا توپ ئويناش پۇرسىتى بولمىغان مەستانە ئۈچۈن پۇتبول ئويۇنى بىردىنبىر ئەرمەك ئىدى ! تۆۋەنچىلىك بىلەن ياردەم سورايمەن !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-10 09:04

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش